قەدىرلىگن پۇرسەتنى ئۇ قۇلۇڭدىن كەتكۈچە،
قەدىرلىگىن ياشلىقنى قېرىلىققا يەتكۈچە.
قەدىرلىڭىن ۋاقىتنى جانغا ئەجەل يەتكۈچە،
قەدىرلىڭىن پۇرسەتنى ئۇ قۇلۇڭدىن كەتكۈچە.
قىلغىن ئوبدان قەدرىنى قول ئىلكىڭدەبارىدا،
ئايرىلغاندا ئاھ ئۇرۇپ ھۇشلىرىڭدىن كەتكۈچە،
ئەسقاتمايدۇ پۇشايمان ،يېنىپ كەلمەس كەتكىنى،
قەدىرلىگىن پۇرسەتنى ئۇ قۇلۇڭدىن كەتكۈچە.
.....
......
تەقدىر_قىسمەت رەھىمسىز، دىدار بەكمۇ قىممەتلىك،
قەدىرلىڭىن ۋىسالنى ئاخىرقى مۇددەتكىچە.
ھازىر بارلار ھېلى يوق،جان بۇ تەنگە ئامانەت،
قىلساڭ ياخشى گەپنى قىل ،يامانلىقتىن ئەل بىزار.
قىلساڭ ياخشى ئىش قىل ئەتىگەندىن كەچكىچە.
دۇنيا بىزگە سىناقتۇر،يامان نامدىن يىراق تۇر،
قەدىرلڭىن پۇرسەتنى ئۇ قۇلۇڭدىن كەتكۈچە.