|
|
|
|
ئوتتۇرىدىكى قىز شۇ
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىمىز،بۇ قىز چىمەن يېزا كۆكتىكەنئېرىق كەنت5-گۇرۇپپىدىكى بىر يالغۇز بىچارە ئانىنىڭ ،ئاتىسىز ھالەتتە مىڭبىر جاپا-مۇشاقەتتە ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان يۈرەك پارىسى بولۇپ،بۇ قىز كۆز ئالدىمىزدىكى رەڭگارەڭ تۇرمۇشنىڭ ۋاقىتلىق قايمۇقتۇرۇپ قويۇشى ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ بەزىبىر گەپلىرىگە قىزىقىپ قېلىشى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئۇقۇشماسلىق سەۋەبى بىلەن 2013-يىلى 1-ئاينىڭ2-كۈنى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن .بۇ قىزنىڭ بىچارە ئانىسى ئورنىمىزغا كىلىپ بۇ قىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بايان قىلىشىچە ،بۇقىز بىلىپ –بىلمەي بەزىبىر خاتا يول قاينىمىغا كىرىپ قالغان.بىچارە ئانا بولسا پەرزەنتىنىڭ دەردىدە نېرۋىسىدىن ئادىشاي دەپ قاپتۇ.بۇ ئانىنىڭ نالە پەريادى ۋە ئارزۇ –ئۈمۈدى بويىچە ئۇشبۇ مۇراجىئەتنامىنى يازدۇق.ئويلايمىزكى ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلمەي تۇرۇپ ،خاتا قەدەم ئېلىپ كېتىۋاتقان ،ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن بۇ قىزنى بۇ پاتقاقتىن قۇتۇلدۇرۇپ،تۈگىشىپ كىتەي دەپ قالغان بىچارە ئانىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇشتا ھەر-بىر قېرىندىشىمىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە مەجبۇرىيىتى بار. شۇڭا ھەر-بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئەتراپىغا ھىسداشلىق نەزىرى بىلەن قاراپ بېقىشىنى،سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشىنى ،بالىنى ۋە ئانىنى قۇتقۇزۇشقا ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۇمىد قىلىمىز . قىزنىڭ ئىسمى:ئايشەمگۈل نىياز كىملىك نومۇرى :652923199505103329 ئەسكەرتىش :(ئايشەمگۈل نىياز ئەگەر سىز مەزكۇر مۇراجەتنامىنى كۆرسىڭىز ياكى ئاڭلىسىڭىز دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ .ئاپىڭىز سىزنىڭ دەردىڭىزدە بەك ئاجىزلاپ كەتتى ...) تېلىفۇن :7150990 13319976652
|
|
|
|
|
|