ھەممىدىن بۇرۇن سىز كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئاساسەن typescript تېلى غا كىرەكلىك بولغان دېتاللارنى تەييارلايسىز،ئەگەر سىز windows xp دە ياكى windows 7 دە بولسىڭىز
Visual Studio قىستۇرمىسنى قاچىلاڭ،ئەگەردە vistual studio نى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلمىغان بولسىڭىز بۇيەردىن
visual studio نى قاچىلاپ ئاندىن قىستۇرمىنى قاچىلايسىز
visua studio غا type script قىستۇرمىنى قاچىلاپ كود يىزىشنى باشلاش،باشقا تەھرىرلىگۈچ دېتاللىرىغا قارىغاندا ئىنتايىن ئازدا ۋە قولايلىق ،ئەگەردە سىزنىڭ باشقا مەشغۇلات سېستىمىڭىز بولسا visual studio نىمۇ قاچىلمىغان بولسىڭىز ئەنسىرمەڭ،بىز ئىشنى يىنىك دېتاللاردىن باشلايمىز
كىرەكلىك قوراللار
سىزگە پەقەت كىرەكلىك بولدىىغىنى بىر ياخشى تەھرىرلىگۈچ ،سىزگە تەۋىسيە قىلىدىغنىم sublime Text دېتالى،بۇ ھازىرقى ئەڭ مودا تەھرىرلىگۈچلەرنىڭ بىرى،تورپىروگىراممىلىرنى ئاچقۇچىلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان قورالدۇر.
submlime Text نى چۈشۈرۈش
ۋە بىر دانە توركۆرگۈچ ،توركۆرگۈچنىڭ ئەڭ ئىسلىنى تاللىشڭىز كىرەك،ھىچ بولمىغاندا
Chrome ياكى
firefoxنىڭ ھەرئىككىلىسنىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرى بولسۇن
ئەگەر سىز تور پىروگىراممىلرىنى ئىچپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەن بولسىڭىز شۇنداقلا
npm بۇلاقلىغۇچىنىئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىر قاتار بۇيرۇق ئارقىلىق
typescript نىڭ خىزمەت مودىلىغا ئىرىشەلەيسىز
npm بۇلاقلىغۇچ بۇيرۇقى
$ npm install -g typescript
$ npm view typescript version
npm http GET
https://registry.npmjs.org/typescript
npm http 304
https://registry.npmjs.org/typescript
0.8.1-1
[url=][/url]
تەييارلىق باسقۇچلارنى ھازىرلاپ بولغان بولساق،ئەمدى بىز Typescript پىروگىراممىسدا تۇنجى سالام ئۇيغۇر دىگەن سۆزنى بەت يۈزىگە چىقىرىمىز
بۇنى قىلىش قىلىدىغان ئىشمىز بولسا بىردانە html ھۆججىتى قۇرۇش،بۇ html ھۆججىتنىڭ ئىسمىنى index.html قىلىمىز،نامىنى خالىغانچە قويسىڭىز بولىدۇ،بۇ كودنى سىز تەييارلىۋالغان sublime text قا چاپلاپ كىڭەيتىلگەن نامىنى html قىلىپ ساقلاڭ
كود
ـــــــــــــــــــــ
Learning TypeScript
ـــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ ناھايتى ئاددى بولغان تۇنجى ئەپ ھىسابلىنىدۇ،،ئەمدى بىز ئىككىنجى قەدەمدە بىردانە salam.ts ھۆججىتنىڭ بىرنى قۇرۇشىمىز كىرەك،دىققەت چوقۇم ئەپنىڭ ھۆججەتلىرى ھەممىسى ئوخشاش بىر غول مۇندەرىجە ئىچىدە بولۇشى كىرەك،دىققەت قىلغان بولسىڭىز بىز ئىككىنجى باسقۇچتا قۇرىماقچى بولغان ھۆججىتىمىزدە بىردانە كىڭەيتلگەن نام بار،يەنى بۇ ts دىن ئىبارەت،بۇ ts كىڭەيتىلگەن نام Typescript تېلى ئۈچۈن مەخسۇس لايھىلەنگەن
salam.ts نى قۇرۇپ بولغان بولسىڭىز بۇ ھۆججەتنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى يىزىپ ساقلاڭ
كود
ـــــــــــــــــ
alert("salam uyghur");
ــــــــــــــــــــــــــ
بۇلار ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئەمدى بىزنىڭ قىلىدىغىمىز كوماندا كۆزنىكىنى ئىچىش،windows نىڭ ئىجرا قىلىش كۆزنىكىگە cmd دەپ يىزىپ ئىجرا قىلسىڭىز كوماندا كۆزنىكى قوزغىلىدۇ،بۇ كۆزنەكدىن cd كوماندىسى ئارقىلق بايا سىز ھۆججەتلەرنى ساقلىغان غول مۇندەرىجە ئىچىگە كىرىسىز،مەسىلەن سىزنىڭ بايقى ئىككى ھۆججەتنى ساقلىغان ھۆججتىڭىزنى c:\typescript دەپ پەرەز قىلايلى،كوماندا كۆزىنكىدە c:\typescript مۇندەرىجىسىگە كىرىپ بولغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرقاتار بۇيرۇقىنى يىزىپ ئىجرا قىلىڭ،بۇ بويرۇق Tpescript توپلاش بۇيرۇقى بولۇپ salam.js نامىدىكى بىر ھۆججەتنى قوزغىتىدۇ
كوماندا:
tsc salam.ts
بۇ باسقۇچلارنى تاماملىغان بولسىڭىز،سىزنى تەبىرىكلەيمەن،ئاللاھ ئىشلىرڭىزنى مۇۋپپىقيەتلىك قىلسۇن
بىزنىڭ تۇنجى ئەپ پىروگىراممىمىز پۈتتى،ئەمدى بىز پەقەت تور كۆرگۈچ ئارقىلىق index.html نى زىيارەت قىلساق بولىدۇ،زىيارەت قىلغاندا Chrome تور كۆرگۈسىنى ئىشلتىڭ،ھەممە باسقۇچلارنى مۇكەممەل توغرا تاماملىغان بولسىڭىز
كۆز ئالدىڭىزدا سىزنىڭ يازغان ئەپنىڭ تەىجىسى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك پەيدا بولىدۇ
[url=][/url]
دەرسلىك مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ،ئاللاھ خالىسا كىلەر قىتىم ئىنشائاللاھ دەرسلىكنىڭ ئىككىنجى باسقۇچىدا
Typescript گە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ كىرىمىز!
بىكەت ئادرىسى:
http://uytypescript.weebly.com/