Umidim يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 03:56 PM
تىما مەزمۇنىغۇ ياخشىكەن ، لىكىن ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس ب ...
ئەجىبا باشقا مىللەتتىمۇ باردەپلا بىزمۇ شۇنداق يۈرىۋەرسەك بۇلامدۇ ؟ بۇنداق ئىشلارنىڭ باشقا مىللەتتىمۇ بارلىقىنى بىلىمەن . ئىچكىردىكى خېلى تەرەققى قىلغان ئۆلىكىلەرنىڭ چەت يېزىلىرىدىمۇ بۇنداق ئىشلار ئېغىر ، كلىكىن بۇنداق ئىشنى كىملەر قىلىدۇ ؟ يەنە شۇ ساپاسى تۆۋەن ،تۈزۈك تەربىيە كۆرمىگەنلەر قىلىدۇ .
مىنىڭ مىللەتنى تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەپ بولسا بىزنىڭ مىللىتىمىزدىن شۇنداق ساپاسىزلىق تېزراق تۈگىسىكەن ، مىللىتىمىزنىڭ باشقىلار ئالدىدا ياخشىراق تەسىرى قالسىكەن دىگەن ئۈمىتتە.
ھەممە ئادەمنىڭ ساپاسى شۇ كىشىگە ۋەكىللىق قىلىدۇ ،لىكىن سىز ئويلاپ بېقىڭ باشقا مىللەت كىشىلىرى بۇنداق چۈشەنمەيدۇ ، باشقىلار پەقەت بۇ مىللەت كىشىلىرى مۇشۇنداقكەن دەپلا ئويلايدۇ . چۈنكى بىز ئىشىكتىن چىقساقلا ئۇچراتقان 2ئادەمنىڭ بىرسى باشقا مىللەت. ئەگەر بىر شەھەردە بىرلا مىللەت بولغان بولسا ئەلۋەتتە شۇ كىشىنىڭ ساپاسى تۆۋەنكەن دەپلا چۈشىنىمىز .
تىمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بىرلا : پەقەت باشقا مىللەت ئالدىدا ساپاسىز دىگەن نامغا قالمىساق .