qolpan7 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 05:26 PM
ئەگەر سىز توغرا-خاتانى پەرق ئېتەلىگەن بولسىڭىز «مەيل ...
توغرا، مېنىڭ بۇ ئادەم بىلەن ھېچقانداق ئۆچ- ئاداۋىتىم يوق. ماڭىمۇ ھېچقانداق زىيان- زەخمەت يەتكۈزمىدى. ئەمما ئۇنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بۇ ئادەمدىن سەسكىندىم. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلاردا «ئۇينىڭ مۆڭگۈزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىرقىراپتۇ» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ.
مەن بىلەن ئۆچ- ئاداۋىتى بولمىسىلا ياقتۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ مەن بىلەن ئۆچ- ئاداۋىتى يوق ئەمما مەن ياقتۇرمايدىغان ئادەملەرمۇ خېلى بار. مېنىڭ ئاپپاق خوجا بىلەن ھېچقانداق ئۆچ- ئاداۋىتىم يوق. ئەمما مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن. چۈنكى ئۇ بىزنى 300يىل ئاتسىز قويدى. قاراخانىيلاردىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن خانلىقنى ۋەيران قىلىپ ئەجدادلىرىمىزنى جۇڭغارلارغا قۇللۇققا تۇتۇپ بەردى....
مەن ئىسمىنى ئاڭلىغان ئەمما ئۆزى ياشىغان جايلارغا بېرىپ باقمىغان بولساممۇ ياقتۇرىدىغان چەتئەللىك ئادەملەرمۇ بار. مەسىلەن، ئۆمەر مۇختار، جامالىدىن ئافغانى، مۇختەر شاخانوۋ....