شىمالى شىنجاڭ،تۇرپان-قۇمۇل،كورلا تەرەپتىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلار خۇمدانلىق(نىئەنزىگو بېكىتىدە ئاپتوبۇستىن چۈشىدۇ).كۆپچىلىككە شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي،بېكەت ئەتراپىدا ئوغرى-يانچۇقچى،ئالدامچىلار بەك كۆپ،شۇلاردىن بەكمۇ ھەزەر ئەيلەڭ،يۇقارقى دوستلار دېگەندەك،ئەرزان تېلېفون سېتىش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش،چەتئەل پۇلى ئالماشتۇرۇش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش،ئارقىڭىزغا چۈشۈپ سومكا ئوغۇرلاش ئىشلىرى بەك كۆپ.
شۇنى ئېسىمىزدە ساقلايلىكى:جاھاندا ھېچكىم ئۆز مەنپەەتىنى قۇربان قىلىپ سىزگە بىكارغا نەپ يەتكۈزمەيدۇ،ئۆزى پايدا ئالالايدىغان ئىشنى ھەرگىزمۇ سىزگە ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ.
بۇ خىل ئالدامچىلىق ھازىر كوچىدىن شىركەتلەرگە،ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى،ھەتتا داڭلىق شىركەت،كارخانىلاردىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى،ئۇنداق ئىلمى ئۇسۇلدا قۇرۇلغان توزاققا بەك ھۇشيار بولمىسىڭىز ئاسانلا چۈشۈپ كېتىسىز،ئەرز قىلسىڭىز بەلكىم سىز ئۇتتۇرۋېتىشىڭىز مۈمكىن.
مەن خوتەن ئايرودرومىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرتىشتىن ئۆتۈپ بولغاندا مۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتۇم(مېنىڭچە ئايرودروم بىخەتەرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندە ئالدامچىلارنىڭ بولىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى):ئىككى نەپەر كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىۋالغان ئايرۇخانقىز سۈپەت ئىككى قىز يېنىمغا كېلىپ،ئەپەندىم بېلىتىڭىزنى(تىزىملاش بېلىتى) كۆرۈپ باقسام بولامدۇ دەپ قالدى،مەن بۇنى نورمال تەكشۈرۈش دەپ ئويلاپتىمەن،ئۇلار بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن،سىز دائىم ئايرۇپىلانغا ئولتۇردىكەنسىز،سىزنىڭ دەرىجىڭىز ئالى دەرىجىلىك ئەزا بولۇشقا توشۇدىكەن،بىز سىزدەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن راۋاج تېپىپ كېلىۋاتىمىز......بىرمۇنچە يېقىملىق گەپلەر بىلەن سىزنى قايمۇقتۇرۇپ بولۇپ،ئالتۇن رەڭلىك تولىمۇ نەپىس ئىشلەنگەن كارتىنى چىقاردى،ھەم كارتا ئىچىدە 600يۈئەن بار،ھەرقاچان ئىىشلىتەلەيسىز،دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر لېنىيەگە بېلەت ئالسىڭىز سىزگە ئەڭ ئەرزان(بازار باھاسىدىنمۇ ئەرزان)قىلىشقا كاپالەت بېرىمىز(كاللامدا بولىدىغان ئىشكەن دەپ قىزىقىپلا قالدىم،ئۇلار مېنىڭ قىزىقىۋاتقانلىغىمنى ئاللىقاچان سېزىپ بولدى)،يەنە تېخى ئايرودرومدا ئالى دەرىجىلىك كۈتۈش زالىدا ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولىسىز،كارتىنى چىقارسىڭىزلا سىز بارلىق ئالى مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىسىز،قانداق بېجىرەمسىز،بېجىرىش بەك قولاي(مەن ئىزچىل بۇ خانىملارنى ئايرودروم خادىمى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قاپتىمەن)،مەن بوپتۇ بېجىرسەم بېجىرەي دېدىم،ئۇلار كومپيوتېرىنى تاراقلىتىپ،مېنىڭ ئارخىپىمنى تۇرغۇزدى،ھەممە ئىش پۈتەي دېگەندە خانىملار ماڭا بىردەك ئېگىلىپ تۇرۇپ(بەك يېقىملىق
) ئەپەندىم:بۇ كارتا ئىچىدە 600 يۈئەن بار،سىز يەنە 600 يۈئەن تاپشۇرسىڭىز 1200يۈئەن بولىدۇ،سىز كېلەر قېتىم بېلەت ئالماقچى بولسىڭىز 1200يۈئەننى ئىشلىتىپ بېلەت ئالسىڭىز سىزگە نېمە دېگەن ئەرزان توختايدۇ،بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ،سانى چەكلىك(
كۆڭلىدە مېنى تېزرەك ئالدانغىن دەۋاتقان بولىشى مۈمكىن)،دەپ كېتىشتى.مانا ھەرقانداق ئادەمدە بولىدىغان شەخسى مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرۇىشى مېنىمۇ بۇ ئىشقا سۆرەۋاتاتتى،شۇنىڭ بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا 600يۈئەننى تاپشۇرۇپ،ھېلىقى ئالتۇن كارتىنى قولۇمغا ئالدىم،بۇ ۋاقىتتا ئايرۇپىلانغا چىقىش ۋاختى توشۇپ قالغان ئىدى.ئۇلار توىمۇ سەمىمى قىياپەتتە قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ مېنى ئۇزۇتۇپ قېلىشتى(
ئىچىدە كۈلۈۋاتقان بولىشى مۈمكىن)دەل شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئەقىلسىزلىق قىلغانلىقىمنى سەزدىم،مەن ئىزچىل ئۇلارنىڭ ئىدارىسىنىڭ كونكېرت ئىسمىنى سورىماپتىمەن(ئۇلارنىڭ ئايردوروم بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىغىنىمۇ ئەسلا سورىماپتىمەن)،ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئىشىنىپ كەتكەنلىگىمگە ھەيران قالدىم،شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىغىمنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم،لېكىن مەن بۇ چاغدا بېلەت تەكشۈرتۈشتىن ئۆتۈپ ئايرۇپىلانغا قاراپ يول ئالغان ئىدىم.
ئۈرۈمچىگە كېلىپ 2 سائەتتىن كېيىن يانفونىمغا ئالتۇن كارتا شېركىتىدىن ئۇچۇر كەلدى،مېنىڭ مۇۋاپەققىيەتلىك ھالدا ئۇلارنىڭ رەسمى ئەزاسى بولغىنىم ئۇختۇرۇلدى.مەن كارتا ئۈستىدىكى ھەقسىز تېلېفون ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشتىم،شۇ چاغدا شۇنى ھېس قىلدىمكى،مېنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىغىنىم ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان،كارخانىلارنىڭ يېرىم ئالدامچىلىقىغا كىرىدىكەن(يېرىم دېگىنىم،مەن پۈتۈنلەي ئالدانغان ئەمەس،لېكىن ئۇلاردىن ماڭا نەپ يەتمەيدىغان،نەپ يەتتتى دېگەندە بەلكىم 5 يىل ۋاقىتى كېتەر).مەن كارتا بېجىرگەندە ئىنچىكە ھالقىلارنى پەقەت ئېغىزغا ئالمايدىكەن،كېيىن مەن شېركەتكە تېلېفون قىلغاندا شۇنى بىلدىمكى،بۇ كارتا 5 يىل ئىناۋەتكە ئىگىمىش،كارتا ئىچىدىكى پۇلنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم شۇ شېركەتكە تېلېفون قىلىپ شۇلاردىن تور ئارقىلىق بېلەت ئالىدىكەنمەن(تور ئالدامچىلىغى) ،ھەر قېتىم بېلەت ئالسام كارتىدىن 20-30يۈئەن چىقىم قىلىپ بېرىدىكەن،مەن تاپشۇرغان 600يۈئەننىڭ 150 يۈئەنى مېنىڭ 5 يىللىق سۇغۇرتامئىمىش.دېمەك مېنىڭ 600يۈئەن پۇلۇم قانۇن يولىغا سېلىنغان ئىنچىكە ئالدامچىلىق بىلەن قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى دېگەن سۆز.چۈنكى مەن ھەر قېتىم بېلەت ئالسان 20-30 يۈئەن ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ ئۇلارنىڭ تورىدىن بېلەت ئالمايمەن،ئەگەر ئالىمەن دېسەممۇ 600يۈئەن(كارتىدىكى بىلەن قوشۇپ1200يۈئەن)نى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن ئۇلاردىن ئاز دېگەندە 20قېتىم بېلەت ئېلىشىم كېرەك،مەن 5 يىلدا 20 قېتىم ئۆز يېنىمدىن پۇل چىقىرىپ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرامدىمەن؟يەنە كېلىپ بېلەت ئالغاندا چوقۇم شۇلاردىن ئېلىش،ھەم باكا كارتىسىغا پۇل ئۇرۇش مەسىلىسىمۇ ئېنىقلا ئىشەنچلىك ئەمەس.مەن ئۇلارنىڭ يوللىغان بېلەت باھاىسى(ئۇلارچە ئەڭ تۆۋەن باھامىش) بىلەن ئۈرۈمچىدىكى بېلەت سېتىش ئورۇنلىرىدىكى ئوخشاش ۋاقىت ئوخشاش لېنىيەدىكى بېلەت باھاسىنى سۈرۈشتۈرسەم 300يۈئەن قىممەتكەن.شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئىشنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرۈپ،خوتەن ۋىلايەتلىك سود-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئەھۋال مەلۇم قىلدىم،ئۇلار بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى(مەن بۇ يەردە ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن)،ھەم ئۇلارنىڭ خوتەن ئايرودرومى ۋە ھېلىقى ئالدامچى شىركەتنىڭ بېيجىڭدىكى باش شېركىتى بىلەن ئالاقىلىشىشى ئارقىلىق،بېيجىڭدىكى شېركەت ماڭا تېلېفون قىلىپ ناماقۇل بولدى،ھەم پۇلۇمنى كارتامغا ئۇرۇپ قايتۇرۇپ بەردى.
لېكىن مېنىڭ ئالدى كەينىمدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ كارتىنى بېجىرگەن ئىدى،ئۇلار قانداق قىلغاندۇ،بىلمىدىم.