talpak يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 11:39 PM
كىتاپخانا بولغاندىلا كىتاپ بولىدۇ ، كىتاپ بوغلاندىلا ...
بۇ گېپىڭىزدە خاتالىق بارلىقىنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ كىتابخانا دېگەن سۆزنىڭ ياسىلىشىدىنلا بىلىشىڭىز كېرەككى، كىتاب بولغاچقىلا كىتابخانا بولالىغان. كىتابخانا پەقەت كىتاب تىجارىتى قىلىدىغان سورۇن، خالاس. مېنىڭ ئۆيۈمدىمۇ نۇرغۇن كىتاب بار، لېكىن كىتابخانا يوق. ئەگەر ئۇ كىشى 4مىليۇن مەبلەغ سېلىپ كۈتۈبخانا ئاچقان بولسىدى، ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشقان بولار ئىدى.
ھېلىھەم ئۇ كىشىگە چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار. 4مىليون ئاز پۇل ئەمەس. لېكىن، يەنىلا «sardor»نىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن. ئىلگىرى مەنمۇ «كىتابخانا خىزمەتچىسى بىر بولسا بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغىغان غەۋۋاس بولىدۇ، بىر بولسا ئالتۇنلارنى دەسسەپ يۈرۈپ بايلىق ئىزدەۋاتقان قارىغۇ»دەپ يازغانمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tax1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-2 11:54 AM