تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان كورد ئىشچىلار پارتىيىسىنى تۈركىيەدىن ئايرىلىش ئالدىدا قۇرالنى تاشلاشقا دەۋەت قىلدى
شىنخۇا تورى ئەنقەرە 29-مارت تېلگىراممىسى (مۇخبىرلار جېڭجىنفا ،لىمىڭ) تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان مۇنداق دىدى:ھۆكىمەتكە قارشى كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىقلىرى تۈركىيەدىن چېكىنىشتىن ئاۋال چوقۇم قۇرالنى تاشلىشى كېرەك.
ئەردوغان شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دىدى:نۆۋەتتە 1500دىن2000غىچە كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىقلىرى تۈركىيە چىگرىسى ئىچىدە .تۈركىيە ئۇلارنى قۇرالنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىپ،تېخىمۇ زور قارشىلىشىشتىن ساقلىنىدۇ،چۈنكى تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىمى قۇرالنى تاشلىغان كورد ئىشچىلار پارتىيىسى ئەزالىرىغا ھەربىي ھەركەت قوللانمايدۇ .
قاماقتىكى كورد ئىشچىلار پارتىيىسى رەھبىرى ئېجىيالەن 21-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ ،كورد قۇراللىقلىرىنىڭ ھۆكىمەت ئارمىيىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشۇشنى توختىتىپ ،كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىقلىرىنى قۇرالنى تاشلاپ ،تۈركىيە زىمىنىدىن چېكىنىشكە مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئېجىيالەن كورد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ ،1999-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە ئىستانبول ئەتراپىدىكى ئىمرال ئارىلىغا قامالغان.ئۆتكەن يىل 10-ئايدىن بېرى تۈركىيە ھۆكىمەت تەرەپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ،كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىقلىرىنى قۇرالنى تاشلاشقا مۇراجىئەت قىلغان .
كورد ئىشچىلار پارتىيىسى 1978-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ،قۇرال كۈچى ئارقىلىق تۈركىيە ،ئېران ،سۈرىيە چىگرىلىنىدىغان كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.بۇ تەشكىلات تۈركىيە ھۆكىمىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قۇراللىق خادىملىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئېراقنىڭ شىمالىي قىسىمىدا مۆكۈپ يۈرگەن بۇلۇپ،دائىم تۈركىيە چگرىسى ئىچىگە كىرىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ.
مەنبە :شىنخۇا تورى(http://news.xinhuanet.com/world/2013-03/30/c_124522279.htm)
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-31 09:06 AM):
تور ئادرىسى:(
http://news.xinhuanet.com/world/2013-03/30/c_124522279.htm)