|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار!
ئۇيغۇر پوۋسىتچىلىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ژانىرلارنىڭ بىرى. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر پوۋسىتچىلىقىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرى توغرىسىدا كۆپلەپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر پوۋسىتچىلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ئانچە چۇڭقۇر ئەمەس. بۇ توغرىسىدا يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلەر يوق دېيەرلىك. يېقىندا مۇئەللىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۇيغۇر پوۋسىتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر ئىلمىي ماقالە يېزىۋاتاتتىم. بۇ ماقالەمگە ئۇيغۇر پوۋسىتچىلىقىنڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ئۇيغۇرلار يازغان، مەتبۇئاتلاردا نەشىر قىلىنغان پوۋسىتلارنىڭ تېزىملىكى، باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر پوۋسىتلىرى تېزىملىكى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پوۋسىتلار تېزىملىكى قاتارلىقلارنى كېرگۈزمەكچى ئىدىم. ئەپسۇسكى مەن ئېچكىرىدە بولغاچقا ماتىرىيال مەنبەسى كەمچىل. پەقەت مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى كىتاپ-ژورناللارغا ئاساسلىنىپ بۇ كاتولوگنى تۈزگىلى بولمىدى. مۇنبىرىمىزدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇشلۇق ئەزالار بار. شۇڭا مالال كۆرمەي ئۆزىڭىز بىلىدىغان پوۋسىتلارنى ئەسەر ئىسمى، نەشىرىيات ئىسمى ( ژورنالدا ئېلان قىلىنغان بولسا زورنال نامى، قانچىنچى سانى دېگەندەك...)، نەشىردىن چىققان ۋاقتى، ئېرىشكەن مۇكاپات قاتارلىق ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سېزنىڭ ئازغىنە ياردىمىڭىز مەن ئۈچۈن زور كۈچ بولاتتى. تاما-تاما كۆل بولار. ھەممىمىز ئازراقتىن كۈچ چىقىرايلى!
ئېلخەت: ibrahimjan11@126.com
چ چ : 2492229720
تېمامنى كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ibrahimjan4815 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-5 11:30 AM
|
|
|
|
|
|