篮球美女 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 01:15 PM
لېكىن يەنىلا خۇلاسە قىلىدىغان بولسىڭىز بىر فورمىلادى ...
مەن ئۇنداق قارىمايمەن.
ئەقىل _ ئۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىسسىق - سوغۇقلارنىڭ مۇجەسسەملىنىشى، تەجرىبىسىنىڭ، ساۋاقلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن تېخىمۇ ئىلغارلىشىپ ھەم مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ.
كۆڭۈل _ بۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەقىل بىلەن ئىش قىلساق ئاسان خاتالاشمايمىز، لېكىن كۆڭۈل بىلەن ئىش قىلساقچۇ؟ بۇ تېمىدا شۇ ئەقىل بىلەن ھۆكۈم قىلالماي كۆڭۈل ئالدىدا ئەقىلنىڭ ھېچقانچىلىك رولى قالمىغانلىقى، ھېسسىياتنىڭ ئەقىل ئالدىغا ئۆتۈۋالسا ئادەم ئامالسىز قالىدىغانلىقى قىسقىچە قىلىپ سۆزلەنگەن.
ئۇ ئىتوتتا بولسا مۇكەممەل بولمىغان ئادەمنىڭ ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئىككى تەرىپى يورىتىلغان. يەنى ياخشى تەرىپى بىلەن يامان تەرىپى.
ياخشى ئادەمنىڭ ئەسكى ئىش قىپ قويدىغان چاغلىرى بولىدۇ. ئەسكى ئادەمنىڭمۇ ياخشى ئىش قىلىپ قويىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. ئادەم پۈتۈنلەي ئەسكى ياكى پۈتۈنلەي ياخشى بوپ كەتمەيدۇ.
ئادەمنىڭ ئەقىل ۋە ھېسسىيات ئارىسىدا تەمتىرەپ قېلىشى بىلەن ئادەمنىڭ ياخشى - يامان تەرىپىنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى مېنىڭچە بىر فورمۇلادا ئەمەس. گەرچە قىسمەن چىشلىشىپ قالىدىغان يەرلىرى بولسىمۇ...