يامان قىززىدى بۇ پائالىيەت ،تەشكىللىگۈچى دوستلار ھەقىقەتەن تېرىشىپتۇ ،
ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان نومۇرلىرىمۇ شۇنداق ئىسىل چىقتى .
شىئەن مۇزىكا ئىنىستوتىدىن كەسپىي ئارتىسلارنىمۇ تەكلىپ قىپتۇ ،
ھېلىقى مەن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان «سۆيسەم بۇلامدۇ؟»بىلەن «سەۋدا »دىگەن
ناخشىنىڭ ئىجادىيەتچىسى قەيسەرجانمۇ ئۆزىنىڭ سوۋغىسىنى ئېلىپ كەپتۇ.
ئىشقىلىپ مەيدان شۇنداق يۇقىرى كەيپىياتتا ،كوللىكتىپ مىللىيچە ئوسسۇل ۋە
سامالارنى ئويناپ تازا قېنىپتۇق .پىداگوكتىكى ئاسپارانت ھەبۇبىللامۇ ئۆزىنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرىنى تاماشىبىن دوستلارغا سۇندى .سىلەرگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت.
دوستانە تەكلىپ :ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى پائالىيەتنىڭ كونكىرىت ۋاقتىنى توغرا ئۇختۇرۇش قىلساڭلار