مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 阴阳师

سىرلىق قاتىل   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پادىشاھ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 01:22:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
قانۇن تۈزۈملەرگەئاڭلىق رىئايەقىلايلى!..

بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93489
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 01:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاييەي،نىمداق ۋەھىمىلىك.....قورقۇپ تۇرساممۇ ئاخىرىنى ئوقۇغۇم كېلىۋاتىدۇ.جاپا چېكىپسىز،داۋامىغا تەشنامەن.

ئۆتىۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس،بەلكى،ئۆمۈردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 881
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 01:51:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىز تىز داۋامىنى  يىزۋىتڭڭە تازا قىزقىپ ئوقۋاتسام تۇگەپ كەتتىيا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6484
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 714 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 02:06:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئاخىرى چىققىچىلىك قاراپ كېتىدىغان بولدۇمدە ، نەۋاق مىسرانىمدىكىلەر قورقۇنۇچلۇق ھىكايە يازمىغىلى ؟

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88675
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 02:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ مۇشۇنداق   ئەسەرلەرگە  بەڭ  ئامراق     بەك   قىزقىپ قالدىم ،   داۋامىنى   ئىنتىزارلىق  بىلەن   كۇتىۋاتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6677
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3463 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 04:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12545
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8507
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 818 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 06:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز

يالغۇز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94142
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 106
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2013-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 07:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىنە ئەمدى  ئادەم توپىغا كىرىپ  ، بىرەر سىدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراي دىگۈچە ساقچىلار  ئۇنىڭ كەينىدىن كىلىپلا  ماشىنىغا چىقىرىپ ساقچى ئىدارىسىغا ئىلىپ ماڭدى .  ئامىنە  ئۇلارنىڭ ھەركىتىدىن ئەجەبلەندى ھەم قورقتى .  بۇ  ياخشى ئىشتىن دىرەك بەرمەيتتى .
ئۇلار ئامىنەنى  ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش  ئۆيىگە ئەكىرىپ قويدى .
- توختاڭلار ، مىنى نېمىشقا بۇ يەگە ئەكىرىپ قويىسىلەر ؟  مەن نېمە قىلدىم ؟  سىلەردىن سوراۋاتىمەن ؟
ساقچىلار ئۇنىڭ  سۇئالىغا جاۋابمۇ قايتۇرماستىن چىقىپ كەتتى .  ئامىنە ئىككى قولى بىلەن تۆمۇر رىشاتكىنى كۈچەپ تارتقىنىچە ۋاقىرىدى .
-  بۇنداق قىلساڭلار بولمايدۇ ،  ئاساسسىز تۇتۇپ قالساڭلار بولمايدۇ ، مىنى چىقىرىۋىتىڭلار ~!  مەن چىقىپ كىتىمەن ~!
دەل شۇ چاغدا يەنە ئىككى ساقچى  زۇلھاياتنىمۇ  تۇتۇپ ئەكەلدى .  ئامىنە ۋاقىراشتىن توختاپ  ئۇلارغا قارىغىنىچە جايىدا  تۇرۇپلا قالدى .
- بۇ ...بۇ نېمە ئىش ؟  سەنمۇ كەپسەنغۇ ؟
- سەن مەندىن سورىساڭ  مەن كىمدىن سورايمەن ؟
ئامىنە يەنە گەپ قىلماقچى بولدىيۇ  ئەمما نىمىشقىدۇر ئۆزىنى تۇتىۋالدى .  ئىككىسى خىلى بىر ھازاغىچە گەپمۇ قىلىشماي ئولتۇردى .  بىر ئازدىن كېيىن  ئىككى ساقچى كېلىپ ئامىنەنى سوراق ئۆيىگە  ئىلىپ كەلدى .   ئۇ يەردە  ئالدىنقى قىتىم  دوختۇرخانىدا  ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىگەن ساقچى قىز  رەيھان بار ئىدى .  ئۇ  ئاۋۋالقىدەك ئوچۇق چىراي ئاچماستىن  ئۇنىڭغا گەپ قىلدى .
- كىلىپ ئولتۇر .
ئامىنە ئەمدى ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرىشىغا  ساقچى قىز سوراق قىلىشنى باشلىۋەتتى .
- ئاخشام  دوختۇر خانىدا  يۇز بەرگەن ئىشتىن  خەۋرىڭ بارمۇ ؟
ئامىنە بىشىنى كۆتۇرۇپ  ساقچى قىزغا  قارىدى .
- سۇئالغا جاۋاب بەرمەي نىمىگە قارايسەن ؟  خەۋرىڭ بارمۇ دەيمەن ؟!
ئامىنە گەپمۇ قىلماستىن بىشىنى چايقىدى .
- ئەمسە ئېيتە ، ئاخشام 12:00 دىن 1:30 گىچە بولغان ئارلىقتا  نەدە ئىدىڭ ؟
- ئۆيۇمدە ئارام ئىلىۋاتقان  ئىدىم .
-شۇنداقمۇ ؟
- ھە..
-قان تىپىڭ نىمە ؟
- ئو
-جەزىملەشتۇرەلەمسەن ؟
- ھەئە .
-ئاخشام  دوختۇرخانىدا  يەنە قاتىللىق  ۋەقەسى  يۇز بەردى .  بالىلار بۆلىمىنىڭ  بىر دوختۇرى ۋە  ئىككى  سىستىراسى  ناھايىتى  ئېچىنىشلىق  ھالدا  ئۆلتۇرلۇپتۇ .   بۇ  قېتىم  ئوخشىمايدىغىنى  شۇكى  قاتىل  ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى  سۇغۇرۋاپتۇ .
ئامىنە  بۇ گەپلەرنى  ئاڭلاپ  جىددىيلەشكىنىدىن  قولياغلىقىنى چىڭ سىققىنىچە بىشىنى لىڭشىتىپ  خۇددى  ئەسىرى بار ئادەمدەك قىلىق چىقارغىلى تۇردى ، ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى  ساقچى قىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى .  ساقچى قىز ئۇنىڭ چىرايىغا  تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ  :
- ئىشىك تۇتقۇچىدىن  بىر قان دىغىنى  بايقۇدۇق ،  زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ  قان تېپى  ئا ۋە  ئا ب  ئىكەن .  ئۇنداقتا ئىشىك  تۇتقۇچىدىكى  قان دىغىنىڭ  قايسى خىل تېپتىكى قان  ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ؟
ئامىنە بىشىنى ساڭگىلىتىپ چۈشىنىكسىز   ھەرىكەتلەرنى قىلغىلى تۇردى .
- سەندىن گەپ سوراۋاتىمەن ؟!
ئامىنە بىشىنى  كۆتۇرۇپ  ساقچى قىزغا قارىدى ،  ئۇنىڭ كۆزلىرى  قىزىرىپ ،  كۆز چاناقلىرى پۇلتۇيۇپ چىققان ئىدى .  چىرايىدىن  بىرخىل ئەسەبىيلىك  چىقىپ تۇراتتى .   ساقچى قىز  ئۇنىڭ ئەپتىدىن  بىر ئاز  قورقۇشقا باشلىدى .  ئامىنە  شۇ قورقۇنۇچلۇق چىرايى بىلەن ساقچى قىزغا  تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى .
- مېنىڭ تىپىشماق  بىلەن خوشۇم يوق ،  سەن نېمە سالاھىيتىڭ  بىلەن مىنى سوراق قىلىسەن ھە ~~~؟!  ئېيتە ~!  مېنى نىمىشقا تۇتىسەن ؟!
ئامىنەنىڭ ئاۋازى  ساقچى قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا  ئاجايىپ بىر قورقۇنۇچنى  ھاسىل قىلدى .  ساقچى قىز  ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ  چىقىپ كەتمەكچى بولدى .
-ئولتۇر ~!  
ساقچى قىز  ئۇنىڭ سۆزىگە  پەرۋا قىلماستىن  ماتىرىيالىنى  ئىلىپ  ماڭدى .
- مەن سېنى ئولتۇر دېدىم ~!
ئامىنە شۇنداق دەپ ۋاقىرغىنىچە  ئورنىدىن چاچىراپ  تۇرۇپ  ساقچى قىزنىڭ  گىلىنى سىقىپ  ، ئۇنى بويىدىن ئېىگىز  كۆتۇرۇپ يەرگە ئاتتى .   سىرىتتا  ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى  كۈزىتىپ تۇرىۋاتقان ساقچىلار  دەرھال سوراق ئۆيىگە  كىرمەكچى بولدىيۇ ، لىكىن ئىشكنى  ئاچالمىدى .
- تېز ئىشىكنى ئاچمامسەن ~!
-ئىشىك تاقىلىپ قاپتۇ باشلىق .
- تېز ،  تېز ئاچقۇچ بىلەن ئىچىڭلار ~!
ساقچى باشلىقى بىلەن ئېھرام  جىددىيلەشكىنىدىن  ، ئەينەكنى ئۇرۇپ  ۋاقىراشقا باشلىدى .
- قولۇڭنى تارت ~!  ئۇنى ئۇرما ۋۇ ئۆلگۇر ~! -دېدى ئېھرام  ئەينەكنى كۈچەپ ئۇرغىنىچە .
ئۇلار ئاچقۇچنى  سىلىپ تولغىشىغا  ئاچقۇچ سۇنۇپ كەتتى .
- بولمىدى ،   ئاچقۇچ سۇنۇپ كەتتى باشلىق `~!
- ۋۇ كالۋا ،  ئېھتىيات قىلساڭ بولمامدۇ ~!
- بىر چەتكە ئۆت ~! -دېدى ساقچى باشلىقى  تاپانچىسىنى چىقىرىپ .   ئېھرام  ئارقىغا چىكىندى .  ساقچى باشلىقى  نەچچە پاي ئوق ئېتىپ  ئەينەكنى  چاقماقچى بولدى ،  ئۇنىڭغا  ئېھراممۇ قوشۇلۇپ ئاتتى .  ئەينەككە  شۇنچە ئوق تەككەن بولسىمۇ  يەنىلا چىقىلمىدى .
- ياق~~~~!
ئېھرام   قاتتىق ۋاقىرىۋەتتى .  ئامىنە  ساقچى قىزنىنىڭ بىشىنى يەرگە  ئۇرىۋىرىپ  ئۇنى ئۆلتۇرۇپ قويدى .   ساقچى قىزنىڭ ئۆلگىنىنى  كۆرگەن ئامىنە  ئورنىدىن تۇرۇپ  قاقاقلاپ كۈلۇشكە باشلىدى ،  ئۇنىڭ كۈلكە ئاۋازى ساقچىلارنىڭ قۇلاق مىڭىسىنى يەپ كەتتى .  ساقچىلار يەردە تىزلىنىپ ئولتۇرغىنىچە  قۇلاقلىرىنى مەھكەم  ئېتىۋىلىشتى .  شۇنچە كۆپ ئوق تىگىپمۇ  ھىچنىمە بولمىغان  ئەينەك ، ئامىنەنىڭ كۈلكە ئاۋازىغا  بەرداشلىق بىرەلمەي چىقىلىپ كەتتى .  ئاۋاز توختىدى ، ئامىنە   يەرگە يىقىلىپ ھۇشىدىن كەتتى . ئىشىكمۇ  ئېچىلدى ،  ساقچىلار ئورۇنلىرىدىن  تۇرۇپ  ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى .  ئېھرام  سەپدىشى  رەيھاننى  قۇچىقىغا ئېلىپ  ئۇنىڭ ئىسمىنى تەكرار چاقىردى .  
- بولدى قىل ، ئۇ ئەمدى ئاڭلىيالمايدۇ -دېدى ساقچى باشلىقى قايغۇرغان ھالدا .
ئېھرام رەيھاننى  مەھكەم قۇچاقلىغىنىچە  ئۆكسۇپ -ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى .  ساقچىلارنىڭ ھەممىسى سۈكۈتكە چۆمدى .  بىر ئازدىن كېيىن ساقچى باشلىقى  ئامىنەگە قاراپ  :
- ئۇنىڭغا قاراپ بىقىڭلار  تېنىقى بارمىكەن ؟
بىر ساقچى دەرھاللا  يۈكۇنۇپ  تەكشۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن  ئۇنىڭ تېنىقى بارلىقىنى مەلۇم قىلدى .
- ئۇنى ئېچىقىپ  ئايرىم كامىرغا  سولاپ قويۇڭلار ،  ئېھتىيات ئۈچۈن پۇت - قولىنى  مەھكەم باغلاپ قويۇڭلار .
- خوپ ~!
- ياق ~! ئۇنى ئۆلتۇرىۋىتىش كېرەك ~!  رەيھان بىئەجەل  ئۆلۇپ كەتتى ،  ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن  جاجىسىنى تارتىش كىرەك~! -ئېھرام  شۇنداق دېگىنىچە تاپانجىسىنى  ئېلىپ  ئامىنەنى ئېتىشقا ئۇرۇندى .  ساقچى باشلىقى ئۇنىڭ  قولىغا ئىسىلىپ  تاپانجىسىنى تارتىۋالدى .
- ئۆزۇڭنى بىسىۋال ،  سەن دېگەن ساقچى بۇنى ئۇنتۇپ  قالما ~!   ئۇ ئەلۋەتتە  جاجىسىنى يەيدۇ ،  لىكىن  بۇ قارارنى  سەن ئەمەس  بەلكى سوت چىقىرىدۇ .  ئەپ چىقىپ كېتىڭلار~!
ئۇلار  ئامىنەنى ئايرىم  كامىرغا ئەكىرىپ  پۇت - قولىنى مەھكەم باغلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . ئىككى ساقچى  ئىشىك تۈۋىدە  قاراۋۇللۇقتا  تۇردى .   ئۇلار  بۇزۇلغان جايلارنى  بىر قۇر  رەتلىۋەتكەندىن كېيىن  زۇلھاياتنى  ئىسىگە ئىلىشتى .  ساقچى باشلىقى  ئېھرامنى  رەيھاننىڭ جەسىدىنى  ئېلىپ  ئائىلىسىگە يەتكۈزۇپ قويۇشنى ،  ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك  ئىشلىرىنى  ياخشى بىر تەرەپ  قىلىشىنى  تاپىلاپ ،  بىر قانچە ساقچى  بىلەن قوشۇپ  يولغا سالدى .   ئاندىن  زۇلھاياتنى  سوراق ئۆيىگە  ئىلىپ  كىلىشكە  تۆت ساقچىنى بۇيرىدى ،  ئۇلار  قۇراللىق  بىرىپ زۇلھاياتنى  ئىلىپ كەلدى ،  بۇقىتىم  ئۇنى  ساقچى باشلىقى  ئۆزى  سوراق قىلماقچى بولدى ،  قۇراللىق تۆت نەپەر  ساقچى  ئېھتىيات ئۈچۈن  زۇلھاياتنىڭ  كەينىدىلا  قۇرال تەڭلەپ تۇردى .
زۇلھايات ئۆزىنى  مۇھىم جىنايەتچىدەك  ھىس  قىلدى ،   ئەھۋالنىڭ  چاتاقلىقىنى  ھىس قىلغان زۇلھايات  ساقچى باشلىقىنىڭ  ئېغىز ئىچىشىنى  كۈتۇپ تۇرماستىنلا  ئېغىز ئاچتى .
- مەن ھەممىنى  دەي  ،   سىلەرگە  بىلىدىغانلىرىمنىڭ  ھەممىنى تاپشۇراي .




داۋامى بار



كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،  كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ .

ۋاقىت ئۆتۈپ كېتى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9669
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 40380
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 8536 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 07:53:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېزراق بولسىڭىز، تېزراق ئوقۇۋەتسەك ياخشى بولمامتى؟

سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92355
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2013-2-26
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 07:57:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى  بۇنىڭمۇ  ئاخىرى  يوققۇ  ،ھەممىسنى  بىرلام  يوللىسڭز  بۇلتى  ئادەمنى  تەقەززا  قىلماي،چەتئەلنىڭ  كىنوسىغا  ئوخشاپتىكەن  كاساپەت…

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش