مۇكەرەم يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 12:15 PM
ئاشۇنىما ئادەم يەمدا ، توۋا
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ دورىنى ئادەتتىكى دورىخانىلاردا سېتىشتىن چەكلەيدۇ ، بىرقىسىم چوڭ دورىخانىلاردا بولغاندىن باشقا شەخسى دورىخانىلاردا يۇشۇرۇش ساتىدۇ .
چوڭ دوختۇرخانىلاردا بار ئەمما ئۇلارنى ئاپراتسىيە قىلىنغان ۋە سۇنۇق بىمارلىرى ئۈچۈن ئاغرىق توختۇتۇش . مىڭىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن قېتىمغا بۆلۈپ ، ئاز ئازدىن بىرىدۇ
ماڭىمۇ شۇنداق بەرگەن ...ئادەتتە بىر شازا ( سەككىز ئون دانە ) نى ئىككى ئۈچ كۈن يىگەنگە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ ، بىراق ئۇ دورىنىڭ خۇمار قىلىش ئەكىس تەسىرى بولغاچقا دائىم ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك .
بەزى ئۆزىنى بىلەلمىگەنلەر بىر ۋە بىر قانچە شازىنى بىلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىپ نەچچىسى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ ، نەچچىسى قېتىپ قالىدۇ ، چۈنكى ئۇ دورىنىڭ دورا مىڭىنى تىنىچلاندۇرغان بىلەن تەڭ قان ئايلىنىش ۋە يۈرەك سوقۇشقىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ .
شۇنداق تۇرۇقلۇق زورىغا ئىستىمال قىلىۋاتقانلار يەنىلا كۆپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئەھۋال ئوغۇللارغا قارىغاندا قىزلاردىمۇ ناھايىتى كۆپ .
بىر قېتىم مەن زۇكام دورىسى لازىم بولۇپ بىر خەنزۇ يولداشنىڭ دورىخانىسىغا كىرىشىم بىلەن تەڭ ، نەچا شازا ...دەپ سورىغان ئىدى ، مەن تېخى ئۇ گېپىگە ھەيران قېلىپ نمە دەيدىغاندۇ دەپ بولغۇچە ئارقىدىنلا ئىككى زامانىۋى كىيىم كىيگەن قىزبالا ( ئۇيغۇر ) كىرىپ ، ۋومىن ياۋ سىگې شىيازى ...دىگەن ئىدى .
ھېلىقى تەتەيخان ئىچكىركى تەرەپتىن شۇ دونى ئېلىپ چىقىپ بەرگەن ئىدى ، كىيىن بىلسەم ئۇ دورا چەكلەنگەن بولغاچ شۇنداق يۇشۇرۇن ساتىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلى باھاسىدىن تۆت بەش ھەسسە ھاينىغا سېتىپ پايدا تاپىدىكەن .