tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 12:57 AM
ــــــــــــــ
كەلگۈسى دېگەن ھەممە ئادەمگە قاراڭغۇ ب ...
كەچۈرۈڭ ،ئۈچ سوئال بەلگىسىنى كۆرمەي قاپتىمەن .مەن بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ،«كەلگۈسىمىز قاراڭغۇ » دەپ تىرىشمايۋاتقانلار مېنىڭ سىنىپىمدىلا ئوننەچچىسى بار . ئۇلار خۇددى مەكتەپكە چەتتىن كەلگەن (访问学者)مىھمانلاردەكلا ياشايدۇ. شۇلارغا قاراپ ئىچىم بەك سېرىلىدۇ .دەرسكە چىقمايدۇ ،ئەتىگەنلىك تاماقنى چۈشلۈك تاماق بىلەن قوشۇپ يەيدۇ .چۈشتە ئاشخانىدا ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولىدىغانلار دەل شۇلار .قاراپ باقسام ئۇلاردا ھاياتقا بولغان مۇھاببەت ،كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈت ئاللىقاچان ئۆچۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىپتۇ . ماڭا ئۇلار پەقەت ئۈلۈمنى ساقلاۋاتقان ساناتۇريەدىكى مۇيسىپىتلارنىلا ئەسلىتىدۇ .ئۇلارغا قىلىنغان ئەڭ ئۆتكۈر گەپلەرمۇ خۇددى ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك تەسىر قىلمايدۇ .كەچۈرۈڭ ،شۇڭا ئازراق قايناپ قاپتىمەن ...................................