مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 40597|ئىنكاس: 174

گۈلەن: ئىنسانلىققا ئىجازەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

95

يازما

125

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 12516
يازما سانى:
95
نادىر تېما :
6
مۇنبەر پۇلى :
26170
تۆھپە :
502
باھا :
368
توردا:
97 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-10-3
ئاخىرقى:
2013-8-20
' X1 y# ^  c3 B! g; \! V; A
گۈلەن: ئىنسانلىققا ئىجازەت - l5 |5 A# r( R4 V7 O+ \0 m9 O
ئابدۇۋەلى ئايۇپ& R, _1 Z0 y5 A* P
" H" Y" f2 k$ w6 e# D- \, u  I
ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ماڭا ئەڭ ئېچىنىشلىق، ئەڭ غەلىتە، ئەڭ ھەجىۋىي تۇيۇلغىنى كىشىنىڭ بىر شەخس سۈپىتىدە مۇستەقىل ياشاش پۇرسىتى، ھوقۇقى ۋە ئەركىنىڭ ئىتىبارسىزلىقى، ئىجازەتسىزلىكى ۋە دائىم تارتىۋېلىنىشى بولدى. ئىنسان بۇ يەردە پەقەت بىر شەخس سۈپىتىدە ياشىيالمايدىكەن. شەخسنىڭ ئۆزىگىلا ۋەكىل بولالماسلىقىغا زامان ۋە كىشىلەر تەڭلا سەۋەبچى بولىدىكەن. خەلقنىڭ بىر كىشىنىڭ مۇستەقىل قارارىغا ئارىلىشىۋېلىشىدىكى سەۋەب شۇكەنكى، بۇ يەردە بىر قانچە كىشى ياكى بىر گورۇپپا كىشىنىڭ قىلمىشى دائىم  شۇ كىشى بىلەن كەسىپداش، يۇرتداش ياكى مىللەتداش بىر توپ كىشىنىڭ يۇرت بويىچە، مىللەت سۈپىتىدە قارىلىنىشىغا، تەقىپ قىلىنىشىغا، تەكشۈرۈلىشىگە ۋە ئاۋارىچىلىققا قېلىشىغا سەۋەپ بولىدىكەن. بۇ يەردە بىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى، خاتالىقى ۋە ھەتتا جىنايىتى ئۆزىگىلا تەۋە ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى، تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى ھەتتا يۇرتى تەڭلا مالاللىققا ئۇچرايدىكەن. شۇڭا سۆز ۋە ھەرىكەتتە سېنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن بۇرۇن ئەتراپىڭدىكىلەر پايلايدىكەن، ئاگاھلاندۇرىدىكەن، ھەتتا جازالايدىكەن. بۇ جايدا ئىنساننىڭ ئاددىي قىلىقى ۋە گەپ سۆزلىرى مىللەتلەشتۈرىلىدىكەن، سىياسىيلاشتۇرۇلىدىكەن، ئىدولوگىيەلەشتۈرىلىدىكەن ۋە ياكى سۈيىئىستىمال قىلىنىدىكەن. بۇ يەردە بىر كىشىنىڭ ئۆزى قىلغان سۆز ۋە ھەرىكەتنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شەخسنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىنغان بولغاچقا قايسى گورۇھ ۋە ئورگان قانداق چۈشىنىشنى خالىسا ھەمدە قانداق چۈشەندۈرسە شارائىتقا، مەقسەدكە ۋە مەنپەئەتگە ئۇيغۇن بولسا شۇ پېتى چۈشەندۈرۈلۈپ كېتىپ قالىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن سەن تەرەپدارلىقتىن خالى، ئىلمىي، ئەمەلىي بىر پىكىرنى ئەسلى پېتى يەتكۈزەلمەيدىكەنسەن. ھىچ قانداق مەنپەئەت ۋە مۇددىئادىن مۇستەسنا خالىس بىر پائالىيەتنى زىممەڭگە ئالالمايدىكەنسەن ۋە  مۇستەقىل نەتىجە چىقىرالمايدىكەنسەن. بۇ يەردە ئىنسان ھەمىشە بىرەر سىياسىي گورۇھقا، سىياسىي مەقسەدكە، مىللىي توپقا ۋە بىر مەنپەئەت چەمبىرىكىگە مەنسۇپ قىلىنىپ تەسەۋۋۇر قىلىنىدىكەن، مۇئامىلە قىلىنىدىكەن ياكى باھا بېرىلىدىكەن. ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە كىشىلەر دائىم ئۆزىنى باشقىلارنىڭ نازارىتىدە تۇرۇۋاتقاندەك، دائىم بىر خەۋپ بېشىدا ئەگىپ يۈرگەندەك، گۇناھكاردەك، سوراق قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان تۇتقۇندەك ھىس قىلىدىكەن ياكى بىلىپ بىلمەي قېرىنداشلىرىغا نازارەت قىلىدىكەن، تەھدىت سالىدىكەن، دائىم ئەتراپىدىكىلەردىن شۈبھىلىنىپ ئۇلارنى بىھۇدە بارلىق پىشكەللىكلەرگە سەۋەبكار قىلىپ قويىدىكەن.
) u8 i8 \% z/ k3 r. d
8 X2 D, @: e; v ئىنسانلىق ھوقۇقىمىز ۋە شەخس سۈپىتىدىكى مۇستەقىللىقىمىز، خاسلىقىمىزغا كاپالەت بېرىلگەن بولسا ئېدى بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشقا بىر ئىنساننى يۆلەش، خەتەردىن قۇتقۇزىۋېلىش، قېيىنچىلىقتىن خالاس قىلىش، مۈشكۈلاتتىن يىراق قىلىش قاتارلىقلار سىياسىيلاشتۇرۇلماي بىر شەخسكىلا مەنسۇپ، نورمال ئىنسانى پەزىلەت سانالغان بولاتتى. كىمنىڭ كىم بىلەن دۈشمەنلىشىپ، دوست بولۇپ يەنە كىملەرنىڭ كىملەر بىلەن تويلىشىشى، كىمنىڭ قايسى گورۇھتىن چىقىپ يەنە بىر گورۇھقا كىرىشى، قايسى مىللەت كىشىنىڭ كىمنى ئاسرىۋېلىشى قاتارلىقلارمۇ تولىمۇ ئەقەللىي بىر تۇرمۇش كۆرۈنىشى ھىساپلىنىشى كېرەك. ھالبۇكى، ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ تەشۋىقاتى، ھاكىمىيەتسىزلەرنىڭ ئەكس تەشۋىقاتى ۋە كىشىلەرنىڭ تارىخى ۋە رىيال تەجرىبىلىرى ، قىسمەتلىرى بىرىكىپ بىر ئىنساننىڭ ئىزگۈ نىيىتى ۋە خالىس ھەركىتى تەرغىبات ۋاستىسىگە، ئۈلگىگە، دۈشمەنلىككە، سۈيىقەستكە، قىلتاققا...ئايلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە بىر ئىنسانغا خاس ئاددى ھايات سىياسىي مۇساپىگە، ئىدولوگىيە كۆرەشلىرىگە ۋە مەنپەئەت داستىخىنىدىكى گېزەككە ئايلىنىپ ئۆزنى ۋە ئۆزگىنى بۇرۇختۇم قىلىدۇ. بۇنداق موھىتتا كىشى ئۆزى ۋە ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن ئالقىشلىق ئىش قىلىشتىمۇ، ئۆز نەپسى ئۈچۈن ئالقىشسىز ئىش قىلىشتىمۇ ئەتراپىدىكىلەردىن سورالمىغان ئىجازەتكە ئېرىشەلمەي ئۆز مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم قالىدۇ-دە جاھاندا ئاققاننى، جاھانسازغا ياققاننى قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
4 G4 t9 Z9 Q& _بىر شەخسنىڭ ئېرىشىشكە تىگىشلىك بولغان پۇرسەت، ھوقۇق ۋە ھۆرلۈكتىن مەھرۇم قېلىشى ئۇنىڭ سىياسەت، مىللەت ۋە ئىدولوگىيەدىن مۇستەسنا خۇسۇسىي ئۆزلۈكىگە ۋەكىل بولالمىغانلىقىدا ۋە مەجبۇرەن كىملەر ۋە نېمىلەرگىدۇر ۋەكىل قىلىپ قويۇلغانلىقىدا. كۆزىتىشىمچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىنسان ۋەكىللىك قىلىش ۋە ۋەكىللىك قىلىنىشنىڭ ئاسارىتىدە ياشايدۇ. كىشىلەر ھەم ئۆزگىلەرنى ۋەكىللىكسىز چۈشىنەلمەيدۇ ھەمدە ئۆزىمۇ ئۆزىگە ۋەكىل بولالمايدۇ. ئارىدىن بىرەر ۋەكىلنىڭ چىقىپ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھەققانىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلبپ بېرىشىنى تاما قىلىدۇ. دائىم بىرەر گورۇھقا ۋەكىل بولغۇچىلارنىڭ تەقىپلىشىگە ئۇچرايدۇ، ياكى بىرەر گورۇھقا ۋەكىل قىلىنىپ ئازارلىنىدۇ. ئىنساننىڭ مۇستەقىل، باراۋەر، ئاددى ھاياتى دائىم ۋەكىللىك قىلغۇچى ۋە ۋەكىللىككە زورلىغۇچىلارنىڭ تەكلىپسىز يارىدىمىگە، مەجبۇرى غەمخورلۇقىغا، ئىلتىجاسىز يېتەكچىلىكىگە مەھكۇم بولۇپ قالىدۇ. ئۆز غايىسى ئۈچۈن ياشاۋاتقان بىر كىشىنى بىر ئىجتىمائىي غايىگە ۋەكىل قىلىۋېلىش ياكى ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۇيغۇر ياشاۋاتقان رىياللىقتا كىشىنى كۈتۈلمىگەن شەرەپ ۋە شۇنىڭغا سوڭداشقان پىشكەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. جەمئىيەتتە كىشىلەر دائىم ۋەكىل بولۇۋالغۇچىلارنىڭ ۋە ۋەكىل قىلىپ قويغۇچىلارنىڭ مۇداخلىسىگە، تاجاۋۇزىغا ۋە  زۇلۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ يازمىدا جەمئىيەتنىڭ مەن كۆرەلىگەن ئەينىكىدىكى ۋەكىللىك قىلىش ۋە قىلىنىش ھادىسىسى ھەققىدە توختىلىمەن.; P. p) |; w9 U4 w

' }+ c! N5 {4 K: W- W9 I& e) P0 S1. ھاكىمىيەتكە ۋەكىللىك
! M1 S8 h- l. E9 ^' k
- m1 i6 ^; ^7 L: m; D# g/ @1998-يىلى قەشقەر شەھرىگە يېقىن بىر كەنتتە تىلماچ ۋە كاتىپ بولۇپ ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىمدە تىيەن پامىلىلىك بىرىگە تەرجىمانلىق قىلىشقا توغرا كەلدى. يىغىندا ئۇنىڭ قوللىرىنى ئاتىسى ۋە ئانىسى دېمەتلىك كادىرلارغا جونۇپ سۆزلەشلىرىنى پەقەتلا ياقتۇرمۇدۇم. كۆڭلۈمگە ئۇنىڭ نېمىشقا بۇ قەدەر تەھدىتلىك تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغانلىقىغا ھەيرانلىقتىن باشقا خىيال كەچمىدى. يىغىن مەيدانىدا ئۇنى غەزەپلەندۈرىدىغان ھىچ ئىش يوق ئېدى.كۆز ئالدىمىزدا ئولتۇرغان كىشىلەر قوزىدەك يۇۋاش، توشقاندەك ئۈرككەك ئېدى. ھەر قانچە ئويلىساممۇ ئۇنىڭ ۋارقىراشلىرىدىكى ھەيۋە، سۈر ۋە قورقاق سېلىشلارنى ئۇيغۇرچىغا سىلىقراق تەلەپپۇزدا ئۆرىيەلمەي ئاۋارە ئېدىم. ئاخىرى ئۇنىڭ بۇيرۇق تۈسىدىكى گەپلىرىنى تەكلىپ ۋە تەۋسىيە شەكلىدە ئۆرۈپ يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزدۈم. يىغىن تۈگەپ كىشىلەر مېنىڭ تەرجىمەمدىن يوچۇنلۇق ھىس قىلدى بولغاي ئەراپىمغا ئولاشتى. ئۇلارچە باشلىق كۆپۈپ سۆزلىگەن گەپلەرنى ئۇنداق مۇلايىم تەرجىمە قىلىشقا بولمايمىش. مەنمۇ باشلىقتەك بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا قوپال تەرجىمە قىلىشىم كېرەكمىش. مەن بۇ گەپلەرگە ئىرەن قىلىپ كەتمىدىم، ئەمما شۇنچە قورقۇتۇلغان بۇ كىشىلەرنىڭ نېمىشقا خورلۇق ھېس قىلمىغىنىغا، غەزەپلەنمىگەنلىكىگە تاڭ قالدىم. ھەتتا بۇ زالىم باشقا بىر يىغىندا ئانىسى دېمەتلىك بىر ئايالغا قەلىمىنى ئېتىپ  قاپىقىنى زەخمىلەندۈرسىمۇ ھىچ كىم ئۇنىڭغا چىش يېرىپ بىر نېمە دېيەلمەپتۇ. مەنچە يىغىندا دېيىلىدىغان مەزمۇن ھۆكۈمەتنىڭ، ئەمما بۇ مەزمۇننى يەتكۈزۈش ئۈچۈن شىلتالغان قوللار، ئالايغان كۆزلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس. بۇ باشلىق بولۇۋالغان شەخسنىڭ مىجەزىدىكى مەسىلە بولۇپ ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت مەزمۇنىنى ئۇنداق تەلۋىلەرچە قوپاللىق ۋە قاباھەتلىك شەكىل بىلەن يەتكۈزۈش بىھاجەت ئېدى. ئەينى چاغدا مەن بىلەن خىزمەتداش يىغىن قاتناشچىلىرىغا مۇشۇنداقراق چۈشەندۈرگەن بولۇشۇم مۇمكىن.   a3 P5 [- s; r, j6 M9 d
تىيەن باشلىققا تەرجىمانلىق قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئۆزىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ۋەكىل دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى چىققانلاردىن ساناليدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئارىدا بىر پۇرسىتىنى تېپىپ ئۇنىڭدىن ھەيۋىلىك سۆزلىشىنىڭ ۋە قوپال مۇئامىلىسىنىڭ سەۋەبىنى سورۇدۇم. ئۇنىڭچە بۇ كىشىلەرگە ھۆكۈمەتنىڭ سۈرىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەكمىش، يەرلىك كىشىلەر قالاق بولغاچقا قائىدە سۆزلىسە چۈشەنمەيمىش، قەشقەر ئالاھىدە رايۇنمىش، مۇشۇنداق تەھدىتلىك ئۇسۇلدا باشقۇرۇلمىسا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولماسمىش. ئېنىقكى ئۇ ئۆزىنى ھاكىمىيەتكە ۋەكىل قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ھاكىمىيەت دەھشەتلىك، رەھىمسىز، يولسىز گۇندىپاي، يەرلىك ئۇيغۇرلار بولسا ئاڭقاۋ، قالاق، ھورۇن مەھبۇسلار ئېدى.
9 M  g/ Z% D2 V- o% z8 S' a% q: \8 i  I# B
قەشقەردە كىشىلەرنىڭ ’ھۆكۈمەت بىلىپ قالسا، كۆرۈپ قالسا، ئاڭلاپ قالسا...جازالايدۇ، بوش قويمايدۇ، ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۆتۈككە تىقىدۇ' دەپ قورقۇمسىراپ يۈرگەنلىرىگە قاراپ ئويلاپ قالىمەن. كىشىلەر نېمىشقا مەۋھۇم ھۆكۈمەتنى كۆزى، كۆڭلى، ئەقلى بار تەسەۋۋۇر قىلىدىغاندۇ؟ قانداقسىگە مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ھەممىنى بىلىپ، كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھ بار دەپ ئىمان ئېيتىپ كېلىۋاتقان بۇ مىللەت ئەمدى ھەممىگە قادىر ھۆكۈمەت بار دەيدىغان بولۇپ قالدى. خەلقىمىز قاچاندىن بېرى ياخشى يامان ئەمەللىرىمىزنى ئاللاھ كۆرۈپ، پەرىشتىلەر يېزىپ تۇرىدۇ دەپ قورقۇشنىڭ ئورنىغا ھەممە ئەمەللىرىمىزنى ھۆكۈمەت بىلىپ، جازالاپ تۇرىدۇ، تامنىڭمۇ قۇلىقى بار دەپ خەۋپسىرەيدىغان بولۇپ قالدى؟ تەكشۈرىشىمچە ھاكىمىيەتنى ئادەملەشتۈرۈش، ھاكىمىيەتكە ۋەكىل بولۇۋالغۇچىنى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزى دەپ چۈشىنىش قەشقەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇد ھادىسىكەن. قەشقەردىكى خەنسۇلاردا باشلىق، سىياسەت ۋە رىياللىق ھەققىدىكى پىكىر ئۇيغۇرلاردىكىدەك ئەندىشىلىك سۆز-جۈملىلەر بىلەن بايان قىلىنمايدىكەن. خەلقىمىزدىكى چوڭلارنى تۆرگە ئېلىش ئادىتىنىڭ ئورنىغا باشلىقنى تۆرگە ئېلىشنىڭ ئالمىشىشى، سورۇنلاردا چوڭلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا باشلىقنىڭ سۆزىگە دوست تارتىشنىڭ دەسسىشى، ئىلىم ۋە ئالىمغا ئۇيۇشۇشنىڭ ئورنىنى ھوقۇق ۋە ھوقۇقدارغا يېپىشىشنىڭ ئېلىشى قاتارلىق ھادىسىلەر ھاكىمىيەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچىلارنىڭ رولىنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدا قانچىلىك موھىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھاكىمىيەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا قانچە ئارىلاشقانچە شۇنچە ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ھاكىمىيەتتىن نەپلىنىۋاتقانلار ۋە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار قانچە كۆپەيگەنچە ھۆكۈمەت كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە تۇيغۇسىغا شۇنچە سىڭىپ كېتىدۇ. مەن ئامېرىكىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ياشىغان مەزگىلدە مەكتىپىم جايلاشقان شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقىنى بىلمەيتىم، بىرەر يەردە ئاڭلاپمۇ باقمىغانىدىم. قەشقەردە ياشىغىلى ئىككى يىل بولمىدى ئەمما شەھەر باشلىقىنى ئەمەس مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىرىدىنمۇ ئىككى ئۈچنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇققانلىرىنى بىلىپ بولۇپتىمەن. چۈنكى ھەممە يەردە شۇ ھوقۇق ۋە ھوقۇقدارنىڭ گېپى. ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە سىغدىلىپ بولغاچقا مەندەك كىتاب ئوقۇشتىن باشقىغا زوقى يوق بىر ئادەم ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى بىلمەي دېسەممۇ مۇمكىن بولمىدى./ a+ Y9 y2 ?  w8 M

! {6 p8 _0 b( ~0 ~8 F2. خۇداغا ۋەكىللىك
, c2 h  `: [1 }: U4 [; v8 L( v) |" L7 D" S, g" b$ C: _. ~" P+ q
بىر كۈنى بىر باققالدىن بىر كىلو ئارمۇت ئالدىم. باققال يوغانراق ئىككى ئارمۇتنى سېلىپلا تارازىنىڭ ئىكرانىغىمۇ قارىماي ’مانا بىر كىلو‘ دەيدۇ. ’ئەجەپ ئۇستىكەنلا، نەچچە ئارمۇتنىڭ بىر كىلو كېلىدىغىنىنى قارىمايلا بىلىدىغان‘ دېسەم، تازا كۆزۈمگە قارىۋېتىپ ’خۇدايىم ئۇستا‘ دەپ قويدى. بۇ گەپنى خېلى ئويلاندىم. بۇ كىشى زادى نېمە دېمەكچى بولغىيدى؟ ئارمۇتنى ياراتقان ئاللاھ نەچچە ئارمۇتنىڭ قانچە كېلۇ كېلىدىغانلىقىنى مۇشۇ ئادەمگە ئايرىم دەپ بەرمىگەن بولغىيدى؟ تارازىغا قاراپ بىلىدىغانغا كۆز ۋە ئەقىلنى قوشۇپ ياراتقان خۇداغا نەچچە ئارمۇتنىڭ نەچچە كىلو كېلىدىغىنىنىمۇ يۈكلەپ قويساق توغرا بولۇمۇ؟ نۆزەمبىللا، بۇ كىشى خۇدايىمنىڭ نېمە بىلىپ نېمە بىلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئۇقۇپ قالغانمىدۇ؟ پەرىزىمچە بۇ ئادەم ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپلا مېنىڭ ئاغزىمنى يۇمدۇرماقچى، خۇداغا ۋاكالىتەن جاۋاپ بېرىپ مەندەك بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىكى دىننىڭ نوپۇزىنى سۈيىئىستىمال قىلماقچى ئېدى.& Y1 F+ h3 O$ }1 H2 b/ O. h: N! e

1 j: c5 X* E- H' ~& _+ n6 j. Wئىككى مىڭىنچى يىللارنىڭ باشلىرى بولسا كېرەك ئوپالدا مۇچ كاساتچىلىقى بولدى. سەۋەبى مەزكۇر يېزىنىڭ مەسئۇللىرى دېھقانلارنى مەجبۇرى مۇچ تېرىتقانلىقى ئىكەن. خەقلەر مۇچلىرىنى ساتالماي مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلغاندا ناھىيىنىڭ بىر مۇئاۋىن پارتىكوم سېكىرتارى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ قازايى قەدەرنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. بۇ گەپ ھازىرغىچە ئېسىمدە. يېقىندا ئاڭلىسام قەشقەر شەھرىدىكى بىر ئاپتۇبۇس شىركىتىنىڭ خەنسۇ مۇدىرى خىزمەتچىلىرىنى موللا چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتۇپ ئىدارە نامىدىن نەزىر قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. سەۋەبى ئىدارىدا ئۆلۈم يېتىم ۋە ھادىسىلەرنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىگىدىن ئىكەن. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاڭلىغان ئەڭ قىزىقارلىق ئىش. بۇلتۇر رامازاندا قەشقەردە ئىككى باي بىر ئورۇننىڭ پايدىلىنىش ھوقۇقى كېلىشەلمەي قەشقەرنىڭ بىر مۇئاۋىن سېكىرتار ئالدىغا كىرگەنىكەن. سېكىرتار بۇلارنى كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن قۇرئان تۇتقۇزۇپتۇ. ئۇلار خۇداغا ئىشىنەمدۇ؟ كىشىلەرنىڭ خۇداغا ئىشىنىشىگە يول قويۇۋاتامدۇ؟ ياق. ئەمما لازىم بولغاندا ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىكى خۇدانىڭ نوپۇزىغا ۋەكىللىك قىلىشنى ئۇنۇتمايۋاتىدۇ. دېمەك،  بۇ مىساللاردا ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ خۇدانىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ مەقسەدكە يېتىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا خۇدانىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىۋاتقانلار، خۇداغا ۋاكالىتەن ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلار ئۇيغۇرلارلا بولۇشى ناتايىن. ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىش پۇرسىتى، ئەركى ۋە ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان مەنپەئەت گورۇھلىرى قايسى مىللەتكە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋاقتى كەلسە خۇداغا ۋەكىللىك قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى ئىندەككە كەلتۈرىۋېرىدۇ." Q" S1 h" H4 u# o6 ~
ئاۋام ئۇيغۇرلار پىكىر ۋە ئۇچۇرلارنى ئىككى مەنبەدىن ئالىدۇ. بىرى خۇداغا ۋاكالىتەن سۆزلەيدىغان ۋە سۆزلىتىلىدىغان جامەلەردىن، يەنە بىرى ھاكىمىيەتكە ۋاكالىتەن سۆزلىنىدىغان ئاخباراتلاردىن. جامەلەر ۋە ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقاتىدا مۇنداق بىر ئورتاق نوقتا بار. ئۇ بولسىمۇ ھاكىمىيەت ۋە جامەلەر ھازىرقى تۇرمۇشنىڭ كۈندىن كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاقلىقىنى، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، قەدرىگە يېتىشنى، بۈگۈنكى ئاسايىش زاماندىن تىنچ مەنەپەتلىنىشنى تەرغىپ قىلىشىدۇ. مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان تارىخ، ئەخلاق ۋە سىياسىي دەرسلەرنىڭ مەقسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بېرى غەرپ تاجاۋۇزچىلىرى، بۆلۈنمىچىلىك ۋە پىئۇدال دىنىي كۈچلەر تەرپىدىن ئېزىلىپ، خارلىنىپ، نامراتلاشقانلىقى، پەقەت كومپارتىيە ئازات قىلغاندىن كېيىنلا ئاسايىشلىق كۈنلەرگە ئۇلاشقانلىغىنى سىڭدۈرۈشتۇر. بۇنداق تەشۋىقاتتا يەنە ھالقىلىق بىر پەرق بار. ئۇ بولسىمۇ جامەدىكى خاتىپلار بۇ ’ئاسايىشلىق، بەختىيار، پاراۋان‘ زاماننى بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىشنى، ناشۈكۈرلۈك قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدىغان تەبلىقلەرنى قىلىدۇ. ھاكىمىيەت تەشۋىقاتىدا بۈگۈنكى مۇقۇم، ئىناق، زامانىۋىي، خاتىرجەم كۈنلەرنى بەرپا قىلغان جوڭگۇ كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۈگۈنكى ’بەختىيار كۈنلەر‘ نى خۇدا بەردىمۇ كومپارتىيەمۇ مانا بۇ تەشۋىقاتلاردىكى زىتلىق. ھالبۇكى، ئاۋام ئۇيغۇر ئىنساننىڭ بەخت ئۈچۈن سەۋەب قىلىدىغىنىغا، ئاللاھنىڭ بەختنى نىمەت قىلىدغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ ئىككى تەشۋىقات ئوتتۇرىسىدىكىلا زىددىيەت ئەمەس، ھاكىمىيەتنىڭ سىڭدۈرمەكچى بولغان ئىدولوگىيە بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. ئۇيغۇر ئۆلىمالارغا ھەرقانچە مۇئاش بېرىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەرقانچە نەپسىگە ۋە كومپارتىيەگە ۋەكىللىك قىلغان ھالەتتىمۇ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ كومپارتىيە تەرىپىدىن بولغانلىغىنى تەبلىق قىلالمايدۇ. ئۇيغۇر خۇداغا ۋاكالىتەن ئېيتىلىدىغان ئۇنداق سۆزلەرنى يىغىن مەيدانىدا ئاڭلىغان بىلەن جامەدە ئاڭلاپ سەبىر قىلالمايدۇ.2 j. o8 X* q: B5 `6 a
% {# O4 z" ~& f6 z( Z+ I
ئاتا-ئانىغا ۋەكىللىك# `) P8 I- K7 w+ Y* A9 V) g
" m- P, c1 V! T
ھەمىشە رادىيۇ-تېلۋىزورلاردىن خۇددى بىر سېخى كۈچ ئۇيغۇرلارغا ئاتا-ئانىلىق شەپقىتىنى يەتكۈزىۋاتقاندەك مەزمۇن ۋە پوزىتسىيەدىكى تەشۋىقاتلارنى ئاڭلايمەن. دېيىلىشىچە ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرىكەن، پارتىيە خەمخورلۇق قىلغۇچى، مېھرىبانلىق يەتكۈزگۈچى، ئىللىقلىق ئاتا قىلغۇچى...ئىكەن. مەنچە مېھرىبانلىق، ئىللىقلىق، غەمخورلۇق دېگەنلەرنى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئالدى بىلەن ئاتا ئانىسىدىن، ئائىلىدىن ھىس قىلىدىغان تۇيغۇلار. ئەمدى مۇشۇ تۇيغۇلارنىمۇ سىياسىيغا دەسمايە قىلىپ نېمە كەپتۇ. ھوقۇقلىرىمىز، پۇرسىتىمىز، ئەركىمىزنىڭ ۋەكىللىك ۋەكىللەرگە يەم بولغىنى ئاز دەپ پەقەت ئائىلىدىن ھىس قىلىشقا بولىدىغان ھىس ھاياجانلىرىمىزمۇ بىر تەشىۋىقات ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالسا قانداق بولغىنى. مەكتەپلەردە پارتىيەنىڭ ياخشى ئىز باسارلىرىدىن بولۇش تەكىتلىنىدۇ. پەرزەنت بولغۇچى نېمە دەپ ئۆزىنى باققان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىزىنى ئەمەس پارتىيەنىڭ ئىزىنى باسقىدەك. بۇنداق كىشىلەرنى خۇددى ھاكىمىيەت بىلەن ئۇرۇق تۇغقاندەك، ئاتا بالا، ئانا پەرزەنتتەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈشنى مەقسەد قىلغان تەشۋىقاتتىن ئەخمىقانىلىق، ئالدامچىلىق، زورلۇق چىقىپ تۇرىدۇ. بىر دۆلەت خەلقى پەرقلىق خۇي، ئوي ۋە قابىلىيەتتىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. مەزكۇر ئەلدىكى كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى باراۋەر پۇقرالار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت. بۇنداق ناتونۇش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر بىرىگە دەخلى قىلماسلىق، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش، ئورتاق مۇداپىيەلىنىش ئاساسىغا قۇرۇلسا بولدى. ناتونۇش كىشىلەردىن قۇرۇلغان جەمئىيەتنى بىر ئائىلىدەك ھالغا كەلتۈرىمەن دېگەنلىك مەن ئاتا بولىمەن، ساڭا ئاكا ئۇكىلارنى بەلگىلەپ بېرىمەن دېگەندىن باشقا گەپ ئەمەس. ئۇيغۇرلاردىكى خەنسۇلارنى ئاكا مىللەت دېيىش، ھۆكۈمەتنى ھۆكۈمەتىكام دەپ ئاتاش مەنچە ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكى ئائىلە مۇناسىۋىتىنى جەمئىيەتكە ۋەكىل قىلىدىغان تەشۋىقاتىنىڭ نەتىجىسى. خۇددى پۇقرا بىلەن پۇقرانىڭ مۇناسىۋىتى باراۋەر شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولغاندەك پۇقرا بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ باراۋەر كېلىشىم مۇناسىۋىتىدۇر. كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدا پۇقرا ھاكىمىيەتكە باج تاپشۇرىدۇ، ھاكىمىيەت پۇقرانىڭ ئائىلىسى، ھاياتى، مۈلكى، غۇرۇرى، ئەركى قاتارلىق ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغۇدايدۇ. كېلىشىم بولغانىكەن كېلىشىمنىڭ ۋاقتى، خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئىختىلاپلارنىڭ ھەل قىلىنىش چارىسى قاتارلىقلار بېكىتىلىدۇ. ئەگەر بۇ مۇناسىۋەت ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇلسا ھاكىمىيەت ئاتا-ئانىغا ئايلىنىۋېلىپ پۇقرانى مەڭگۈ باشقۇرغىنى باشقۇرغان. بۇ ھالدا باشقۇرۇشنىڭ چېكى بولمايدۇ، باشقۇرالمىسا ئالماشتۇرغىلى، ياكى قوغلىۋەتكىلى بولمايدۇ.5 M$ U" F7 ~1 M2 b
- l  L; D( P* g) e
ئۈررۈمچىدە بىر خانىمنىڭ مەن تۇرۇۋاتقان ئىدارىگە ئائىلە مەسىلىسى ئۈچۈن دات ئېيتىپ كەلگىنىگە ھەيران قالغانىدىم. كېيىن سۈرۈشتۈرسەم مۇنداق ئىشلار خېلى باركەن. يەنى سىز ئىشلەۋاتقان ئىدارە سىزنىڭ كىيىنىشىڭىز، ساقال بۇرتىڭىز...ھەتتا ئائىلە مۇناسىۋىتىڭىزگە قەدەر ئارىلىشىدىكەن. بەلكىم بۇمۇ ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ جەمئىيەتنى ئائىلىلەشتۈرۈش تەشۋىقاتىنىڭ مەھسۇلى بولسا كېرەك. ئۇندىن باشقا ھازىرقى ياغلىق، ساقال، دوپپا قاتارلىقلارنى چەكلەپ بۇنى زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يېتەكلىگەنلىك دەپ چۈشەندۈرۈشمۇ ئاتا-ئانىغا ۋەكىل بولۇۋېلىشنىڭ ئاقىۋېتى. خەق زامانىۋىي ياشامدۇ، ياشىمامدۇ، دوپپا كىيەمدۇ، ياغلىق ئارتامدۇ سېنىڭ نېمە ئىشىڭ. سەن مېنى يېتىلەپ يېتەكلەيدىغان ئاتام ئاناممىدىڭ دەپ سورىغىسى كېلىدۇ كىشىنىڭ. بىر كۈنى يەنە شۇ ياغلىقنىڭ گېپى بولۇپ بىر باشلىق كىشى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ قارىشىچە ھازىرقى ياغلىق ئارتىش شەكلى ئۇيغۇرلارغا خاس ئەمەسمىش، ئەرەبلەرنىڭ ئىشىمىش. 'خەق ئۇ ياغلىقنى ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولاي دەپ ئارتمايدۇ. ھىچ كىمنىڭ ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولۇش مەجبۇرىيىتى يوق. كىشى دېگەن ياراشقاننى، كۆڭلى خالىغاننى، ئەقىدىسىگە ئۇيغۇننى كىيىدۇ. بۇ قەشقەردىكى ئۇيغۇرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئەرەب دېگەننى كۆرۈپمۇ باقمىسا قانداقسىگە ئەرەبنى دورىغان بولىدۇ؟ دورىسا نېمە بوپتۇ. جوڭگۇنىڭ قايسى قانۇنىدا ئۇيغۇرلار ئۇنى كېيىپ بۇنى كەيمىسۇن، باشقا مىللەتلەرنى دورىمىسۇن دېگەن گەپ بار. كىم تارىختا ئۇيغۇرنىڭ ئوخشاش كىيىنىپ يۈرگىنىنى دەلىللىيەلەيدۇ؟ تارىختىغۇ ئۇنداق بولۇشى ناتايىن، شۇنداق بولغاندىمۇ بىر ئىنسان ئۇيغۇر بولغان گۇناھى ئۈچۈن تارىخ ئۈچۈن ياشامدۇ، تارىختا ياشامدۇ؟ كىمنىڭ ھەممە ئۇيغۇرلار كەيگەننى كېيىپ كەيمىگەننى كىيمەسلىك مەجبۇرىيىتى باركەن؟ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا كىشىلەر ئوخشاش كىيىنىپتىكەن. ئۇيغۇر خەنسۇ، ئەر ئايال دەپ ئايرىماي ماشرەڭ ئەسكەرچە كىيىمنى. ھازىر مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرى بولمىسا‘ مۇشۇلارنى دېيىشىپ بولۇپ ئويلۇنۇپ قالدىم، ئەمدى ئۇيغۇرلۇقنىڭ ۋەكىللىك خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ خەق بېكىتىلىدىكەندە!. بىز كىمنىڭ نەزىرىدىكى، قانداق ئۇيغۇر بولساق بولار؟ ئالىم كاۋاپچىنى ئۇيغۇرغا ۋەكىل قىلىپ تىكلەشتى. خوش، ئالىمجان قويغان ساقالنى كىم بەدەلسىز، پىشكەللىكسىز، تەقىپسىز قويالىدى؟ دېمەك ۋەكىل مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.+ R; q' z4 ~2 A: [) T1 t

1 [& a1 b& R' {3 s4 O! n/ v, Aئۇيغۇرغا ۋەكىل تىكلەش، ۋەكىللىككە سۆرەش ۋە بۇ ئارقىلىق بىر مىللەتكە ۋە ئادالەت ئالىمىگە تەسەللى بەرمەكچى بولۇش نادانلىقتۇر. ئۇيغۇرنىڭ ئىنسانىي ئىھتىياجى ۋە ھەقلىرىدىن مۇستەسنا ھەرقانداق ۋەكىللىك مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئۇيغۇردىن چىققان بىر كومپىيوتىرچىنى ھەر قانچە ماختىغان بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئورنى ئەسلىگە كەلمەي تۇرۇپ ھەرقانچە داڭلىق بولغان بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىق ماتىرياللىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدە ئەلگە نەپ بەرگىدەك بىر نەتىجە يارىتالمايدۇ. ئىچكىرىدە ساخاۋەتچىلىك قىلغان بىر ئۇيغۇر كاۋاپچىنى ۋەكىل قىلىپ مەدھىيەلىگەن بىلەنلا خەنسۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. بېيىغان بىر ئۇيغۇرنى ۋەكىل قىلىپ پۈۋلەپ كۆككە ئۇچۇرغان بىلەن ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق پاتقىغىغا پېتىۋاتقان تۈمەنلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى دەسمايىگە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ.# f% ~# U) e% x( a: C, j& m
بەزىدە كىشىلەرنىڭ ھەق ناھەت مەسىلىلىرىدە زۇۋان سۈرمەسلىگىنى ۋەكىل ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەنلىكتىنمىكىن دەيمەن. ئەگەر مۇشۇ پەرەز راست بولسا، ھىچ كىمنىڭ ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقۇسى كەلمەيدىغان بۇ زاماندا ئۇنداق ۋەكىلنىڭ چىقمىقى تەرس، چىققان تەقدىردىمۇ شارائىتلار سەۋەبلىك لاياقەتلىك ۋەكىل بولالىشىمۇ ئىمكانسىز. گاھىدا كىشىلەرنىڭ شۇنچە پايدىلىق تەكلىپلەرنى سۇنۇپ، ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپمۇ قورۇنغاندەك ’بۇ مېنىڭ شەخسى پىكرىم، شۇنداقتىمۇ دەپ باقاي‘ دېيىشلىرىدىن تاڭ قالىمەن. بۇ خۇددى ماڭا شەخسكە ۋەككىلىك قىلىپ جامائەتكە ۋەكىللىك قىلمايدىغان گەپ دېيىلمەسلىكى كېرەكتەك، شەخسكە ۋەكىللىك قىلىپ سۆزلەش گۇناھتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مەنچە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرغا خەق بېكىتكەن ۋەكىلنىڭ كىرىكى يوق. ئۇيغۇرغا خەقلەرنىڭ تۇتۇق ئاتا ۋە تۇتۇق ئانا بولۇۋېلىشى بىھاجەت. ھەر بىر ئۇيغۇر ھازىر ھۆكۈمەتكە ۋەكىل بولۇۋالغان پارىخوردىن، خۇداغا ۋەكىل بولۇۋالغان ئايلىقچىدىن جاق تويدى. 60 يىللىق ۋەكىللىك قىلىش، ۋەكىللىك قىلدۇرۇش ئۇيغۇرنى ۋەكىلگە تايانماي ئۆزىگە ۋەكىل بولۇپ سۆزلىيەلمەس، ھەرىكەتلىنەلمەس قىلىپ قويدى. بىر ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەن ھازىر ھەر بىر ئۇيغۇر ھىچ بىر ۋەكىللىكسىز ھاياتى، ئائىلىسى، مۈلكى ۋە نومۇسىنى قوغۇدىشى كېرەك. ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر. مەنەپەئەتىگە، ۋىجدانىغا، ئىستىقبالىغا ئۆزى ئىگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى مەنپەئەتپەرەس، ۋىجدانسىز، ئىستىقبالسىزلاردۇر. ئاللاھنىڭ بىزنى زىمىنىمىزغا ۋەكىل قىلىپ ياراتقانلىقىغا ئىشەنسەك خەقتىن ۋەكىللىك تەلەپ قىلىشنىڭ نېمدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى بىزگە سىر ئەمەس.
2 \. Z( A2 t; Z8 ?- Aئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىغا، خىزمىتىگە، غايىسىگە ۋە كەلگۈسىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ھاكىمىيەت، دىن ۋە ئائىلە-جەمەتتۇر. بۇ ئۈچ نوقتىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ كىم بولۇشى كېرەكلىكىنى ۋە كىم بولالايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان زامان، ماكان ۋە مەدەنىيەت ئامىلى ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ مىجەز خۇلقىدا كومپارتىيە بەرپا قىلغان زامان سەۋەبلىك شەكىللەنگەن، پارتىيەنىڭ ئالاھىدە ماكاندىكى ئالاھىدە سىياسىتى شەكىللەندۈرگەن ۋە ئۇيغۇرنىڭ قائىدە يوسۇنلىرى پەيدا قىلغان ئامىللار بولىدۇ. ۋاھالەنكى ئوخشاش موھىتتا ياشىغان كىشىلەرنىڭ مىجەزى يەنە پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئىنساننىڭ پىسخىكىسى موھىت ئامىلىدىن باشقا شۇ كىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇرۇپ چىقىشىغىمۇ باغلىق بولىدۇ. بىر ئۇيغۇرنىڭ پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۈچ ئامىلنىڭ ۋەكىللىكتىن خالى بولماسلىقى مىجەزىمىزنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقى ئەمەس شەكىللەندۈرىلىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ بىر جامائەتكە ياكى بىر سىياسىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلمايدىغان قارارى، ئارزۇسى ۋە پىكىرلىرىنى ئىپادە قىلىشتىن ئۆزلىگىدىن ۋاز كېچىشى ئىنسانلىقنىڭ ئىجازىتىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغانلىقىدۇر. كىشىلىرىمىزنىڭ ھەر بىر ئوي پىكىر ۋە ئىش پائالىيەتلىرىدە يۇقارقى ئۈچ ئامىلنىڭ سايىسىدىن، كونتروللىقىدىن قۇتۇلالماسلىقى، شەخس سۈپىتىدە بەختلىك ياشاشتىن توپ سۈپىتىدە تىنچ ياشاشنى تاللىۋالغانلىقىدۇر. شەخسنىڭ قارارىغا، غايىسىگە ۋە پىداكارلىقىغا ئىجازەت بەرمىگەن جەمئىيەت شەخسنى ئىجاتچانلىق، ئۈمىدۋالىق ۋە بەختتىن مەھرۇم قىلغان جەمئىيەتتۇر.9 s7 h# ~9 U9 O6 k0 X# B0 S
- o5 {) ]) M8 P! z- F

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 21مۇنبەر پۇلى +2408 يىغىش سەۋەبى
ساياق + 20 تەپەككۇرى كۈچلۈك
لېدىر + 50 دەلىللەر يېتەرلىك م.
ھۆكۈما + 126 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
namurullah + 126
gulmira56 + 184 قايىلمەن
IZDAYMA + 155 تەپەككۇرى كۈچلۈك
دىيارىم + 55 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
ogulay + 10 گۈلەن ئاكىمىزنىڭ تەپە.
yasinjan001 + 50 قالتىس!
bzkm + 50 تېما بولسا مۇشۇنداق ب.
taturyul + 184 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
pakdiyar + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
uytag + 99 تەپەككۇرى كۈچلۈك
Xaparang + 108 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
Uyghun + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
KURAX.JAN + 59 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
Dakyanos + 157 ئەھمىيەتلىك
تەنھا88 + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
شرئەلى118 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
royharry + 10 ھەقىقەتەن توغرا گەپ ق.

باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

22

تېما

253

يازما

275

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84233
يازما سانى:
253
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
733
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
147 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-8-22
ئاخىرقى:
2016-3-16
ۋاقتى: 2013-4-7 18:20:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ ۋەكىل تىكلەش پىسخىكىسى.

ئەدەبىي خاتىرە، شېئىر، گىرافىك لايىھەسى، ماقالە، ھەربىي ئىشلار ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر www.uzdil.com

...Sus...

5

تېما

638

يازما

654

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77410
يازما سانى:
638
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
499
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
1282 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-3-14
ئاخىرقى:
2016-2-25
ۋاقتى: 2013-4-7 18:22:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتىرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ۋاختىمدا ..فېزىكىدىمۇ ، خېمىيەدىمۇ ئىشقىلىپ . بىر فورمىلامۇ ، ماقال - تەمسىلمۇ بىر نېمە باتى ..9 t6 {/ x/ a+ h

+ e% G, G4 ]9 H0 u$ P; qبىسىم ئاشسا ، قارشىلىقمۇ ئېشىپ بارىدۇ دەپ ............

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

0

تېما

2

يازما

2

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 93700
يازما سانى:
2
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
32
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-21
ئاخىرقى:
2013-5-31
ۋاقتى: 2013-4-7 18:36:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر 8 v0 X) Q/ e6 L) r

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +15 يىغىش سەۋەبى
diyarm + 15 پۈچەك ئىنكاسچى

باھا خاتىرىسى

بېلىقچى

4

تېما

145

يازما

149

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3804
يازما سانى:
145
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9745
تۆھپە :
347
باھا :
286
توردا:
2108 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-7-12
ئاخىرقى:
2016-3-9
ۋاقتى: 2013-4-7 18:57:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن ئاكا، تېمىڭىزدىن، تەپەككۇرىڭىزدىن، كۈزىتىشىڭىزدىن شۇنچىلىك سۈيۈندۈم، رەخمەت!   ھەممىنى بىلگۈچى خۇدا دەپ قۇيۇپ ۋاقتىئانىسى كەلسە ئاتا-ئانىمىزدىنمۇ گۇمان قىلىشتىن يانماي، ئۆزىمىزنىڭ سايىمىزدىن ئۆزىمىز ھۈركۈپ، ھەممىنى مەنپەئەت،مىللەت، دىن، مۇقۇملۇق دوقشۇمىغا ئەكىلىپ ئۈستۈرۈپ، #@#$%^&^%$#@ ... ئىشقىلىپ نۇرغۇن گەپلىرىم بار،  ئۆز-ئۆزۈمدىن تىڭشاپ يۈرۈيمەن .

تۇيۇقسىز خوشال بۇلۇپ كەتكەندە ئاسمانغا ئاتاي دېسەم دوپپام يوق،  
كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا بىر سىلاپ قۇيۇشقىمۇ ساقىلىم يوق!

3

تېما

57

يازما

65

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 80157
يازما سانى:
57
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3299
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
34 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-5-15
ئاخىرقى:
2013-12-15
ۋاقتى: 2013-4-7 19:14:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتقادنىڭ بۇزۇلۇشى، مىللىي ئاڭنىڭ ئاجىزلىشىشى، ، مەنپەئەتپەرەسلىك قاتارلىق ئىللەتلەر بىزنى بارغانسىرى ئۆزىمىزدىن چەتنەشتۈرۈپ غالچا، تەخسىكەش ،چېقىمچى قىلىۋتىپ بارىدۇ.
" g7 b7 |) g/ V/ Sئىنسانىيلىق دېگەن ئۇقۇم كىشلەرنىڭ كاللىسىدا ئىنتايىن مەۋھۇم ئاتالغۇ بوپ قېلىۋاتىدۇ، بىر سى  يېڭدىن چۆمۈچنىڭ سېپىچىلىك ئەمەلگە ئىرىشسە، سورايدىغىنىمىز خەنمىكەن ئۇيغۇرمىكەن، تېگى نەلىككەن ....  «مەندە تۇرماس بۇ مەينەت، سەندە تۇرماس بۇ دۆلەت» دەپ پەلەك ھامان بىر كۈنى چۆرگىلەيدۇ تېخى خۇدا خالىسا

يۈرىكىم يىغلايدۇ، لىكىن ئوغۇل بولغانلىقىم ئۈچۈن ياش تۆكۆشكە ئامالسىزمەن...

91

تېما

4526

يازما

4617

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 446
يازما سانى:
4526
نادىر تېما :
3
مۇنبەر پۇلى :
28376
تۆھپە :
2354
باھا :
2682
توردا:
6058 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-23
ئاخىرقى:
2016-3-22
ۋاقتى: 2013-4-7 19:15:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركيار يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 06:22 PM ( `- C( c1 S, w
ئوتتىرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ۋاختىمدا ..فېزىكىدىمۇ ، خې ...

2 B4 u0 y; |9 Y1 Sبېسىم ، قارشىلىق ، تارتىش كۈچى دىگەنلەر فىزىكا ئىلمىدە بولىدۇ .: R/ u0 N# g6 e) v( S. s0 h9 E
بېسىم ئاشسا قارشىلىقمۇ ئاشىدۇ دىگەنلىرى نىمىسى ، بۇ فىزىكا قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن ئەمەس .
1 E& K" N6 G, Z* D3 ~- جىم تۇرغان تامغا مۇش بىلەن ئۇرسىڭىز ، تاممۇ سىزنى ئۇرىدۇ ...خانىم بىزگە مۇشۇنداق چۈشەندۈرگەن ، مانا بۇ ھەركەتچان جىسىم بىلەن تىنىچ تۇرغان جىسىمنىڭ قارشىلىقىغا مىسال بولالايدۇ .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

2

تېما

125

يازما

127

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79465
يازما سانى:
125
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3345
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
46 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-28
ئاخىرقى:
2015-11-26
ۋاقتى: 2013-4-7 19:18:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنلاردا «ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى قورقۇش» دىگەننى ئاڭلىسام  كۈلۈپ كىتەتتىم، توۋا دەيمەن. دىمىسىمۇ راس ھەقىقەتەن بىر كۈلكىلىك ئاڭلىدىغان بۇ گەپنىڭ  ئۆتەپ تىشىپ بىزنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلىنىپ قالغىغى ئويلىسام،  كۈلكە ئەمەس ئىچىمنى  دەپ ئىتقۇسىز بىرخىل ئۇھسىنىش، خارلىق، چۈشكۈنلۈك ، قورقۇنچاقلىق چىرمىۋالغاندەك ھىس قىلىمەن.  سەۋەپ  يەنىلا ئۆزىمىزدىكەن، دوپپىسىنى ئەكەل دىسە بېشىنى كىسىپ ئاپىرىپ بىرىدىغان كىشىلەر كۆپەيگەن مىللەتنىڭ تەغدىرى مۇشۇنداق  بولىدىغان ئوخشايدۇ.  قىنى دەيمەن بىزدىكى قورۇقماس جەسۇرلۇق، ھەققانىيلىق، بىر-بىرىگە ياريۈلەكتە بولۇش دىگەنلەر!!!!!!!!!!!!

5

تېما

160

يازما

165

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84011
يازما سانى:
160
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1277
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
29 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-8-16
ئاخىرقى:
2014-2-1
ۋاقتى: 2013-4-7 19:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن. 7 K% `4 v( G) x' ]$ x6 }
دائىم، ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئۈنچىدەك تىزىۋېتىسىز.
1 g) S- i& s% ~& _
" V' ~' K% A0 |2 i7 t7 h2 A- Uمەن مۇنداق خەت يېزىلغان توربەتلەرگىمۇ ھەيران
  1. $ w. ?& a7 r5 z( b* B
  2. 加强民族团结,维护国家稳定,构建和谐社会。 $ {; L2 ^1 V/ I+ D$ Z
  3. 4 x5 g& q( i' X% x; |
  4. 郑重声明:我站坚决遵守中华人民共和国著作权法及互联网法律法规并且站内所有电影早已被国内各电视台公开传播。本站有些之片源、字幕均来自互联网;仅供个人语言学习、影视制作学习、宽带测试、交流之用,版权归原电影公司所有!而且我站绝不提供电影下载。倘若任何组织和个人利用某种非法手段下载本站电影并公开传播或用于任何商业赢利用途,一切后果由该组织或个人承担。本站和制作者不承担任何法律及连带责任!如喜欢本片,请支持购买正版。 & L- o3 r% L% D* K# @2 S; W

  5. $ D0 V0 k3 e3 x; }, M8 z) d- B$ q
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alwasti1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 07:30 PM  
. O2 _, x5 |0 g2 h; t4 J5 Q; N/ e% S% t/ h( J0 h) ^$ H

0

تېما

45

يازما

47

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94058
يازما سانى:
45
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
375
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
266 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-29
ئاخىرقى:
2014-7-20
ۋاقتى: 2013-4-7 19:47:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلەن مۇئەللىم ئۆتكۈر كۆزلىرېڭىز بىلەن جەمئيەتكە  دىئاگۇنۇز  قويۇپ  مىللەت غىمىني  يەۋاتقانلىقىڭىزغا  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 10:23 AM, Processed in 0.190418 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش