|
|
|
|
مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكى ، ئۆزئارا ياردەمدە ۋە ياريۆلەكتە بولۇشى لازىملىقى توغرىسىدا
ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداش (ئۇنى زىيان -زەخمەتكە ئۇچراشتىن قوغدايدۇ ،ياكى ئۇنىڭ بىشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلسە تەسەللى بېرىدۇ ۋە ياردەمدە بولىدۇ دىگەن مەنىدە)، بىر بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ .كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا ،ئاللا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ . كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋەتسە ، ئاللا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتىرۋىتىدۇ ،كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىۋىنى ياپسا ، قىيامەت كۈنى ئاللا ئۇنىڭ ئەيىۋىنى ياپىدۇ . ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : دىنىي قېرىندىشىڭ زۇلۇم قىلسىمۇ ، زۇلۇمغا ئۇچرىسىمۇ ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگىن ،دىدى . بىرسى قوپۇپ : ئى رەسۇلۇللا ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغىغۇ ياردەم بىرەرمىز ، زۇلۇم قىلغۇچىغا قانداق ياردەم بېرىمىز؟ دىۋىدى . رەسۇلۇللا ئۇنىڭ زۇلۇمىنى چەكلىشىڭ كېرەك ، دىدى . سەھىھۇل بۇخارى ۋە قەستالانى شەرھى دىگەن كىتابتىن ئىلىندى .
تۆۋەندىكى فىلىمنى بەلكىم بۇرۇن كۆرۈپ بولغان بولىشىڭلار مۇمكىن ، شۇنداق بولسىمۇ ، بۇ قېتىم پۈتۈن دىققىتىڭىز ۋە زىھنىڭىز بىلەن كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
مەنبە :http://v.youku.com/v_show/id_XNDQ3MjIyMzI0.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىيارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-6 10:06 AM
|
|
|
|
|
|