باشتا سەپ سالماپتىكەنمەن ، سىلە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن يەر بىز قىشلىق كىنوخانا دەپ ئاتايدىغان يەر شۇغۇ ، كىچىك ۋاقتىمدا سەت قىزىپ كېتەتتى ئۇيەر، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇيىچىمۇ خېلى داڭلىق كىنوخانا ئىدى،خېلې كۆپ چولپانلارنى شۇ كىنوخانىدا كۆرۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغانىدى ، ئەمما ئۇ كىنوخانا بارا-بارا شەخسلەر ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كەكەندىن كېيىن ئانچە راۋاجۆلىنىش بولمىدى، مېنىڭ ئاكاممۇ بىر مەزگىل كۆتۈرگە ئېلىپ ئېچىپ باققان ، شۇ چاغلاردا خېلى كېلىپ قۇياتتى چولپانلىرىمىز، كېيىن تاقىلىپ قالدى ، نامدا كىنوخانا بولسىمۇ قۇرۇق شەكىل بولۇپ قالدى ، مۈكۈشمەك ئويناشقا بەك ماس كلەتتى ئۇ يەرنىڭ ئىچى، قاپقاراڭغۇ بولغاچ
بىر بىرىمىزنى تاپالماي ، قورقۇپ قېچىپ چىكىتەتتۇق، كىيىنچە ئۇ يەرنىمۇ تاقىۋەتتى، شۇ يەرنىڭ ئالدىنى كەچلىك بازار قىلدى ، ئەينى چاغدىكى 100كۈنلۈك مەيدان پائالىيىتىنىمۇ مۇشۇ كىنوخانىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزەتتى، شۇ چاغلاردا بىر ئادام دېڭىزىغا ئايلىنىپ قالمىسا باشقا چاغلاردا بىرە كىشىنىڭ نەزىرىمۇ چۈشمەيتى، كېيىنچە چېقىلىپ كەتتى سەۋەبىنىمۇ ئۇقمىدىم ، ھە راست ، ئاۋۇ خاتىرە سۈرەتنىڭ كەينىدە تۇرغان ئىگىز تۆپىلىكنى بىز ھودىيار دەپ ئاتايتۇق ، كىچىك چاغلىرىمدا تولا چىقىۋالاتتىم ، مېڭىش شۇنچە خەتەرلىق يوللاردا قوغلاشماق ئوينىشاتتۇق ، ھازىر ئويلىسام قوققۇم كېلىدۇ، بەك قارام ئوخشايمەن كىچىك چاغلىرىمدا .....
ئىشقىلىپ مۇشۇ كىنوخانىنىڭ زادى نېمىگە تاقاشقانلىقىنى بىلەلمىدىم ،
مارشال بۇرادەر ، مەن ئەزەلدىن سىلەرنىڭ ئىزدىنىش روھىڭلارغا قايىل مۇمكىن بولسا ئاقسۇ شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ توغرىلىق بىر ئىزدىنىپ باقساڭلار، بۇ مەكتەپ شەھىرىمزدىكى بىردىىن بىر شەخسى ئۆز خىراجتى بىلەن قۇرغان مەكتەپ ھىسابلىنىدۇ، يەنى ئۈچ ھاجى بىرلىشىپ قۇرغان ، شۇنداق بولغاچقىمۇ راست گەپنى قىلسام ھۆكۈمەتنىڭ قوللىىشىغا تازا.............
مەكتەپ قۇيۇق ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان ئاساستا قۇرۇلغان ، پو ئاتقىنىم ئەمەس مەكتىپىمنى ئاقىسۇ شەھىرىدىكى ئەڭ چىرايلىق مەكتەپ دەپ كىسىپ ئېيتالايمەن ، لېكىن قاچانلىردىن يوقالدى بىلمىدىم ، مەكتەپنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قۇشۇپ تۇرىدىغان گۈمبەر شەكىللىك ئىمارەت توساتتىن چېقىپ تاشلىنىپتۇ ، مانا ھازىر قاراپ باقساڭلار بولىدۇ ئاقسۇلۇق قېرىنداشلىرىم ھازىر مەكتەپ غەلىتە بىر .....ئوخشاپ قالدى ، زادى بىلەلمىدىم ئۇ
گۈمبەز نېمىگە تاقاشتىكىن تاڭ، يۇشۇرمايمەن بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا باشقىلار ، مائارىپ نازارىتىدىكىلەرمۇ باشقىچە كۆزدە قارايتى (ھازىر قانداق بىلمەيمەن) بەلكىم بۇ شەخسى قۇرغان مەكتەپ بولىشى سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن ، بولۇپمۇ مەكتەپنى تۇلۇقسىز ھەم باشلانغۇچ تەڭ ئۇقۇتىلىدىغنا قىلىۋەتكەندىن بۇيان ، مەكتىپمىزنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرى بەك چىكىنىپ كەتتى ، تولا سۆزلەپ قويدۇم ،مۇمكىن بولسا مارشال بۇرەدەر، ئاۋۇ ئېزىز ئەيسا مۇئەللىم سىلەرگە بۇ مەكتەپ توغرىلىقمۇ سۆزلەپ بەرسۇن شۇنىڭدىن بىر ئوبزور يېزىۋېتىڭلار