nur010 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:47 PM
قايسى بىر ۋاقىتتا خەن تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بىرپىروگى ...
راس دەيسىز ھازىر شۇنداق ياخشى ئارتىسلىرىمىز تۇرسا ، يەنە نەگە بارسا ئاپراتۇرلار تۇرسا ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقرى دەڭە، شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا بىرەر رۇمانىمىزنى تىلىۋىزىيە پىلىمى قىلىپ ئىشلىمەيدۇ ، ھازىر ئادەتتىكى باللار شۇنداق ياخشى قىسقا پىلىمنى ئىشلەۋاتسا.
بۇداقى ‹‹ سىھران مەشرىپىنى›› كۆردىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى ئىشلىنىپتۇ. بۇ فىلىم يەكەن ناھىيەسى بىلەن نەخ مەيدان بىرلەشتۇرىلگەن كۈرىنىشلەر ئىكەن ، شۇنداقمۇ، مانا بۇ ئاپراتۇرلارنىڭ ماھارىتى دەڭە،
يەنە بىرى رىژىىسسسور ئۇستا ئىكەن ، ئارتىسلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئارىلاشقان.، شۇڭا بەلەن چىقىپتۇ. بۇ ئارقىلىق نىمىنى بىلدۇق؟ بۇنىڭدا نۇرغۇن مەزمۇن بار، بىرى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى، ئەلنەغمە مۇقام ، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىتوتلار،ئارقىلىق ھوزۇرلاندۇق، يەنە بىرى سىھران مۇدا كىيىم كىچەك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غېنىجاننىڭ سەرگۈزەشتىسىنى مۇزىكىلىق دىرامما ئارقىلىق چۇشۇنۇپ بۇندىن كېيىنكى ئالى مەكتەپنى پۈتتىگەن ئىسدودىنىتلارنىڭ چىقىش يوللىرى يۇرىتىلغان.
بۇنى پۈتىن دۇنيا كۈرىدۇ دەڭە . بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى، جۇملىدىن ئۇرىمچى بىلەن يەكەن ناھىيىسى تەشۋىق بولىدۇ. سىھران شىركىتىمۇ تەشۋىق بولدى ئەنە. ئۇ مەشرەپ بولمىغان بولسا ئۇ سىھراننى بىز بىلمەيتۇق. تىلىۋىزىيە فىلىمى بەك چوڭ نەرسە ئۇ پۇتۇن ئۇيغۇر جەمىىتىنى تەشۋىق قىلالايدۇ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپىنى يۇرتۇپ بىرەلەيدۇ. مىللەتنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ، نۇرغۇن تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەق ناھەق ، ئەدەپ ئەخلاق ، قائىدە يۇسۇنلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولىدۇ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 01:18 PM