قاسىم سىدىق:ئىككى«غۇۋا»ۋە شەكىل نەزەريىسى
ئالەمشۇناسلىقتا«غۇۋا ئىنىرگىيە» بەزىلەرنىڭ پەرىزى بولۇپ،ئۇ،بوشلۇققا تولۇپ تۇرغان،مەنپى بىسىمغا ئىگە ئىنىرگىيە دەپ قارىلىدۇ.كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىگە ئاساسلانغاندا بۇخىل مەنپى بىسىم ئۇزۇن ئارىلىقتا بىرخىل ئانتى تارتىش كۈچىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
____ بەيدۇ«
غۇۋا ئىنىرگىيە»دىن
غۇۋا ئىنىرگىينىڭ ئاساسىق خۇسۇسىيىتى مەنپى بىسىمدىن ئىبارەت.....ئالەمنىڭ ھەركىتى قاينامسىمان ھەركەت،شۇ سەۋەپتىن غۇۋا ئىنىرگىيىمۇ بىرخىل قاينامىسىمان ھەركەت شەكلىدە پەيدا بولىدۇ.
____ ۋېكىپېدىيە«
غۇۋا ئىنىرگىيە»دىن.
نۇۋەتتىكى ئالەمشۇناسلىقتا ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ سەۋەپكارى غۇۋا ئىنىرگىيە دەپ قارىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە غۇۋا ئىنىرگىيە بىلەن غۇۋا ماددىنىڭ ئالەمدىكى ئومۇمى ماسسا-ئىنىرگىيە ئىچىدىكى نىسبىتى 90پىرسەنىتتىن ئارتۇق دەپ تەشەببۇس قىلىنىدۇ.يۇقۇرقى پەرەزلەر بىر قەدەر پۇختا بولغان نەزەريىۋى ئاساسقا ۋە ۋاستىلىق كۇزۆتۆش ئاساسلىرىغا ئىگە بولۇپ يۇقۇرقى ئىككى ئۇقۇم ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىغىدىكى قىززىق نۇقتىدىن ئىبارەت.زامانىمىزدىكى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا ئالاقىدار ھەرقانداق نەزەريە يۇقۇرقى ئىككى ئۇقۇمغا بولغان پۇزىتسىيىسىنى ئىپادىلىمەي قالمىسا كېرەك.
*
*تولۇقى بۇ يەردە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=21769
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-6 12:47 PM