dolataogli يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 03:47 PM
مەن بىر ئاي بوپ قالدى، كورلىغا تۇنجى قېتىم باردىم، ئەم ...
ئەزىز قېرىنداشلار:
ئەگەر كورلىغا كېلىپ زىيارەت، ساياھەت قىلىش پىلانىڭلار بولسا، مۇنبەردىكى كورلىلىق تورداش ، دوستلارغا خەۋەر قىلىپ ئاندىن كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەلۋەتتە، شەھەرگە كەلگەنلەر بىلمىسە ھەتتا ئۇيغۇرچە تائام تېپىپ يېيىشى، قەيەرنى ساياھەت قىلىشنى بىلمەي قېلىشى ياكى شۇنداق يەرنى تېپىش ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە كورلىغا كەلسەڭلار مەيلى قايسى مىللەتتىن سورىساڭلارلارمۇ (بۇ يەردە 1 يىلدىن ئۇزاق تۇرغانلار) ئېرىنمەي سىلەرگە يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئۇچرىساڭلار تېخىمۇ ياخشى.
كورلىدا ئۇيغۇرلار سودا قىلىدىغان رايۇنلار خۇددى ئۇرۇمچىدىكى بۇلاق بېشى، دۆڭكۆۋرۈك... تەك مەركەزلىك بىر يەرگە توپلاشقان بولۇپ، ئۇلار: بوستان سودا بازىرى (بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ كۆپ) ئىتتىپاق سودا بازىرى جەنۇبىي شىنجاڭ چوڭ بازىرى، (كورلا جامائە چوڭ مەسچىتى مۇشۇ يەردە، ئاق مەسچىتمۇ يېقىن. بۇ يەرگە يېقىن بولغان 3 مەسچىت بولۇپ، يەنە بىرى خۇيزۇ مەسچىت، 2 ھېيت نامىزىدا چوڭ مەسچىت توشۇپ كەتسە، ياكى نامازغا كېچىكىپ قالغانلار خۇيزۇ مەسچىتكە كىرىپ ئوقۇيدىغان ئەھۋالمۇ بار، چۈنكى خۇيزۇلار بىراز كېچىكىپ ئوقۇيدىكەن) كونا بازار (ئەسلىدىكى ئىسمى تۆۋەنكى دەرۋازا، ھازىر كونا بازار دەپ ئاتايدىغان بولۇپ كەتتى) يەنە سايباغ سودا بازىرى (بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ ئەمەس)
ئەگەر ئاقسۇ ياكى شىمالىي شىنجاڭدىن ئاپتۇۋۇزدا كەلسەڭلار كورلىنىڭ شىمالىدىكى مەركىزى بېكەتكە كېلىسىلەر. بۇ يەردىن 19- يول ئاپتۇۋۇزىغا ئولتۇرۇپ جەنۇپقا قاراپ ماڭسا بوستان سودا بازىرى، ئالتۇن ئۈچ بۈرجەك، كونا بازار قاتارلىق جايلاردىن ئۆتىدۇ بېلەت باھاسى 1 يۈەن. يەنە بىر بېكەت ئىقتىسادىي تەرەقىيات رايونىدا بولۇپ، بۇ بېكەتكە قەشقەر، خوتەن قاراتلىق جايلاردىن كەلگەنلەرنى قارشى ئالىدىغان بېكەت.
شەھەر ئىچىدىكى ساياھەت ئورنى: كۆنچى باغچىسى (ھەقسىز) چىمەن تاغ (كورلىنىڭ شەرىقى تەرىپدە خەنزۇچە لوڭ شەن دەپ ئاتايدۇ) بۇنىڭدىن باشقا يەنە خېلى كۆپ يەرلىك ئالاھىيدىلىككە ئىگە مەنزىرىلىك جايلار بار.