kukhelal يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:12 PM
شىمالىي شىنجاڭدىكى 2مىليۇن نوپۇس ئاسمىلاتسىيە پاتقىقى ...
مەن شىماللىق ،شىمالنىڭ ئۇيغۇر ئاڭ ئاز يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە ، (سانجى مورىدىن) سىزمۇ شىماللىقمۇ ؟! مەن شىمالدا 32يىل ياشاپ ئۇيغۇرلىقىمدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈپتىمەن . ھېلىغۇ خەنزۇكەن ، قازاق بىلەن توي قىلىشنىمۇ ئېغىر ئالىمىز . سىز ھەم باشقا مۇشۇنداق ئىنكاس يازغان قېرىنداشلىرمىز شىمالنىڭ قەيەرىنى دەۋاتىدىكىن بىلەلمىدۇق . 5-6 يىلنىڭ ئالدىدا يۇرتىمىزغا قەشقەردىن بىر خەنزۇ ھەربىي ئەمەلدار خىزمەتكە كەلدى ، كېيىن ئايالى يۇرتىمىزدا تۈگەپ كەتتى (ئايالى ئۇيغۇر) ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالىنى بىزنىڭ يۇسۇنىمىز بىلەن ئۇزاتماقچى بولدى ، لېكىن جامائەت خەنزۇ بىلەن توي قىلغان ئايالنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قارشى تۇردى ، كېيىن ئۇ ئايالنىڭ بالىلىرى كېلىپ ، ھۆكۈمەت ئارىلىشىپ ئاران دېگەندە نامىزىنى چۈشۈردى . ئاخىرىدا دەيدىغىنىم بۇنداق ئىشلارنى يا شىمالغىلا يا جەنوپقىلا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. خۇددى بەش قول تەڭ بولمىغاندەك ... مەنمۇ يات مىللەت بىلەن (ھەتتا مۇسۇلمان بولسىمۇ ) قەتئىي قارشى ...