royharry يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 01:34 PM
ئۇرۇشىدىغان جىدەل قىلىدىغان يەردە قەتئىي يانماسلىق كى ...
بىز يول قۇيۇش دىگەننى قورققانلىق دەپ بىلىمىز .
مەدىنىيەتلىك دىگەننى يوۋاشلىق دەپ بىلىمىز .
ئەپۇ سورىغاننى ئاجىزلىق دەپ بىلىمىز .....
شۇڭا بىزدە مەسىلە ئېغىر . سىز ئويلاپ بېقىڭ : ئەگەر كىچىككىنە ئىشنى دەپ جىدەللەشسىڭىز ساقچى كىلىپ سىزنى ئاز دىگەندە نەچچە سائەت جېق بولغاندا نەچچە كۈن ئاۋارە قىلىدۇ، سز خىزمەت قىلمامسىز؟ تىجارەت قىلمامسىز؟ بالىڭىز -ئايالىڭىز ياكى ئاتا-ئانىڭىزنى كۆرگىڭىز كەلمەمدۇ؟
شۇڭا يوقىلاڭ ئىشقا جىدەل قىلغاننىڭ پايدىسى يوق . باشقىلار يۈرەكلىكەن ،جىگىرى باركەن،ياكى لۈكچەككەن دەپ قۇيۇپلا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ خالاس . ھەرگىزمۇ سىز بىلەن بىللە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ .
بەزىدە ناھەق ئىشلارغا ئۈچرىغاندا ئوتتۇرغا چىقىش بۇ ياخشى خىسلەت ، لىكىن ئوتتۇرغا چىقىش ھەرگىزمۇ جىدەللىشىش -ئۈرۈشۈش دىگەنلىك ئەمەس . بىزنى باشقىلار نىمە دەپ مەسخىرە قىلىدۇ دىسىڭىز ‹不讲道理,动不动就动手动脚›مەنىسىنى كۆپىنچىمىز چۈشىنىمىز . ناھەق ئىشقا يۇلۇققاندا ياكى باشقا ماجرا يۈز بەرگەندە ئامال بار قائىدە(داۋلى) سۆزلەش كىرەك .ئەگەر قارشى تەرەپ يەنىلا بولدى قىلمسا 110غا تېلفۇن قىلىپ ئىشنى ھەل قىلسا ئىنتايىن ياخشى ، پەقەت ساقچىلارنىڭلا ماجراغا ئارلىىش ھوقۇقى بار . بىزنىڭ يوق !