ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،رۇسىيەنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى نىجگوردوسكىي رايونىدا ناھايىتى ھەيران قالارلىق بىر جاي بار.بۇ جاينىڭ خەرىتىدىكى ئىسمى كىروسنىكتىبارىسكىي بولسىمۇ ،يەرلىك كىشىلەر ئۇنى مىشارىستان دەپ ئاتايدۇ.بۇ يەر رۇسىيەنىڭ باشقا قىسىملىرى بىلەن زور ئوخشىماسلىقلار بار.مىشارىستان يېزىلىرى ناھايىتى كەڭرى ،پاكىزە ،ھەممە يەردە ياخشى سېلىنغان ئۆيلەر بار.بەلكىم بۇ يەر مۇشۇ رايوندىكى ياشلار چوڭ شەھەرلەرگە كەتمىگەن بىردىنبىر جاي بۇلۇشى مۇمكىن. مىشارىستان خەلقى ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن.سىز بۇلارنى ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ياكى ئۇلارنىڭ ئاشخانىسىدىلا بايقىيالايسىز.تاتارلار تاماققا ناھايىتى ئۇستا جۇمۇ !! گەرچە سوۋىت ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتتە ئۇلارنىڭ دىنىنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولسىمۇ،ئۇلار 200يىللىق ياغاچتىن قۇرۇلغان مەسچىتىنى ياخشى ساقلاپ قالغان.
مىشارىستان تاتارلىرى ئۇلارنىڭ ئاشخانىسىدا
مەسچىتكە يېقىن مەيداندىكى لېنىن ھەيكىلى
جامائەت ناماز ئۇقۇماقتا
يېزىدىكى ماگىزىن
مېيىت نامىزى
ئات گۆشى تاتار تائاملىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ
جامائەت بايىقى ئۆلۈم بولغان ئۆيگە پەتىلەپ كىرمەكتە ،ئۆي ئىگىسى پەتىگە كىرگەنلەر ئۈچۈن ساماۋەرلەردە چاي قاينىپ تەييار قىلدى.
ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئۆلۈم بولغان ئۆيدە بارلىق ئەينەكلەرنى ئاق لاتا بىلەن يۆگەپ قويىدىكەن ،بولمىسا مەرھۇمنىڭ روھى ئەينەكتە كۆرۈنۈپ قالارمىش.
بۇ كىشى پىشىن نامىزىنى ساقلىماقتا
ئاۋۇ قىزلارنىڭ كەينىدىكىسى 200يىللىق مەسچىت
بۇ 200يىللىق ياغاچ مەسچىتنىڭ ئىچى بۇلۇپ ،1995-يىلى يېڭىدىن مەسچىت سېلىندى.
200يىللىق مەسچىتنىڭ مۇنارىدىن يېزىغا بىر نەزەر
يەرلىك كىشى ئۆيىدە ناماز ئوقىماقتا
مىشارىستان يېزىلىرى
بۇ ياشانغان ئايال رايون دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىدىكەن
مەسچتىنىڭ ئاياللار ناماز ئوقۇيدىغان جايى
بۇ كىشى قەدىمىي بۆشۈكنى كۆرگەزمە قىلماقتا.
ئىنگىلىزچە روسىيە تورىدىن مۇئەتتەر تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-24 06:03 PM
|