lokmanhakim يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 09:43 PM
بۇنداق ئاچارچىلىقنىڭ يەنە بىر قىتىم تەكرارلىنىشىدىن ئ ...
بىر ماتىريالدا يازغۇچى ئاچارچىلىقتا ئىچكىردە ئۆلگەنلەرنى 45 مىليۇن دەپ كېلىپ، ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازغان:« بىزنىڭ ئېنىقسىز ئىگەللىگەن مەلۇماتىمىزدا ئىچكىردە 45 مىليۇن كىشى ئۆلگەن، شىنجاڭ ئالاھىدىرەك، ئەمەلدارلىرىغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ، يەرلىكلەر بولسا راس گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇڭا، بىز شىنجاڭدا ئۆلگەنلەرنى ئىستاستىكا قىلىشقا ئامالسىز قالدۇق. ئەمەلىي ساننى شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، شۇ يەرلىكلەر ئۆزلىرى ئىستاستىكا قىلىپ جاھانغا ئاشكارىلايدۇ».
ئەينى ۋاقىتتا «سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش» مودا بولغان، يەنى، گۇاڭجۇ بىر مو يەردىن 1000 جىڭ ئاشلىق ئالدۇق دەپ خەۋەر بەرسە باشقا شەھەرلەر 2000 جىڭ دەپ ئېلان قىلىدىغان. شۇ چاغلاردا ئەڭ يۇقىرى رىكورت ھەربىر مو يەردىن 100000جىڭ ئاشلىق ئالدۇق دەپ يارىتلغان. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدا ھەممە ئادەم پولات تاۋلاشقا چىقىپ كەتكەن، ئېتىزلاردىكى زىرائەتلەرنى ئورۇشقا ئادەم يوق، ئېتىزدىلا سېسىپ تۈگىگەن. بەزى يەرلەر پولات تاۋلاش ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېتىزدىكى بۇغداي، شال، قوناقلارنى شۇ پېتىچە ئاپىرىپ كۆيدۈرۈپ پولات تاۋلىغان.