uysoda يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 10:01 PM
ئەتە -ئۆگۈن ئەتراپىڭىزدىكى ( ئارتىس ) لارنىڭ ئۆيلىرىدە ...
ئارتىسلارنىڭ ئۆيىدە بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەي، پۇخرالارنىڭ ئۆيىدىمۇ ئاستا-ئاستا ئومۇملىشىشىنى خالايتتۇق.چۈنكى مەنمۇ شۇ پۇخرالار ئىچىدە ئەمەسمۇ.
تېمىڭىزغا رەھمەت، دايىم مۇشۇندا تېمىلارنى يوللاپ، تېخنىكا كەشپىياتلىرىغا ئادەمنى قىزىقتۇرسىز.
كىم بىلدۇ، مۇشۇ بانادا، بۇلارنى كۆرۈپ، مەنمۇ مۇشۇنداق كەشىپ قىلىپ باقسامچۇ دەپ روھىي ئوزۇق ئېلىپ، ئىلھام ئېلىپ، باشقىچە يېڭى كەشپىياتلارنى يارىتىدىغانلار چىقىپ قالامدۇ تېخى.
شۇڭا مۇشۇندا تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
شەخسلەرنىڭ(ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن) ئىسمى ئاتىلىپ تۇرۇپ، توردا ئەيىبىنى سازايى قىلىدىغان (يەنى ئۇيغۇر تۇرۇپ، ئۇيغۇرنى سازايى قىلىدىغان) تېمىلاردىن، سىزنىڭ بۇ تېمىلىرىڭىز مىڭ مەرتىبە ياخشى ياخشى.
مۈمكىن بولسا ۋاقتىڭىز چىقسا، يەنە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئۇيغۇر كەشپپىياتچىلارنىمۇ ئارىلاپ تونۇشتۇرۇپ تۇرالىسىڭىز تېخىمۇ ياخشىتى.
سىزمۇ ئىزدىنىشكە ئامراقكەنسىز، سىز ياسىغان ئېلىكتىرلىق نەرسىلەرمۇ ئاز ئەمەس، سىزنىڭمۇ شۇ ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-2 09:47 AM