nazigul8 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 05:44 PM
تېما ئىگىسى ئەجرىڭىزگە رەھمەت، خېلى كۆپلەرنىڭ كۆڭلىدى ...
دىنىمىزدا ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە تەشەببۇس قىلىشتىن سىرت دىنىي بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشكە چاقىرغان.
باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ دىن ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقساڭلار. دىننىڭ قائىدىلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ ،مەلۇم نۇقتىنى ئۆلچەم قىلىۋىلىپ، دىنىمىزنىڭ مەلۇم قائىدىسىنى ياقتۇرۇپ، مەلۇم قائىدىلىرىنى ئۆزىمىزچە باشقىچە ئۆزلەشتۈرۈۋالساق بولمايدۇ. شۇڭا دىنىي بىلىم بولماي تۇرۇپمۇ دىن توغرىسىدا خالىغانچە پەتىۋا پىچىشمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ! شۇڭا دىنىمىزدا مەجبۇرلاش بولمىغاندىكىن، قۇلىقىمىزغا ياقمىغان مەزمۇنلار چىقىپ قالسا، ئىجرا قىلىشنى خالىمايدىغانلار ئىجرا قىلمىسا مەيلى، لېكىن دىنىي بىلىملەرگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، خالىغانچە سۆزلىسەك، كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، دىنىمىز پەننى ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىدۇ، بۇنىڭدا چاتاق يوق! ھازىر دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان چالا موللىلاردىن سىرت، دىننى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ تور ئالدىدىلا ئولتۇرۇۋىلىپ، دىنىمىزنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، مەلۇم نۇقتىنى قارىغۇلارچە ئاساس قىلىۋىلىپلا، دىنىمىزنىڭ مۇھىم قائىدىلىرىگە چاقچاق قىلىشىدۇر! بۇ نەچچە يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ ، ئىناق ئىتتىپاق بولۇشىمىزغا بەك تەسىر قىلىۋاتىدۇ.
شۇڭا دىننىي چۈشىنىشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ پەننىي بىلىملەردىن سىرت دىنىي بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. باشقىلارغا داغدۇغىلىق تەربىيە قىلىشتىن بۇرۇن ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىساق، ئۇقماي تۇرۇپ دىل ئازارى قىلمىساق!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ھەممە قېرىنداشلىرىمغا بىرلىك ئىتتىپاقلىق تىلەيمەن!