مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: teskin

مۇقام دىيارى ،بادام يۇرتىدىكى-چېچەك بايرىمى(رەسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3683
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28384
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5202 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 02:04:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلنازە يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 01:55 PM
ئۆزىڭىز دەپسىزغۇ، م ت ۋ ئىشلىگۈدەك .... دەپ، شۇڭا، ھىكا ...

م ۋ  دىسىڭىز مەن تېخى نىمە دەيدىغاندۇ دەپتىمەن .
ئاشۇ بادام چىچەكلىرىنىڭ ئارىسىدا م ت ۋ غا ياراشقۇدەك چىرايلىق بىر قىز بولغان بولسا شۇنداق قىلاتتۇق .
سىز كىلىپ ئوبراز يارىتىپ باقامسىز يا ؟

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

چۈشەنمىسەڭ ئىشەنمە!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93631
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-3-20
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 02:10:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 01:59 PM
سىزمۇ بادام پورمىلاش ، بادام ئۇللاش بىلەن ئالدىراش بو ...

بادام  تىكىش بىلەن ئالدىراش بوپ كەتكەن ئۆتكەن ھەپتىدە، تۇتامدۇ تۇتمامدۇ  ئۇقمايمەن، پارنىكتىن يۇلۇپ ئەكەلگەن باداملارنى زورلاپ ساتتى  ئەمەسما  يىلتىزى بار يوقلىقى بىلەن كارى  يوقلا

ئــويغىنىــپ كــەتتى جــاھــان، مــەغــرىبى مــەشرىق تــامــان!
مــەن تــىـخى سـۈت ئــۇيـقــۇدا چــۈش كــۆرۈپ يــاتــارىمــەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3683
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28384
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5202 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 02:50:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bishem يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 02:10 PM
بادام  تىكىش بىلەن ئالدىراش بوپ كەتكەن ئۆتكەن ھەپتىدە ...

ئىش ئورنىڭىزنىڭ قوراسىغىمۇ ياكى تېرىم يەرگىمۇ ؟
بۇنداق شەكىلۋازلىق كەڭ ئۇچرايدۇ دە يېزىلاردا ... ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى بىر ئەمىلى چوڭراق رەھبەرنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىغان مۇنداق گەپ بار ئىدى ، ‹ بۇ يىل دىھقانلارغا تاڭغان كۆچەتتتىن قىرىق مىڭ كويچە پايدا قاپتۇ ، ئەسلى پىلان بويىچە  يەتمىش مىڭدىن ئاشاتتى ھى ھى ھى ....› ... بۇ ئادەمنىڭ سېرىق چىشلىرىنى چىقىرىپ تۇرۇپ گەپن ىقىلىپ بولۇپ كۈلگەن چىرايىغا قاراپ بەكمۇ يىرگىنىپ كەتكەن ئىدىم .

مۇشۇنداق چۈپرەندە رەھبەرلەرجېنىدا بىر پەسىلدە قىرىق ئەللىك مىڭدىن ھارام يىسە قالغان پەسىللەردە ئاق پلى ، قاق پۇلى بولۇپ يەنە قانچىلىك پۇلنى ھارام يەيدۇ  ئۇنىڭدىن چوڭراق ئەمىلى بار چوڭ رەھبەرلەرچۇ ؟
مانا بۇ سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدىكى كەچۈرگىلى بولمايدىغان پارىخورلۇق ۋە جىنايەت !

ئۆتكەن يىلى مەلۇم بىر يېزىدىكى دىھقانلارنىڭ ھال داتلىشى بىلەن ئۇلارغا ئىسپات توپلاش ئۈچۈن مەخپى ھالدا مەجبۇرى يۇسۇندا ئەمدىلا مىۋىگە كىرگەن باداملارنى كىسىپ ، ئورنىغا ياڭاق تىكىش جەريانىنى سۈرەتكە تارىتقىلى چىققان ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن يەرلىكتىكى بەزى چېقىمچى دىھقانلار يەرلىك ھۆكۈمەتكە چېقىپ قويۇپ بىردەمدىلا كەنىت باشلىقى ، يېزا باشلىقى ۋە يەرلىك ساقچىخانىدىن كىلىپ مىنى قورشاۋغا ئېلىپ نەق مەيداندا نۇمۇس قىلماستىن ، مىنى قۇتراتقۇلۇق قىلدى ، دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئەيىپلەپ ئاندىن يېزا مەركىزىگە ئېلىپ بارغان ئىدى .
ئۇلارنىڭ يەرلىكتىكى ئاۋام خەلق ئالدىدا مىنى قۇراتقۇ دىگەندەك ئەيىپلەشلىرىدىن تولىمۇ ئاچچىقىم كىلىپ ئۇلار بىلەن نەق مەيداندا تىكلىشىپ قالغان ئىدىم

قارىسام بەكمۇ ئەيىپلەپ كەتتى ھەم ئاپراتنى تارتىلۋالدى ، ئارقىدىن سەن تەلەپپۇزى بىلەن < ساقچىخانىغا ماڭ > دىگەن ئىدى شۇنىڭ بىلەن نىمە كۈن كۆرسەم كۆرەي دىگەن ئاساستا ، < قايسىبىر قانۇنىڭدا دەل دەرەخلەرنى سۈرەتكە تارىتقان پۇقرانى ساقچىخانىغا يالاپ ئاپار دەيدىغان گەپ بار ئىكەن ، شۇنداق قانۇن بولسا ئەكىلە ئالدىمغا ئۇ ۋاقىتتا سولىساڭمۇ ، ئاپارساڭمۇ مەن تەييار ، ئەمما ئۇنداق بولمايدىكەن ئاپىرىپ سولاپ قويغان بىلەن چىقارمىقىڭ تەسكە توختايدۇ ، مىنىڭمۇ خىلى ساۋادىم بار > ...دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتىمەن .
ئۇنى ئاڭلاپ يانا بىر يالاقچى < ماۋۇ دىگەن شاڭجاڭ ، ئەدەپسزىلىك قىلما > دىگەن ئىدى < شاڭجاڭ بولسا ئۆزىگە > دىيىشىم بىلەن تەڭ ھېلىقى يېزا باشلىقى دىگەن پور كۆتەك بىر ۋارقىشى بىلەن تەڭ ئىككى ئامانلىق قوغدىغۇچى ئىككى بىلىكىمدىن تۇتقىنىچە مىنى يېزىلىق ھۆكىمەت قورۇسى ئىچىگە ئېلىپ بارغان ئىدى .
ئۇنىڭغىچە ماڭا ھال داتلاپ ، ئىسپات توپلاش ئۈچۈن مىنى ئېلىپ چىققان دىھقانلار كەينىمدىن بېرىپ بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئېيتقىنىدا مەن بىلەن كارى بولمىغان ئىدى .
كىيىن ئاڭلىسام يېزا باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھبەرلەر ئۇ دىھقانلارغا ئىشنى چوڭايىتۋەتمەسلىك ، مەلۇم دەرىجىدە ھاجىتىدىن چىقىش توغرىسىدا كۆڭۈل بۆلۈپتۇ ، ھەم مىنى ئۆزىگە باقماي چوڭ سۆزلەيدىغان نىمىكەن ...دەپتىمىش ...
ئۇ ئىشلاردا ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ تەڭسىزلىك ھەم ھاقارەتكە ئۇچرىغىنىمدىن قاتتىق نارازى بولۇپ ھېلىقى سىن ۋە سۈرەت ماتىرياللىرىنى تازا رەڭ تەڭشەپ ، سەنئەت ئۆمەكتىكى بىر قىزغا ئاۋاز بەرگۈزۈپ  يۈرەكنىڭ تارىنى چەككۈدەك قىلىپ ، ئەرزنامە سۈپىتىدە ئىشلەپ بەرگەن ئىدىم ، ھېلىقى ھاجەتمەنلەر ئۇ پىلاستىنكىنى بىۋاستە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ ھال داتلاپتىكەن ، ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپتۇ ھەم قىزغىن ھال سوراپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن مىۋىلىك دەرەخلەرنى كىسىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرمىگەنلىكى ، يەرلىك ھۆكىمەتنىڭ خاتا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۆزرىھالىق سوراپتۇ .
كىيىنكى كۈنلەردە ئۇ دىھقانلار ماڭا تىلىفۇن قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەم ھېلىقى يېزا باشلىقىنىڭ خىزمىتىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكى ، مۇئاۋىن يېزا باشلىقىغىمۇ خىلى ئېغىر چارە كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى .
ئۇنى ئاڭلاپ ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى ، ئەسلى ئۇنداق مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان ، تەكەببۇرلۇق بىلەن خىزمەت ئىشلەيدىغانلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش چارىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش ...
بىراق يەرلىكتىكى نۇرغۇن دىھقان ۋە ئامما بۇنى بىلمەيدۇ ، ئەكسىنچە خۇددى مىنى ئاشۇ يەرلىك كادىرلارغا چىقىپ قويغان  پوداقچى دىھقانلاردەك چاپارمەنلەر بولغاچقا يەرلىك كادىرلارنىڭ تېخىمۇ خوررىكى ئۆسىدۇ .


سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا مەجبۇرى يۇسۇندا زورلاپ سېتىش ، زورلاپ پۇل يىغىش ۋە زورلاپ كۆلەملەشكەن مىۋىلىك دەرەىلەرنى كىسىشتەك پۇقرالارغا بېسىم بولدىغان ئىشلار بولسا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ، تۈزۈملەرگە تايانغان ئاساستا رەت قىلساڭلار بولىدۇ .



كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

چۈشەنمىسەڭ ئىشەنمە!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93631
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-3-20
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 03:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 02:50 PM
ئىش ئورنىڭىزنىڭ قوراسىغىمۇ ياكى تېرىم يەرگىمۇ ؟
بۇند ...

ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ تىرىلغۇ يەرنىڭ، ئىش ئورنۇم قۇرۇسسىغا بادام تىكسەك  تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش بولار.
بۇنداق ئىش تۆۋەندە كۆپ،  شىنجاڭ  خەلىق رادىئو ئىستانىسنىڭ كەسىپ ئىستىلى پىروگىراممىسىغا  قانچە قىتىم دادلاپ تىلفۇن قىلىپ  يىزىمىزنىڭ  بۇنداق  ئىشلىرىنى تولا  دەپ كەتتى،  قوينۇمدىن تۆكۈلسە قونجۇمغا دىگەندەك  50 كىلولۇقنىڭ ئورنىغا 60 كىلولۇقتىن بىرى سەپلىنىپ ماڭىدىكەن....

بەزىبىر ئىشلارنى ئوچۇق ئىيتىپ يۈرمەي بولدى .

ئۈستىدە  دەپ ئۆتكەن ئىشلىرىڭىز كۆز ئالدىمغا كىلىپ  ئەجەب كۈلۈپ كەتتىما ، يامانلىقىڭىزنى  نىم دەي

ئــويغىنىــپ كــەتتى جــاھــان، مــەغــرىبى مــەشرىق تــامــان!
مــەن تــىـخى سـۈت ئــۇيـقــۇدا چــۈش كــۆرۈپ يــاتــارىمــەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1503
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1080 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 04:05:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 02:04 PM
م ۋ  دىسىڭىز مەن تېخى نىمە دەيدىغاندۇ دەپتىمەن .
ئاشۇ ب ...

ۋوي شىرخان، بۇ گەپ سەل ئېشىپ كەتتىمۇ نىمە؟ شۇ چىچەكلەرنى پەرۋىش قىلىپ، چىچەككە كىرگۈزگەن قىزلار ئىچىدىن م ت ۋ غا ياراشقۇدەك قىز چىقمىدى دىسىڭىز... ھېلى شۇ قىزلار كىرىپ گەپكە كۆمۈۋەتمىسۇن سىزنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3683
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28384
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5202 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 04:10:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bishem يوللىغان ۋاقتى  2013-4-5 03:18 PM
ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ تىرىلغۇ يەرنىڭ، ئىش ئورنۇم قۇرۇسسى ...

ئۇ دىگەن راس بولغان ئىشلار ، ئۇندىن باشقا يەنە بىر يېزىغا داچا سېلىشقا پىلانغانلغان يەردىكى مىۋىلىك ياڭاق كۆچەتلىرىگە ھىچقانداق تولۇقلىما پۇل بەرمىگەن ئاساستا كىسىپ ، يەنى قۇرۇلۇش قىلىش ئىشلىتىدىغانلىقىنىمۇ  ئىسپاتقا ئېلىش ئۈچۈن چىققان ئىدىم .
ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش ، يەرلىك كادىرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىدىم .
بەلكىم ئۇنداق ئىشلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يول يورۇق دائىرىسىدە بولمىغاچقا ھەم دىھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويمىغچقا شۇڭا سىرىتقا يېيىلىپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان گەپ .

ھاكىمىيەتنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش سوتسىيالىزىمنىڭ بۈيۈك شۇئارى ۋە پىرىنسىپى بولسىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك بەزىبىر ئورۇنلاردا يەنىلا خەلقنى نارازى قىلىدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئىكەن .
مىنىڭچە راسىئو ئىستانسىسىغا تىلفۇن قىلىپ ئەۋال ئىنكاس قىلغاننىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولمايدۇ .
تالادىكى يات ئادەم سىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلسا سىزگە ئازتولا ياقماي قالىدۇ شۇ ...
ئۇنداق قانۇنسىز ئىش بىجىرگەن ، قانۇننى كۆزگە ئىلمىغان قىلمىشلارنى بايقىغاندا ئاۋۋال ئىسپات توپلاپ ، ئاندىن ر دەرىجە يۇقىرى بولغان  ئورۇنلارغا پاش قىلىپ قانۇنلۇق ھوقۇق پەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرگەن تۈزۈك .


كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش