ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم ئەزىزلىرى!
مەن ئاخشام بۇ تېمىنى يوللاپ بۈگۈن (يەنى مۇشۇ دەقىقىدە)تېمام تەستىقلانغانمىدۇ دەپ قارىسام،ۋاي ۋۇي قېرىنداشلىرىمنىڭ قىزغىنلىقنى كۆرۈپ بەكلا خوش بوپ كەتتىم.مەن بۇ مۇنبەرنى كۈندە يوقلاپ تۇرۇشنى ئويۋالاتىمەن.قىزغىنلىق بولمىغان مۇنبەرلەردە چۆگىلەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمغا ئېچىنغاندەك بولۋاتىمەن.
يۇقىردا ئىككى قېرىندىشىمىز سۇئال سوراپتىكەن،مەن ھازىرلا جاۋاپ بېرىۋىتەي.
قېرىندىشىمىز نەۋبەرنىڭ سۇئالى:
كومپىيۇتىردا رەسىمگە ئۇيغۇرچە خەتنى قانداق كىرگۈزىدۇ؟"幻灯片" دە كىرگۈزسە خەتنى ساقلىغىلى بولمايدىكەن،ئاسانراق ئۇسۇل بولسا ئۈگۈتۈپ قويساڭلارچۇ،پەقەت قىلالمايۋاتىمەن .
جاۋاپ:مەن بۇ دەرىسنى باشقىلارغىمۇ يوللاپ بەرگەن ،شوڭا خاتا چۈشەنمەي پايدىلىنىڭ.قايتا دەرىسلىك ئىشلەش،تور بوشلۇقىغا يوللاش ۋاقىت يار بەرمىدى.سىز كومپىيۇتىرىڭىزغا خىيال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ دىتالى(Hiyal IME) ۋە رەسىم تەھرىرلەش دىتالى بولغان Adobe Photoshop CS نى قاچىلىسىڭىزلا سىز سورىغان مەخسەتكە يېتەلەيسىز.
تۆۋەندىكى قىسقا دەرىسلىك فىلىمىنى كۆرۈڭ.