mahatjan يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 11:52 AM
قىسقىچە ئەسكەرتىش:ماڭا مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بولمىغان ...
مەخەت ئاكا؛-
ئەڭ ئاۋال سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن بىراۋغا سۆز قالدۇرغاندا،(ئاۋال ئىسىم ئاندىن ‹‹؛-››چېكىت پەش،ئاندىن سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدىغانلىقىنى بىلۋالدىم.
مەن نۇرغۇن تىرىشىپ چوڭ تىپتىكى ئەسەر يېزىپ بېقىشقا ئۇرۇندۇم،ئەمما مۇشۇ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەم ئوتتۇرسىدىكى‹‹ دىئالوگ›› نى پەقەتلا ئۆلچەملىك چىقىرالمىدىم،شۇ سەۋەپتىن ئەسەر يېزىشتىن توختياپ قالدىم.مەن توردىن كىتاپلاردىن ئەدەبىيات،يېزىقچىلىق توغۇرسىدا خېلى ماتىريال كۆرگەن بولساممۇ بۇ قىسىمى سۆزلەنمەيدىكەن.ئىچىمدە نۇرغۇنلىغان يېتەرلىك دەبدەبىلىك سۆزلەر تۇرغان بولسىمۇ ئەمما فونىتىكىسى(تاۋۇش سىستىمىسى)،لىكسىكىسى(سۆلۈكلىرى)،گرامماتىكىسى(جۈملە بۆلەكلىرى)ۋەلوگىكىسى ھەققىدىكى قائىدە-پىرىنسىپلارنى تولۇق بىلەلمەي قالدىم.
فۇنكىسيە-تاۋۇش سېستىمىسى،
لىكسىيە-سۆزلۈك
فىراماتىكا-جۈملە بۆلەكلىرى
بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى ئىنكاسىڭىزدىن بىلۋالدىم.
مەن سىز ئېيىتقان جۈملە بۆلەكلىرىنى توغرا ئورۇنلاشتۇرالمىغانلىق سەۋەبىدىن،مەجبۇرى يۇقارقىدەك،ئۇزۇن-قىسقا قۇرلار بىلەن ئىپادىلەپ كەلدىم.
مەن نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇغان بولساممۇ مىنىڭدەك بىرەر ئۇسلۇپتا يېزىلغان ئەسەرنى كۆرمىدىم،
مەخەت مۇئەللىم؛-سىزدىن بىر سۇئال سورىۋالاي-
ئەدەبىياتتا مەلۇم قائىدە-پىرىنسىلارنىڭ بولىدىغىننى بىلىمەن،چوقۇم شۇ قائىدە-پىرىنسىپلارغا چۈشۈرۈپ يېزىشىمىز كېرەكمۇ؟ياكى باشقىلارغا توغرا ئىپادىلەپ بېرەلىسەكلا ئۆزىمىز خالىغان بىر ئۇسلۇپنى يارىتىپ يازساق بولامدۇ؟
--------------------------------------------------------
مۇنبەردە يېزىقچىلىق توغۇرسىدا كىچىك دەرىسخانا سەھىپىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولسا،ئىشتىن چۈشكەن ئۇستازلاردىن سۇئالىمىزغا جاۋاپ تاپقان بولساق،دەرىسلىرىنى ئاڭلىغان بولساق،بەك ياخشى ئىش بولاتتى.
مۇنبەردە ھەممە تۈر بار ئەمما ‹‹دەرىسخانا سەھىپىسى›› يوق.باشقا مۇنبەرلەردىمۇ ھەم شۇنداق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئېزھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-7 01:24 PM