گراۋىتوننى تۇتۇش ــ مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە
(تەرمە)
گىراۋىتون قەيەردىن كېلىدۇ؟
كۋانت مېخانىكىسىغا ئاساسلانغاندا،بارلىق كۈچلەر زەررىچە ئارقىلىق ئۇزىتىلىدۇ.ئېلېكتىر-ماگىنىت كۈچى فوتون ئارقىلىق،ئاجىز ئۆز-ئارا تەسىر W بوزون ۋە Z بوزون ئارقىلىق، كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىر بولسا گلۇئون ئارقىلىق ئۇزىتىلىدۇ.كۈچ ئۇزىتىدىغان بۇ زەررىچىلەر قۇرۇق خىيالنىڭ مەھسۇلى بولماستىن،تەجرىبىدە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەكشۈرۈلگەن. ھالبۇكى،ھېچكىممۇ كۈچ ئۇزىتىدىغان زەررىچىنى كۆرۈپ باققىنى يوق.بۇنىڭغا قارىتا بەزىلەر مۇنداق چۈشەنچە بەردى: ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن مەلۇمكى،ئۇنىڭ زەررىچىسى(گىراۋىتون)دە ماددىلار بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر يۈزبەرمەيدۇ.
............................
مارىلاند داشۆسىدىن تېدى.ياكۇبسىن :«مېنىڭچە،يەككە زەررىچە ھالەتنىڭ تەكشۈرگىلى بولۇشچانلىقى زۆرۈر ئەمەس،كۋانت مىخانىكىسىنىڭ ئاساسى ـــ مەيدان،زەررىچە ئەمەس». نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى،تېكساس داشۆسىدىن سىتېفىن.ۋېنبېرگمۇ بۇ خىل قاراشنى قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« يەككە گىراۋىتوننى تەكشۈرگىلى بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسى گىراۋىتون توغرىسىدا بىرخىل ئاساسى نەزەرىينى تۇرغۇزۇش بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆزىتەلمەيمىز،مەسىلەن:كۋارك».
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=19924&page=1&extra=#pid48990
قاسىم سىدىق:گىراۋىتون خىياللىرى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9031&extra=page%3D1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 10:44 PM