spoon يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 03:09 PM
چىكىلىش سانىغا قاراپ پۇل بىرىدۇ دىسە ئىشەنمەيمەن جۇما. ...
چەكمەيدۇ ئەمەس چىكىدۇ ، ئاز ساندا .... ئاز ساندا ئېلان چېكىلگەچكە تور بەت قۇرغۇچىلار مەبلەغنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ تور بېتىنى ماڭدۇرۇپ كېلىدۇ خالاس ...
بىز ئېلاننى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالدۇق .
ئەمما ئەسلى ماھىيىتىدە ئېلان - شۇ خىل مەھسۇلاتلارغا ئېھتىياجلىقلارغا قولايلىق يارىتىش ۋە مەھسۇلات ئىگىسىنىڭ مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇلى ...
ئەمما خەلقىمىزنىڭ تور ئېلانلىرى ۋە تور سودىسىغا بولغان چۈشەنچىسى تېخى يېتەرلىك ئايدىڭلاشمىغان بولغاچقا تور تەشۋىقاتىنىڭ ئۈنۈمى تازا ياخشى ئەمەس ...
ئەمەلىيەتتە بىزلەرمۇ تور ئېلانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان بولساق ئىدى - ئېلان بەرگۈچى تەرەپ ۋە ئېلان تارقاتقۇچى تەرەپ ئادىل مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولاتتى .
قىسقىسى سىز ۋە بىزنىڭ تور مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتقان تور بەتلەرگە كىرىپ قالسىڭىز ئۇيغۇرچە ئېلانلارنى چەكمىسىڭىزمۇ خەنچە ئېلانلارنى بىرەرنى چىكىپ قويسىڭىز شۇ تور بەت ئىگىسىگە نەچچە ئون فۇڭ ياردەم قىلغان بولىسىز ...سىزدەكتىن كۈندە 200 ئادەم ئېلان چىكىپ قويسا شۇ تور بەت ئايدا ھىچ بولمىسا 500~~600 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ ......