|
|
|
|
QQ دا بېمالال ئۇيغۇر يېزىقىدا پاراڭلىشىڭ
ئەسسالام ھۆرمەتلىك تورداشلار !
ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ھۆسنىگە ئاشىقمەن.
تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
يۇنىكودنى قوللىمايدىغان يۇمشاق دېتاللارغا ئېنگىلىزچە ھەرپ-بەلگىلەرنى باستۇرمىغان ھالەتتە ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە، پەش-چېكىت، سان-سېفىرلارنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
بولۇپمۇ مۇشۇ كىيۇ-كىيۇدىن ئىبارەت ئۇيغۇر يېزىقىنى چەكلەردىغان ئالاقە دىتالىمىزدىمۇ ساپ ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا پاراڭلىشىش مەخسىتىمىزگە يېتەلەيمىز.
ئالاھىدىلىكى:
سىغىمى كىچىك، قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
بىرەر يەرگە يېشىپ ئۈستەل يۈزىگە تېزلىتىش بەلگىسىنى چىقىرىپ قويسىڭىزلا كۇپايە.
باشقا يۇنىكودسىز كىرگۈزگۈچلەرگە ئوخشاش كۆزنەكلىك ئەمەس، بىر يېزىپ بىر كۆچۈرۈشتىن خالىي بولىسىز.
ئاپتوماتىك كىرگۈزمەكچى بولغان كۆزنەكنى تاپىدۇ.
ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسىغا توغرىلانغان.
ئېنگىلىزچە ھالەتتە باشقا كىرگۈزگۈچلەر بىلەن ھەرپ تاختىسى كونتروللىقىنى تالاشمايدۇ.
يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچلەر بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقى ياخشى.
xp,win7,win8 قاتارلىق سېستىمىلاردا (32خانىلىق ۋە 64 خانىلىق) خىزمەت قىلالايدۇ.
QQقاتارلىق يۇنىكودنى قوللىمايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىنى سۈزىۋېتىدىغان يۇمشاق دېتاللاردا ئۇيغۇرچە خەت يوللىغىلى بولىدۇ.
بەلكىم QQ دا ئۇيغۇرچە خەت يوللاش تورداشلار بەكرەك قىزىقىدىغان تېما بولۇشى مۇمكىن.
مەن بۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
بۇ كىرگۈزگۈچ يېڭى ئېرا نىڭ تارقاتقان كىرگۈزگۈچىگە ئوخشىمايدۇ.
يېڭى ئېرا نىڭ تارقاتقان يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى رەسىم شەكلىدە ئەۋەتىش ئارقىلىق نورمال كۆرۈنۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان
لېكىن بۇنداق قىلغاندا ئەگەر سىزنىڭ كومپىيۇترېڭىز ئېقىم پۇلى ھېسابلىسا، رەسىم بەك كۆپ ئېقىم مىقدارىنى يەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تور شارائىتى ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا رەسىم بارمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن.
تۆۋەندە ئاۋال بىر نەچچە پارچە QQ دا ئۇيغۇرچە پاراڭلاشقان سۆرەتلەر:
ئەمدى تەڭشەشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتەي
---------------------------------------
1.بىزنىڭ فونتىمىز ئېنگىلىزچە بىلەن ئۇيغۇرچىنى تەڭ قوللىغاچقا ئاۋال ئەنسىرىمەي بۇ فونتنى كومپىيۇتېرغا قاچىلايمىز
قاچىلاشنىڭ ئۇسۇلى
مېنىڭ كومپيۇتېرېم يەنى 我的电脑نى ئېچىپ ئادرىس كۆزنىكىگە
C:\Windows\Fonts
دېگەن مەزمۇننى كۆچۈرۈپ ئېنتىرنى باسساق بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ
كىرگۈزگۈچ بار ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدە soft.ttf ناملىق ھۆججەت بار، شۇنى ئوڭ تاق چېكىپ كۆپەيتىش يەنى 复制 دېگەننى سول تاق چېكىپ، ئابايىقى ئېچىلغان فونت كۆزنىكىنىڭ ئىچىگە چاپلايمىز يەنى 粘贴.
ئاندىن QQ نى قايتا قوزغىتىپ، پاراڭ كۆزنىكى ئىچىدىكى خەت نۇسقىسى تەڭشەيدىغان جايدىن muradilsoft دېگەن خەت نۇسقىسىغا تەڭشىسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
پاراڭ سالغاندا چوقۇم ئىككىلا تەرەپتە فونت ياكى كىرگۈزگۈچ بىلەن فونت بولۇشى كېرەك، شۇندىلا
ئىككىلا تەرەپكە نورمال كۆرۈنىدۇ.
muradilsoft دېگەن فونتتا باشقا خەنچە ۋە ئېنگىلىزگە خەتلەتمۇرمۇ توغرا تونۇيدۇ، شۇغا ئەنسىرىمەي شۇ خەت نۇسخىسىغا توغرىلىسىڭىز بولىدۇ.
دېتال قوزغالغاندا ۋىروسخورلارنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.يۇمشاق دېتالدا ھېچقانداق ۋىروس يوق، ئاق تىزىملىككە كىرگۈزۈپ خاتىرجەم ئىشلىتىڭ.
چۈشۈرۈڭ بەكلا كىچىك،3 سىكۇنىتتا چۈشۈپ بولىدۇ‹‹بېسىڭ››
دىتالنى چۈشۈرۈڭ بەك كىچىك دىتال ‹‹بېسىڭ››
قىسقارتىپ سۆزلەپ بېرەي:
بىرىنجى چۈشۈرۈش ئادىرسىدىن چۈشۈرگەن ھۆججەتنى يېشىپ ئىچىدىكى بىر دانە خەت نوسخىسىنى كومىپيۇتىرنىڭ خەت نوسخىسى قاچىلانغان ئورۇنغا چاپلاپ قويسىڭىزلا بولدى.يۇقىردا رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا.
شۇنچىلىكلا ئاددى.
رازى بولسىڭىز بۇنى بېسىڭ
رازى بولمىسىڭىز بۇنى بېسىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئېزھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-5 05:35 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-7 05:18 PM):
تېما يوللىغاندا muradilsoft نى soft دەپ يېزىپ قاپتىمەن.توغرا چۈشىڭلار.
|
|
|
|
|
|