مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

ياش ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگىسى نۇرەخمەتجان مەمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10336
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5126 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 06:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا بۇ دەل مەن تۇنۇيدىغان شۇ مۇئەللىم ئىكەن.كۈندە بىر كىتاپ سېتىۋالمىسا ئۆيىگە قايىتمايدىغان.
توغرا،بەزلىرىمىزنىڭ پۇل،مال تولۇق،ئايال باللىرىمىز يېنىمىزدا،بىراق كۆڭلىمز سىرتنى تارتىدۇ.
بىراق بۇ تاھىر-زۆھرەلەر كۈندە 150 كىلومىتىر يول ماڭىدۇ،شۇنداق بەخىتلىك.ئايالنىڭ مۇئاشى ماشىننىڭ چاقىغا يۆگىلىپ تۈگەيدۇ.

كىتاپخانىسى توپا بېسىپ قالغان مىللەتنىڭ،كەلگۈسى زاۋال بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1831
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 06:13:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52315
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3096
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2013-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 06:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق بىر كەسىپ ئىگىسى ھەرقانداق باي، خىزمەتچى ئۇقۇتقۇچىنىڭ قۇلىدىن چىقىپ ئاندىن بىر ئادەم بالىسى بۇلغان شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ يۇقۇرى مۇئاشنى ئۇقۇتقۇچىلارغا بىرىش كىرەك!

قىسىلمامدۇ ئەۋلادلار بوينى،
ئەجدادلاردىن مىراس بولمىسا.
قورۇنمامدۇ ئەجدادلار روھى،
مىراسلارغا ۋارىس بولمىسا.

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 06:29:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا خىزمەتكە چىققىلى يىگىرمە بەش يىل بوپتۇ.بۇ يىگىرمە بەش يىلدا مەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن  بىرمۇ ھەقىقىي دوست تۇتماي تەنھا ياشاپ كەلدىم دېسەم بولىدۇ. نىمىشقا دوست تۇتمىدىم؟سەۋەبى بەكمۇ ئاددىي.خىزمەتداشلىرىم ئارىسدا مەن بىلەن پىكىرداش، ھەۋەسداش،قىلىقداش ئادەملەر يوق دېيەرلىك  ئېدى. مەن تاماكا چەكمەيتتىم،ھاراق-شاراپمۇ ئىچمەيتتىم،بىكار چاغلاردا قارت بىلەن ھەپىلىشىپ  5-10يۈئەندىن پۇل تىكىشىپ پومىشچىك،ئون يېرىم،ۋاڭ،ئەيجىكې،ۋۇشىكې،دېگەندەك ناملاردىكى كۆڭۈل خوشى كىچىك قىمارلىرىنى ئويناشنىمۇ خالىمايتتىم.شۇڭا باشقىلاردىن تەبىئىيلا ئايرىلىپ قالاتتىم.نۇرەخمەتجان بىلەن بۇ جەھەتتە خاراكتىر  ئورتاقلىقىمىز چىقىپ قالغان ئېدى.باشقىلار بىلەن ئولتۇرسام پاراڭلىشالمىغان بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇپ قالسام پارىڭىمىز ئۈزۈلمەيتتى.ئۇنىڭ مەندىن ئارتۇق تۇرۇدىغان يەنە نۇرغۇن تەرەپلىرى بار ئېدى.ئۇ كىتاپتىن باشقا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگىمۇ قىزقاتتى،پات-پات باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ۋالىبول،ۋاسكىتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇراتتى.مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە مەيدانغا كىرىپ مىللىيچە ئۇسۇل ئوينايدىغان بولسا شوخلۇق قىلىپ قىزىقارلىق،يۇمۇرلۇق  ھەركەتلەرنى چىقىرىپ  ئۇسۇل ئويناپ كۆرگۈچىلەرنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇۋېتەتتى.
ئۇ خوتەندە 5-6يىل تۇرغان بولغاچقا خوتەن شىۋىسىگە بەكلا پىششىق ئېدى.پاراڭلاشقان چاغلىرىمىزدا خوتەندىكى چاغلىرىدا كۆرگەن،شۇ يەردىكى ساۋاقداشلىرى،دوستلىرى،خىزمەتداشلىرى،رەھبەرلىرى ھەققىدە  قىزىقارلىق،يۇمۇرسىمان  پاراڭلارنى سەپ بېرىپ توختىماي كۈلدۈرەتتى.پاراڭ قىزىق بولۇپلا قالماي ئۇنىڭدا  شىۋە بويىچە ئەينەن دوراش ئىشقا ئاشقان بولغاچقا بىزنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىۋالاتتى.شۇڭىمۇ ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئامراق ئېدۇق.بىرگە ئولتۇرۇشنى،پاراڭلىرىنى ئاڭلاشنى ھەرقاچان خالاپ تۇراتتۇق.
مۇنداق دېسەم خوتەنلىكلەرنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ مەسخىرە كۈلكىسى قىلىپ ئولتۇرۇدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار ئۇنداق ئىش يوق،نۇرئەخمەتجان ئەزەلدىن بىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلمايتتى.گەپ قىلىشقا توغرا كەلسە ياخشى تەرىپىنى،ئىجابى تەرىپىنى  سۆزلەيتتى.شۇڭىمۇ ئۇنىڭ دوستلىرى بەكمۇ كۆپ ئېدى.ئۇلار بىلەن تاشلاشماي،ئىزدىشىپ تۇراتتى.ىوتەندىن يېنىپ كەلگىلى  نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ لېكىن ھەر يىلدا 5-6 قېتىم باراتتى.بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئېدى.ھەممىسى شۇ چاغدىكى دوستلىرى خىزمەتداشلىرىنىڭ توي،ئۆلۈم-يېتىم دېگەندەك مۇھىم ئىشلىرى ئۈچۈن ئېدى.ھازىر كۆرسە ھالى قالمايدىغان،كۆرمىسە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن بىر بىرىدىن قېچىپ ئىزدىشىپ تۇرمايدىغان ئاغىينىلەرنىڭ بەكمۇ كۆپلىكى ھەممىمىزگە ئايان.
داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 07:29:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردشىمىز ئۇبۇلجان ئىنكاسىدا يازغاندەك نۇرئەخمەتجان بەكلا كىتاپخۇمار ئېدى.ئۇ كىتاپنىلا ئەمەس ئۆزىدەك كىتاپخۇمارلارنىمۇ سۆيەتتى.ئۇلارنى ئۇلۇغلايتتى.ئۇلار بىلەن دوستانە ئالاقىدا بولاتتى.ياردىمىنى ئايىمايتتى.
ئۇ ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان كەنىتتە ئاۋۇت قاۋۇل ئىسىملىك بىر دېھقان بار ئېدى.ئۇمۇ بەكلا كىتاپخۇمار ئادەم بولۇپ نامراتلىقىغا قارىماي پۇل تاپسىلا كىتاپ سېتىۋالاتتى.ساقلايتتى.ژورناللارغا مۇشتەرى بولاتتى.يازغۇچىلار،ئوقۇتقۇچىلار،بىلىملىكلەرگە ھەۋەس قىلاتتى.ئۇلارنى ئۇلۇغلايتتى.ئۇ مېنىڭ كونا دوستۇم ۋە باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىم ئېدى.ئىككىسى مېنىڭ ۋاستەم بىلەن تونۇشۇپ قالغاندىن كېيىن بىرنەچچە قېتىم ئىزدەشتى،ئۆيلىرىگە بېرىشىپ، كىتاپلىرىنى كۆرۈشۈپ،ئۆزىدە  يوق كىتاپلىرىنى ئالماشتۇرۇشتى.كېيىن بارا-بارا ئالاقىسى قويۇقلاشتى.يېزىشقا ئەرزىيدىغان تەرىپى شۇكى،نۇرئەخمەتجان بۇ دېھقاننىڭ قىزىقىشىنى قوللاپ پات-پات ئۆيىدىكى كىتاپلىرىنى ئەكىلىپ بەرگەندىن سىرت،باشقا جايلارغا بارسا ئاۋۇتاخۇنغا ئاتاپ يېڭى كىتاپلارنى،يېڭى چىققان ژورناللارنى ئالغاچ كېلىپ سوۋغا قىلىدىغان بولدى.بۇنداق ئىشنى بايلارمۇ قىلمايدۇ.ئەمەلىيەتتە بولسا نۇرئەخمەتجان ئىقتىزادىي جەھەتتە باي ئەمەس ئېدى.تېگاڭ ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ئايلىق مۇئاشى 2000يۈئەنگىمۇ يەتمەيتتى.ئادەم مەنىۋىي جەھەتتە باي بولسا قولىدىن ھەرقانداق ياخشى ۋە ئۇلۇغ ئىشلار كېلىۋېرىدىكەن.
ئۇنىڭ بىزنى تەسىرلەندۈرگەن يەنە بىر تەرىپى بۇلتۇر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ كۇللىياتى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغاندا نۇرئەخمەتجان بىر ئايلىق مۇئاشىدىن مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى چىقىرىپ تولۇق بىر يۈرۈش سېتىۋېلىپ ئۆيىدە ساقلاپ قويدى.ئۇنىڭ ئۆيىدە بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىمۇ سېتىۋېلىشقا چىدىمىغان ئىسىل كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىن ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› قاتارلىق ئالتۇن كىتاپلىرىمىزنىڭمۇ تۇنجى نەشىرلىرى بار ئىكەن.مەن ئالتۇن يارۇغنىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇچۇرۇتۇپ ئېلىپ كېلىپ كۆردۈم.
ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدا  يىل بېشىدا ئابدۇقادىر جالالىدىن،يالقۇن رۇزى قاتارلىقلارنىڭ،‹‹لاي قەلئەنىڭ سىرى››،‹‹داغمۇ ياكى زىنىقمۇ››قاتالىق بىر تۈركۈم داڭلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغاندا ئۇ كىتاپلاردىنمۇ بىر يۈرۈش سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇپتۇ ۋە ئوقۇپ بىلىم ئاپتۇ.
ئۇنىڭدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ خوتەندىكى چاغدا تېخى خىزمەتكە چىقمىغان ۋاقتىدا بىر كىتاپپۇرۇش دوستىغا يېرىم يىلدەك كىتاپخانا ئېچىشىپ بېرىپ ئىش ھەققىگە پۇل ئالماستىن كىتاپ ئالغان ئىكەن.
تۆۋەندە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ۋە بىز بىلەن قىلىشقان پاراڭلىرىدىكى بەزى قىزىق پاراڭلار ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
نۇرئەخمەتجان كۆپ كىتاپ ئوقۇغان،زېھنى ئۆتكۈر يىگىت  بولغاچقا بىلىم دائىرسى بەكمۇ كەڭ ئېدى.سۆھبەتلەردە بەئەينى تىرىك قامۇس ياكى لۇغەتتەك نەدىن سورىسىڭز شۇ يەردىن جاۋاپ بېرەلەيتتى.يېزىقچىلىققا قىزىقاتتى.لېكىن يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ئازبولغاچقا ئوقۇقلارنىڭ يۈكى بەكلا ئېغىر ئېدى.ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھەپتىسىگە 18سائەتتىن25سائەتكىچە دەرس ئۆتۈپلا قالماي سىنىپ مۇدىرلىق قىلاتتى.تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش،ئىنتاھان ئېلىپ تەكشۈرۈش،ئىككى ئاساسەن ئارخىپلىرىنى ئىشلەش،ئەىلاقى تەربىيە خىزمىتى،بىرنەچچە خىل دەرس تەييارلىقى دېگەندەك بىر تالاي ئشلار دائىم ئۇلارنى ئالدىغا سېلىۋېلىپ باش كۆتۈرتمەيتتى.شۇڭا نۇرئەخمەتجان بۇنداق ئايىقى چىقماس ‹‹مۇھىم››  خىزمەتلەر دەستىدىن يېزىقچىلىق قىلىشقا پۇرسەت تاپالمايدۇ.ئۇنىڭ ھەققىدىكى تەرىپلەرنى ئاڭلىغان مەكتەپ مۇدىرى بىر كۈنى ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ كىرىپ سۆھبەتلىشىدۇ:
-ئاڭلىسام بەكلا كىتاپخۇمار ئىكەنسىز،قولىڭىزدىن كىتاپ چۈشمەيدىكەن.بىلىمىڭىزنىمۇ بەكلا مول دەيدۇ.ئانچە-مۇنچە يېزىپ تۇرامسىز!
-يېزىپ تۇرىمەن-دەپتۇ نۇرەخمەتجان يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ.
-نېمە يازىسىز؟-مۇدىر كۆڭلىدە ئۇنى ھىكايە يازىمەن ياكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى يازىمەن دېگەندەك جاۋاپلاردىن بىرىنى بېرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىكەن لېكىن ئېلىنغان جاۋاپ ئۇنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقماپتۇ.
-جياۋئەن يازىمەن!
-جىياۋئەن دېگەننى ھەممە ئوقۇتقۇچى يازىدۇ،مەن سىزنى شېئىر، ھېكايە دېگەندەك نەرسىلەرنى يازامسىز دەپ سوراۋاتىمەن؟
-ياق شىياۋجاڭ،-دەپتۇ ئۇ،-مەن ياش يېڭى ئوقۇتقۇچىمەن،بىلىدىغانلىرىممۇ چاغلىق،شۇڭا يازالمايدىغان نەرسەمگە زورۇقماي يوليۇرۇقلىرى بويىچە ھەر كۈنى دەرس تەييارلىقى يېزىپ ئاران ئۈلگۈرىۋاتىمەن.
سۆھبەت شۇنداق ئاخىرلىشىپتۇ.لېكىن مۇدىر كېيىن بۇ سۆھبەتنى بىرقانچە قېتىم تىلغا ئېلىپ قاپتۇ.ئۇ، ‹‹نۇرئەخمەتجان سورىغان سۇئالىمنى چۈشىنىپ تۇرۇپ توغرا جاۋاپ بەرمەي قەستەن گەپ يوپۇتۇپ ماڭا تەنە قىلدى›› دەپ ئۇنىڭدىن رەنجىپ يۈرۈپتۇ.
ئۇ پات-پات خوتەندە ئىشلىگەن چاغلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى دوستلىرى ھەققىدە قىزىقارلىق ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ بىزنى كۈلدۈرەتتى.بۇ ھېكايىلەر مەكتەپ مۇدىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان،ئۇلار تەرەپتىن ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلەرگە باتۇرلۇقى ۋە پەم پاراسىتى بىلەن قارشى تۇرغان بىر قىسىم دوستلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا پىرىنسىپچىل دوستلارغا ياقماسلىقى مۈمكىن.قۇرساق كۆپىكى تارتىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئىچى بىراز بوشاپ قالىدۇ.
داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 11:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەندىكى مەلۇم مەكتەپتە مۇنداق بىر قىزىق ئىش يۈز بېرىپتۇ.بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بەكمۇ بىيۇرۇكرات ئادەم بولۇپ ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرىنى،ئوقۇتۇش گۇرۇپ باشلىقلىرىنى تەڭشىگەندە ۋەزىپىگە قويۇلماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا قارىماي ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان،ئۆزىگە سادىق،ئۆزىنىڭ چاپانچىلىقىنى،تەخسىكەشلىكنى قىلىدىغان كىشىلەرنى تەيىنلەپ قويۇۋېرىدىكەن.
بۇ مەكتەپنىڭ ئالاھىدە كەسىپ(مۇزىكا،تەنتەربىيە،رەسىم،ئۇچۇر تېخنىكا،يەرلىك دەرس...قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈدىغان ئوقۇتقۇچىلار گۇرۇپپىسى)ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسدا ئون نەچچە ئادەم بار،باشلىق بولغۇدەك ئىقتىدارلىقلارمۇ كۆپ تۇرۇپ بۇ گۇرۇپپىغا گۇرۇپ باشلىقى سايلىغاندا مەكتەپ مۇدىرى ماتىماتىكا دەرسى ئۆتۈدىغان بىر ئوقۇتقۇچىنى بۇلارغا باشلىق قىلىپ سايلاپ قويۇپتۇ.بۇ ئىشقا بىرنەچچە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قۇرسىقى كۆپۈپ ئۇنى باپلاشنىڭ ئامالىنى قىپتۇ. ھەش پەش دېگۈچە مەۋسۈم ئاخىرلىشىپ ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىلغار ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرىنى سايلايدىغان چاغدا مەكتەپ مۇدىرى ئىلغارلار نامزاتلىقىغا ئۇنى كۆرسۈتۈپتۇ.ئوقۇتقۇچىلاردىن پىكىر ئېلىپ نامزاتنى بىكىتىدىغان چاغدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرسى قول كۆتۈرۈپ قارشى پىكىر بېرىپتۇ:
-مامتاخۇننى نەمۇنچىلىققا سايلاشقا ھۆددەس بوممايتۇ،ئۇنىڭ ئېغىر خاتالىقى با!
-ھە قانداق خاتالىقى با،دېمەيلېمۇ قېنى؟
-مۇدىر غوجام سىلىدىن سوراپ باقاي،دەس تەييارلىقىنى خاتا تەييارلىسا گۇنا بولامتۇ بوممامتۇ؟!
-گۇنا بوتۇ،ئېغىر گۇنا بوتۇ!
-كىمگە بوتۇ؟
-ئەلۋەتتە خاتا تەييارلىغان ئۇۋاغا بوتۇ!
-ئەگەرچەندە شۇنداق خاتا كونسىپىكقا ئۆتۈلسە بوتۇ دەپ تەستىق سېلىنغان بوسىچۇ؟!
-ئۇ چاغدا گۇنا تەستىق ساغان زۇجاڭدا بوتۇ!
-مەن شۇڭا دەيتمىنا ئەينا،مامتاخۇن باشقىلانىڭ خاتا تۈزۈلگەن كونسىپىكىغا ئۆتۈلسە بوتۇ دەپ تەستىق ساغان،شۇڭا ئۇنىڭ نەمۇنچى بولۇشىغا مەن قارشى!
-مەنمۇ قارشى!
-مەنمۇ قارشى!
باشقىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن قول كۆتۈرۈپ ئىپادە بىلدۈرۈپتۇ.
-قارشىلىقىڭلىنى بىلدىم،ئىسپات بوسا كۆسەتمەمسىلە!-مۇدىر پوكاندەك ئېسىلىپ ئۇلارغا گۆلىيىپتۇ.
ھېلىقى ئوقۇتقۇچىلار بىرنەچچە كونسىپىكنى ئېلىپ كېلىپ ئىسپات كۆرسۈتۈپتۇ.ھەقىقەتەن ئۇلاردا  ئاتالغۇلار قەستەن خاتا يېزىلغان،گۇرۇپ باشلىقى  بىلمەي تەستىق سالغان بىرنەچچە يەر بار ئىكەن.بۇنى ئوقۇسا ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۈلكىسى قىستايتتى.ئۇلارنىڭ بىرىدە ‹‹يۈگرەپ كېلىپ ئۈچ تاقلاپ سەكرەش››دېگەن ئاتالغۇ ‹‹ئارقىچىلاپ يۈگرەپ كېلىپ موللاقلاپ سەكرەش›› دەپ خاتا يېزىپ قويۇلغان ئىكەن. يەنە بىرسىدە ‹‹توساقتىن ئاتلاپ كېلىپ يىراققا سەكرەش››دېگەن ئاتالغۇ ‹‹توپاقتىن ئاتلاپ كېلىپ قىلتاققا سەكرەش››دەپ خاتا يېزىپ قويۇلغان ئىكەن.ئۈچۈنچى بىرىدە بولسا ‹‹يەر بېغىرلاش ›› دېگەن ئاتالغۇ ‹‹يەر يېغىرلاش›› دەپ يېزىپ قويۇلغان ئىكەن.بۇنداق كۈلكىلىك  مىساللار خېلى كۆپ ئىكەن.
شۇندىن كېيىن ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئىلغار گۇرۇپ باشلىقى بولۇپ سايلىنالماپتۇ.مۇدىرمۇ كونسىپىكنى خاتا يازغان ئوقۇتقۇچىلارنى جازالىيالماپتۇ.بۇ ئىش بىر ساۋاق بولۇپ شۇندىن كېيىن گۇرۇپ باشلىقى بېكىتكەندە شۇ پەننىڭ ئەڭ ماھىر ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تالللاپ باشلىق سايلايدىغان بوپتۇ.
داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 03:00:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوتتۇرسىدا دائىم ئۇنداق ياكى مۇنداق سۈركىلىشلەر،ناھەقچىلىكلەر بولۇپ تۇرىدۇ.ئۇلار ئكزىنىڭ ھوقۇق ھەيۋىسىنىڭ كۈچى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە تەنقىتلىيەلەيدۇ،تىللىيالايدۇ،ھەتتا بەزى تەنقىتلىرى چەكتىن ئېشىپ ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدىلا تىللاپ ھاقارەتلەپ ئىناۋىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا 95%ئوقۇتقۇچى دەردىنى ئىچىگە يۇتۈپ گەپ ياندۇرالمايدۇ.قۇرساق كۆپۈكىنىڭ دەردىنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھاراق تاماكىدىن ئېلىپ ئۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ.تەنتەربىيە كەسپىدىكىلەر باشقىلارغا قارىغاندا قەيسەررەك،قىزىققانراق،قارامراق كېلىدىكەن.ئۇلار ئارىسىدا بۇنداق ئىشلارغا يولۇققاندا باشقىلاردەك سەۋرى قىلىپ تۇرۇدىغانلىرى ئاز بولۇدىكەن.تۆۋەندە خوتەندىكى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇققاندا قايتۇرغان ئىككى خىل ئىنكاسىنى كۆرۈپ باقايلى.
نۇرەخمەتجان بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپتە بىر مەكتەپ مۇدىرى بار ئىكەن.ئۇ پىداگوگىكا ئوقۇمىغانمۇ ياكى قائىدە بىلمەمدۇ ئىشقىلىپ كۆپىنچە ھاللاردا ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىلا سەتلەپ تىللايدىكەن،غۇرۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا تاماششا قىلىپ بېرىدىكەن.
بىر كۈنى بۇ مۇدىر ئوقۇغۇچىلارغا گىمناستىكا ئۆگىتىۋاتقان بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەركەتلىرىنى جانسىز،ئۆلچەمسىز كۆرۈپ نەق مەيداندىلا ئۇنى سەتلەپ جېنىغا تېگپتۇ:
-ھېي ئادىشېي،سەن ئوقۇغۇچىلارغا گىمناستىكا ئۆگۈتىۋاتامسە يا ھورۇنلا ئۇسۇلىمۇ،نىمەڭ بۇ؟قولاڭ نىمانچە جانسىز؟! ئىۋۇ بىزنىڭ ئېشەكمىچۇ، قۇيرىقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن بەكرەك شىپاڭشىتىدۇ.ئۆگەتسەڭ تۈزۈك ئۆگەت، بوممىسا ماڭ بېرىپ ئومىچىڭنى ئىچە!
مۇئەللىم شۇ ھامان ھەركەتنى توختۇتۇپ مۇدىرنىڭ ئالدىغا قول شىلتىپ كەپتۇ:
-ھېي ئادىشېي،سەن  ئادەممۇ ھايۋانمۇ؟
ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنى قورقۇتۇپ،تىل ۋە تەنقىت ئاڭلاۋاتسا يەرگە قاراپ تۇرىدىغان ئۆگىتىپ قويغان مۇدىر  ئۆزى بۇرۇن يولۇقۇپ باقمىغان بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۈپ تەمتىرەپ قاپتۇ ۋە دۇدۇقلاپ جاۋاپ بېرىپتۇ:
-نى...نى...نىم بولدى؟
-ئېشەكنىڭ ئەسكىسى ئادەم كۆپ يەردە ھاڭرايدۇ،ئادەمنىڭ ئەسكىسى ئادەم كۆپ يەردە تىللايدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم، شۇڭا سوراۋاتىمەن.
-كۆزۈڭلىگە ھايۋاندەك كۆرۈنىۋاتىمەنمۇ ھېكىماخۇن؟!
-كۆزۈمگىغۇ ئادەمدەك كۆرۈنىۋاتاتتتىڭ قىلىقىڭغا قارىسام تۆت پۇتلۇقتەك بىلىنىۋاتىدۇ.
-كىمگە گەپ قىلىۋاتقىنىمىزنى،نىمە دەۋاتقانلىقىمىزنى،كىملىكىمىزنى بايقاپراق سۆزلەيلىمىكىن!؟
-ھۆكۈمەت ئەمەلدار قويغاندا بىلىمىگە، قابىلىيىتىگە،خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش چىقالماسلىقىغا  قاراپراق خىزمەتكە قويامدىكىن دەپتىكەنمە.مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى بىلىملىك،ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، كىمگە قاچان قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدۇ ھەقىچان دەپ ھۆرمەتلەپ كەپتىكەنمە. خاتا ئويلىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.سەن ھۆرمەتكە لايىق ئەمەسكەنسە!
مۇدىر جاۋاپ قايتۇرۇپ بولغۇچە ئۇنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈپ خۇشامەت بىلەن جان باقىدىغان بىرنەچچە غالچىسى كېلىپ مۇدىرىغىمۇ سىلىق گەپ قىلىپ‹‹ئەسكى بىلەن تەڭ بولماسلىق››ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ نېرى ئېلىپ كەتتى.ئۇنداق بولمىغاندا مۇدىر تىل ئاڭلاپ ئابرۇيىنى چۈشۈرىۋېلىپلا قالماي داۋاملىق گەپ تالىشىۋەرسە تايىقىنىمۇ تپىپ يەيدىغانلىقنى ھىس قىلىپ قېلىشقان ئېدى.غالچىلىرىنى كۆرۈپ يۈرىكى يوغىنىغان مۇدىر ئىشىانىسىغا مېڭىش ئالدىدا ھەيۋە قىلىپ:
-خەپ توىتاپتۇر سويما،ساڭا كىملىكىمنى تونۇتۇپ قويمايدىغان بولسام!
دېۋىدى ھېلىقى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى،غالچىلار دەرھال يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى.ئۇ يۇلقۇنۇپ تۇرۇپ مۇدىرنى تىللاشقا باشلىدى.ئاغزىدىن تىللاردا داستان بولۇپ ھەممە يەرگە تاراپ كەتكەن مۇنداق سۆزلەر چىقتى:
-ھېي يارامسىز پور كۆتەك،تولا تېرە تاراقشىتماي قولۇڭدىن كېلىدىغاننى بۈگۈن قىلمامسەن؟! چەتئەللەردىمۇ چۇ، خىزمەتتە يارامسىز،ھەددىدىن بەك ئاشقان،خەلقىگە زۇلۇم سېلىۋەرگەن زوڭتۇڭلىرىدىن بىرقانچىنى قول ئاسىتىدىكى زۇلۇم چەككەن نوچىلاردىن بىرنەچچىسى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ بېشىغا كەلگەننى كۆرۈپتىكەن.ئۇلارغا سېلىشتۈرغاندا سەن چۈپرەندە نىمىتتىڭ.يامان بولساڭ قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ ئىشخاناڭغا قاچماي بېرى كېلە.  بۇ مەكتەپتە يە سەن تۇرىسەن، يە مەن!
مۇدىر ئۇنىڭ ئەلپازىدىن چۆچۈپ غىپپىدە تىكىۋېتىپتۇ.باشقا ئوقۇتقۇچىلار ھېلىقى مۇئەللىمنى نەسىھەت قىلىپ ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ كېتىپتۇ.
شۇندىن كېيىن ئىش شۇنىڭ بىلەن بېسىقىپ قاپتۇ.مۇدىر ئۇ ئوقۇتقۇچىنى ھىچنىمە قىلالماپتۇ.غالچىلىرىنىڭ ھە ھۇ دېيىشى، ئارىدا خىزمەت ئىشلىشى بىلەن ئەتىسى ئاخشىمى غالچىلار ئۇيۇشتۇرغان بىر سورۇندا ئۇ ئىككىسى چۈشىنىشكەن،بىر بىرى بىلەن يارىشىپ قالغان بوپتۇ.ياخشى يېرى شۇ بوپتۇكى،مۇدىر شۇندىن بېرى ئوقۇتقۇچىلارنى تەنقىتلىمەكچى بولسا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا تەنقىتلەپ غۇرۇرىغا تەگمەستىن ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ كىرىپ ئايرىم پاراڭلىشىدىغان،تەنقىتنى يۈزتۇرانە بېرىپ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بوپتۇ.
نۇرئەخمەتقان بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن بۇ ئوقۇتقۇچىغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.ئۇ خۇددى بىر غايىۋى قەھرىماندەك تۇيۇلۇپ كېتىپ ھە دېسە ئۇنى كۆرگۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدى.بۇلتۇر 5-ئايدىكى بايرامدا خوتەننىڭ باغچە بازىرىغا بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ تويىغا بارغان چېغىمىزدا نۇرئەخمەتجان مېنى ئۇ دوستى بىلەن كۆرۈشتۈردى. مەن ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ دىدار مۇلاقەت بولدۇم.بىز ئۇنىڭ شەخسى ماشىنىسدا شەھەرگە بىرگە كىرىپ بىرلىكتە تاماق يېدۇق.بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتۇق.تاماق ئارىلىقىدا  ھېلىقى ھېكايىنى قايتا ئەسلەتكۈزۈپ خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

تېخى ئەمەل تۇتمىدىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92945
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 02:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ مۇشۇندا قىلىش كىرەك   

ئا تۇ ش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش