توۋا دەيمەن، ھەر قانداق نەرسىدىن تۈك تىرىيەلەيدىغانلار باركىنا. تېمىنى ئوقۇپ بوپلا ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ باقاي دەپ قارىسام، بۇ تېمىدىنمۇ تۈك تېرىلىپتۇ. خۇدايم توۋا دەپ ياقامنى چىشلىدىم، بۇ تېمىنىڭ باشقا يېرىنى تولا تەھلىل قىلماي، قىزىقارلىق ۋەقەلىكنى ئوقۇپ، ناچار كەيپىياتىنى تەڭشىسە بولمامدىغاندۇ دەيمەن. قۇسۇر ئىزدىمەيدىغان نەرسىمۇ قالمىغان ئوخشايدۇ. ئەسلىدە ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ شۇنداق زېرىكىپ كەتكەنىدىم، لېكىن بۇ تېمىنى ئوقۇغۇچە قاقاھلاپ كۈلۈپ، كەيپىياتىممۇ قەۋەتلا ياخشىلىنىپ قالدى، بىزگە پەقەتلا شۇ كۈلكىلىك يېرى تەسىر قىلسىلا بولدىغۇ؟ بۇنداق دېسەم بىر قىسىم قېرىنداشلار مېنى تېما ئىگىسى بىلەن تونۇشلىقى بولسا يان بېسىۋاتامدىكىن دەپ قالماڭلار. تېما ئىگىسىمۇ دەپتىغۇ ئۆزى ئاقسۇ ئاۋاتتىنكەن، مەن قەشقەردىن. ئىشقىلىپ بۇ تېمىدىن تۈك تەرگەنلەر، بىمەنە دىگەنلەرنىڭ بۈگۈن سەل مىجەزى يوق بوپ قېلىپ، بىرەسىدىن دەردىنى ئالالماي قالغان چېغى. شۇڭا بىرەسىنى چاققىسى كىلىپ قالغان ئوخشايدۇ. شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلساڭلارلا ئۇنچە تەھلىل قىلىپمۇ ھېرىپ كەتمەيسىلەر قېرىنداشلار.
قېنى بۇ تېمىدىن مەندەك ھەقىقىي زوق ئېلىپ قاقاھلاپ كۈلەلىگەن قېرىنداشلار يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ كەيپىياتىمىزنى يەنە بىر تەڭشەيلى. قېنى مەرھەمەت...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gunqa721 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-31 08:55 PM