مۇھەببەت
مۇھەببەت __ ئانىنىڭ مېھىرلىك سۆيۈشى ۋە دادىنىڭ ئىللىق پەپىلەشلىرى.
مۇھەببەت __ ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا چىن كۆڭلىدىن سوۋغا قىلغان ئەتىر گۈلى، ئۇ بولسا كىچىك بالىغا بولغان كۆيۈنۈش.
مۇھەببەت __ دوستلۇق دەرىخى .
مۇھەببەت __ بىر بىرىنى چۈشىنىش ھەمدە قوللاش.
مۇھەببەت __ باشقىلارغا كەڭچىللىك قىلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن قۇربان بېرىش.
مۇھەببەت __ ئاسماندىكى مەڭگۈ پاتماس قۇياش .
مۇھەببەت __ ئىلھامنىڭ بۇلىقى .
مۇھەببەت __كۆڭۇل يارىسىنى داۋالايدىغان خاسىيەتلىك دورا .
مۇھەببەت __ ئۇ تۈن كېچىدىكى شام ، قەھرىتاندىكى مەش .
مۇھەببەت __ بىر تال ئاچقۇچ ،ئۇ ئارقىلىق قەلىب ئېشىكىڭىزنى ئاچالايسىز ھەمدە تاقىيالايسىز .
مۇھەببەت چەكسىز قۇملۇقتىكى بىر يېشىللىق ئارىلى ، ئۇ ھېرىپ - ئاچقان يولۇچىلارغا كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ .
مۇھەببەت __ دېڭىزدىكى بىر پورت ، ئۇ چارچىغان ماترۇسلارغا ئاراملىق ھېس قىلدۇرىدۇ .
مۇھەببەت __ يېقىملىق ئىللىق شامال ، ئۇ ھاياتتىكى ئەندىشىلىك ۋە ئازاپلارنى ھېس قىلدۇرىدۇ .
مۇھەببەت __ "مۇئەللىم"نىڭ ئاغرىق ھالدا دەرس سۆزلىگەندىكى ئىرادىسى .
مۇھەببەت __ دەرس ئارلىقىدىكى مۇئەللىمگە سۇنۇلغان بىر پىيالە ئىسسىق چاي .
مۇھەببەت __ ئاتا - ئانىغا ئەھمىيەتلىك كۈنلەردە قىلىنغان سوۋغات .
مۇھەببەت __ قۇشلارنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ باللىرىغا بولغان كۆيۈنىشى .
مۇھەببەت __ ئەرنىڭ ئايالىنى كۈنلىشى .
مۇھەببەت ___.......... مۇھەببەت __......
مۇھەببەت __ ئىنسانلار قەلبىدىكى سەمىمىيلىك ، ئاق كۆڭۈللۈك ، مېھرىبانلىق ، كۆيۈمچانلىق ،ساپ ئەقىدە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ئەڭ نازۇك تۇيغۇ . بۇ نازۇك تۇيغۇ ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنى ،تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ھاياتلىقنى بىر - بىرىگە باغلاپ ،كىشىلەرگە ياشاشنىڭ چىن مەنىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ .
مەنبە : مۇھەببەتتىن