مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: imtihan399

سەكراتتىكى تورداش ئىنىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87645
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 01:39:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكرې ئاللا ......

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3315
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10349
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 03:20:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلسۇن !!!  مەن بىلەن قۇرداشكەن  ئىسىت ھەجەپ ئۆكۈندۈم !!!

گەزنىنىڭ  ئىككى يۈزى بار ،بىر يۈزىدە نان ياقىدۇ .ئادەمنىڭ بىر يۈزى بار  ئىككى يۈزىدە جان باقىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87388
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 889
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 05:58:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  مەرھۇمنىڭ  ياتقان يېرىنى جەننەتتە  قىلسۇن ،ئەسەرنى   ئوقۇپ  بولغىچە بەدىنىمگە  تىترەك  ئولاشتى  ، كۆڭلۈم يېرىم  بولدى  ،چۈنكى  مېنىڭمۇ  جفنجىگەر  بىر  قىيامەتلىك بۇرادىرىم كۆز  ئالدىمدا  مۇشۇ بالىدەك  كىسەل بىلەن جان بەردى  
تېخى   ئۈچ  ئاي  بولمىغان  بۇ  ئىشقا  ، شۇ  ئىشلار  يادىمغا  كەپ قالدى
ئۇمۇ  21  ياش  ئىدى ،ئۇمۇ  جىگەر  راكى  ئىدى  ،ئۇمۇ  نامز  ئوقۇيتتى ،ئاللاھ  بۇيرىغاننى قىلىپ  توسىغىنىدىن توسىلىدىغان  جانجىگەر  قىيامەتلىك قېرىندېشىم ئىدى ، ئۇنى  بۇنداق  بولا  دەپمۇ  ئويلاپ  باقمىغان  ئىدىم  
ئامال   يوق  ،جان  دىگەن  ئامانەت ، ئەلەكمۇلىللاھ  دەيمىز  ۋە  پەقەت  روھىغا  دۇئا  قىلالايدىكەنمىز  ،چۈنكى  مەرھۇمغا  قىلالايدىغان بىردىنبىر  ياخشىلىقىمىز  ھەققىدە دۇئا قىلىپ  قويۇش  
،ساپمۇ  ساق  دوستۇم  مۇشۇنداق كىسەل  چىقتى  ۋە  3 ئايغا قالماي  بۇ  دۇنيا  بىلەن خوشلاشتى ،ئاللاھ  خالىسا  ئىمان  بىلەن كەتتى  ، مەن ئۇنىڭ بېشىدا  پەقەتكلا  كەلىمە  شەھادەتنى تەلقىن  قىلىپ  بىرەلىدىم  ، قىلالىغان ياردىدىم شۇ بولسا  كىرەك  ،ئاللاھ  ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن
ئاللاھ  ھەممىمىزدىن رازى  بولسۇن  ،قازا-قەدر  ئېنىق بولمايدىكەن ،  شۇڭا  ئۆكۈنمەڭ  ،  شۇ ئىنىڭزنىڭ  روھىدا  دۇئا قىلىشنى   ئۇنتۇپ  قالمىسىڭىزلا  بولدى  ،  مەن دىمىسەممۇ  قىلىسىز   ،ئىشىنىمەن  
ئاللاھ  ھەممەيلەننى  ھىدايەت قىلسۇن  ۋە  ئۆزىنىڭ  مەرھەمەت  يولىغا باشلىسۇن  !
ئامىىىىىىىىين  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87388
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 889
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 06:00:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MiRul يوللىغان ۋاقتى  2013-4-9 06:29 PM
تېمىنىڭ ئاخىرىدا قالايمىقان خەت كىرىپ قالدىمۇ يا چۈشە ...

ئۇ  قالايمىقان كىرىپ قالغان خەت  ئەمەس  ،ھەدىس   ،  پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزلىرى
ئۆلۈم توغۇرلۇق ھەدس  ئىكەن  بۇرادەر  
قالايمىقان  دى
گەن سۆزنى بۇ  جايدا  قالايمىقان  ئىشلەتمەڭلا ،سەمىمىي  تەكلىپ  

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 844 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 06:06:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆزنى بۇ  جايدا  قالايمىقان  



ئۇنداق ئەمەس دوستۇم، مەن دەسلەپتە كۆرگەندە بۇ تېمىنىڭ  ئاخىرىدا باشقا خەت نۇسقىسىدا يېزىلغان بىرمۇنچە خەت بار ئىدى ھازىر ئۆچۈپ كېتىپتۇ، مەن شۇنى دېمەكچى مەقسىتىمنى خاتا چۈشەنمەڭ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىنى قالايمىغان سۆز دېيىشكە ھەددىم ئەمەس مېنىڭ.....

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2093
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9278
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:40:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئىملا خاتالىقىنى ئۆزگەرتىپ تەھرىرلەي دىسەم، ئەسلى يوللاپ بولغان تېمىنى تەھرىرلىيەلمەيدىكەنمەن. تۇللۇقلاش دەپ چىقىۋالدى. باسسام ھەممىسى قايتا ئاخىرىغا بېسىلىپ چىقىپتۇ. تەھرىرلەپ قويساڭلار. ئاستىدىكى ئېلىپ قېىلىپ، يەنى ،مۇشۇ ئىنكاسكا قايتا قالدۇرۇپ قوياي....
    زۈرۈر ئىملا خاتالىقىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكىسى:


                       سەكراتتىكى تورداش ئىنىم

                                                            ئەسلىمە

(  ئاق كۆڭۈل، دوستانە تورداش  ئىنىم مەۋلانجاننىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن.  مەۋلانجان 1992-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋاپات بولغان. )
    ھاياتىڭىزدا سىزگە نۇرغۇن ئىشلار يۇلۇقىدۇ، بەزىلىرى بەلكىم بىر ئۆمۈر كاللىڭىزدا ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، بەزىلىرىنى سىز ئەينى چاغدا بەك مۇھىم دەپ  بىلىشىڭىز مۇمكىن،  شۇ مۇھىم دەپ ئويلىغان ئىشلىرىڭىز كېيىنچە يۇقۇلۇپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن،  ئادەملەرمۇ شۇنداق، نۇرغۇن ئادەم ئەتراپىڭىزدا كۈندە دىگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرسىمۇ، سىزگە ھىچقانچە بىلىنمەسلىكى مۇمكىن، ھەتتا بىر بىنادىكى ئۇدۇل خوشنىڭىزنى بىر ئۆمۈر ئىسمىنى بىلمەي ئۈتۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.  يەنە شۇنداقلا بەزى كىشىلەر بىلەن تور ئارقىلىق تۇنۇشۇپ، يېقىن سىرداشلاردىن بۇلۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، گەرچە بىر ئۆمۈر كۈرۈشەلمىسىڭىزمۇ ، كۈرۈشۈش پۇرسىتى بولمىسىمۇ ۋە ياكى كۈرۈشۈش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويسىڭىزمۇ، كاللىڭىزدىن بىر ئۆمۈر چىقماسلىقى مۇمكىن.
    .......................
           3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىدى.  چ چ رىمدا تۇيۇقسىز دوستقا قۇشۇش سىگنالى كۈرۈلدى. دوستقا قوشتۇم. قارشى تەرەپتىن ئاۋال ئىككى قولنىڭ كۈرۈشۈش بەلگىسى كەينىدىن ياخشىمۇسىز دىگەن ئۇچۇر كەلدى، لايىقىدا ئۇچۇر قايتۇردۇم. پاراڭلىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ  ھازىر ئاقسۇدا ئىكەنلىكىنى، 17 ياشلىق سىڭلىسىنىڭ كىسەل سەۋەبلىك ئىككى ھەپتە ئىلگىرى قازا قىلغانلىقىنى، شۇنىڭغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى بىلدىم،   ئۇ ماڭا ۋاپات بولغان سىڭلىسىنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ، كۆڭلىنىڭ بەكمۇ يېرىم ئىكەنلىكىنى دىدى.  مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم.  ئۈزەممۇ ئەسلىدىنلا كۆڭلۈم يۇمشاق  بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىڭلىسىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇردۇم ۋە ئىچىمدە بىراۋنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىسا ئوقۇيدىغان ئايەتنى   ئوقۇدۇم. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكىردە بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى،  ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر ئىنىستىتۇتتا پىراكتىكا قىلىۋاتقانلىقىنى،كىلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم سىڭلىسىنىڭ ئاخىرەتلىك، نەزىر-چىراق ئىشلىرى ئۈچۈن پىراكتىكىدىن رۇخسەت ئېلىپ يۇرتقا كەلگەنلىكىنى، ئەتە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەپ، يەنە داۋاملىق پىراكتىكا قىلىدىغانلىقىنى دەپ بەردى.  مەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنى بىردەم بولسىمۇ سىڭلىسىنىڭ ۋاپاتىنى ئويلاپ كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ،  ئۇ يە بۇ يەدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، قىسقىسى سىرداشتۇق. كامىرادا ئۇنى كۆرگەندە ئۇنىڭ سەبى، ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلمايدىغان سىماسىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم،  ...  پاراڭ جەريانىدا ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلسە، ئاۋال دوختۇرخانىغا بارىدىغانلىقىنى دىدى، سەۋەبى، كۆزىنىڭ كۈرۈش قۇۋۋىتى سەل ئاجىزلىشىپ قاپتۇ، شۇنىڭغا ئوپىراتسىيە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى دىدى.  مەن چاقچاق قىلىپ تېلۋىزۇرنى جىق كۆرگەندىكىن كۈرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىدۇ دىدىم، ئۇ ئۇنداق ئەمەس، مەن خەنزۇچىدا ئوقۇغان، كىتاپنى جىق كۆرگەنلىك سەۋەبىدىن دىدى.
    ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۈتۈپ،ئۇ " ناماز ۋاقتى بولغانلىقىنى مىنى سەل ساقلاپ تۇرىشىنى"،  ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم، شۇڭلاشقا، ئۇنىڭغا بولغان ئامراقلىقىم ئاكا -ئىنى ئوتتۇرىسىدىكى سىرداشلاردەك تېخىمۇ ئاشقان ئىدى.   
    3-ئاينىڭ 24-كۈنى .
   بىز يەنە چ چ دا پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بىكەتتە ئىكەنلىكىنى بىلەت ئېلىپ يولغا چىقماقچى بولغانلىقىنى دىدى.  ئەسلى پويىزدا ماڭماقچى بولغانلىقىنى ئەمما، پويىزنىڭ ئاستا ئىكەنلىكىنى شۇنىڭغا پويىز بىلىتىنى قايتۇرۋېتىپ، ئاپتۇۋۇزدا كەلمەكچى بولغانلىقىنى دىدى. مەن چاقچاق قىلىپ، ماڭا نىمە ئالغاچ كېلىسىز ئاقسۇدىن ،يۇرتتىن دىسەم، بېدە ئالغاچ بارايمۇ دىدى، مەن چاقچاق قىلىپ  بۇلىدۇ، سىز بېدە ئەكىلىڭ، مەن ئۈرۈمچىدە سىزنى تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلاي دىدىم. ئۇ ئاللاھ خالىسا، پۇرسەت بوپ قالار愿安拉安排时候啊 دىدى.  ئۇ مەندىن" خىزمەت قىلماق تەسمۇ "دەپ سورىدى، مەن ئۇنىڭغا "ئەر كىشى ئۈچۈن خىزمەت بولمىسا بولمايدۇ، ئەرلەر ئىگىلىكنى ئاساس قىلمىسا بولمايدۇ، چۇقۇم قىلىدىغان خىزمىتى بولۇشى كېرەك، يانچۇقتا پۇل بولۇش كېرەك"، دىدىم. بۇ تورداش ئىنىم" راست دەيسىز" دىدى.
3-ئاينىڭ 26-كۈنى
     ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن ھازىر ئايرىدۇرۇمدا ئىكەنلىكىنى بېيجىڭغا ماڭماقچى بولغانلىنى دىدى. سەۋەبىنى سورىسام، ئۆيدىكىلەر مىنى تەكشۈرتىپ كىلىمىز دەيدۇ، مەن قان تۈكۈردۈم، دىدى. ئۇنىڭغا ئاق يول تىلىدىم. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ قۇسۇغۇم بەك ئاغرىۋاتىدۇ، چىدىماي قېلىۋاتىمەن دىدى،  ( كېيىن مەن ئۇنىڭ دوستىدىن ئۇنىڭ چوڭ ئاپىسى تۈگەپ كەتكەندە بىر نەچچە كۈن  ھۇشسىز ياتقانلىقىنى، بۇ قېتىم سىڭلىسى ۋاپات بولغاندىمۇ ئاغرىق ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ، بىر يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلغان ئاتا-ئانىنىڭ، يەنە بۇ ئوغلىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىپ  چوڭراق دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش ئۈچۈن، بېيجىڭغا ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ئۇقتۇم.  )   
    3-ئاينىڭ 27-كۈنى
   ئۇنىڭ دوستى ئۇنىڭ راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ھازىر ئۇنىڭ بىھۇش يېتىۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ تېخى بىلمەيدىغانلىقىنى دىدى. شۇنچىلىك ئەپسۇسلاندىم، ئۇ تېخى 21 ياش ئىدى، كىلەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزەتتى. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن قانچىلىك ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن بولغىتى ھە .......لېكىن، تەغدىرگە نىمە ئامال. جان تەندە ئامانەت.
3-ئاينىڭ 28-كۈنى
    دوختۇرخانىدا يېتىۋېىرىشتىن زىرىككەن مەۋلان ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تورغا چىققان ئىدى. كامىردا ئۇنىڭ قېقىلىپ قېقىلىپ يۈتىلىۋاتقانلىقىنى، قولىدا تۇتۇۋالغان قەغەزدە قان داغلىرىنىڭ ئۇيۇپ قالغانلىقىنى كۆردۈم.  تۇرۇپ تۇرۇپلا ئاغرىق دەستىدىن قوشۇمىسىنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلاتتىم ، كۈرەتتىم. ئەمما ئۇ يەنىلا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشاتتى.   
ئۇ تۇيۇقسىزلا، بىز كۈرۈشەلەمىزمۇ
13:44:33

嗯 我们会见面吗
دەپ سوراپ قالدى.  نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئەمما، ئۇنىڭغا ئاللاھ خالىسا چۇقۇم كۈرىشىمىز دىدىم. ئەمما ئۇ بېشىنى چايقايتى. ئۇ ماڭا چۈشلىرىدە كۆز ئالدىدا پەرىشتىلەرنى كۈرگەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا مانچىلىك ۋاقتىنىڭ قالغانلىقىنى دىدى. مەن ئۇنداق دەپ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ دىدىم. ئەمما ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ ھەقىقەتەن ئاز قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى، يېقىن بىر دوستۇممۇ ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا كۆز ئالدىدا ئاشۇنداق نەسىلەر كۈرۈنىپتىكەن. قېينى ئاپاممۇ ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا كۈرۈنىپتىكەن. مىنىڭ موماممۇ ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا بۇرۇن ئۈلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ كۆز ئالدىدا بارلىقىنى ئاپامغا دەپتىكەنتۇق.   
     ئۇ ئەسلى دىئاگنوز نەتىجىسىنى بىلمىگەن دوختۇرلارمۇ دىمىگەن،  ئەمما، ئۇ ئاتا ئانىسى دوختۇرلارغا قانچە پۇل كەتسىمۇ مەيلى، چۇقۇم داۋالىتىمىز دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالغان ۋە ئاپىسىنىڭ كۆز يېشى قىلغانلىقىنى كۈرۈپ قالغانلىقىنى، نىمە بولغانلىقىنى دىسەم، دەپ بەرگىلى ئۇنمايۋاتىدۇ. ھىچ ئىش يوق دەيدۇ.. ئەمما مەن دىئاگنوز نەتىجىسىنى ئوغۇرلۇقچە كۈرۈۋالدىم، جىگەر راكى ئىكەنمەن. دەپ كامىرادا يىغلاپ تاشلىدى. ......(.شۇ چاغدىكى كامىرادىكى سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا بار.) مىنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى، ئاستا يېشىمنى سۈرتتۇم. ۋە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بىرىشىنى ، داۋالىنىشقا ماسلىشىشىنى ئېيتىم. 不多久我不在了    ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن كىتىپ قالىمەن دىدى.  تۇرۇپلا، ئۇنىڭ ئاغرىق دەستىدىن بېقىنىنى تۇتقىنىنى كۆدۈم.
15:35:50
[url=][/url]这么可爱的妹妹甩我们了    太可惜
بۇ يەردە ماڭا سىڭلىسىنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ، ئوماق سىڭلىم بىزنى تاشلاپ كىتىپ قالدى، بەك ئەپسۇس ،دىدى.
15:36:12
jan tanda amanat.
جان تەندە ئامانەت. دىدىم.
15:36:23
我们都会走的
بىز ھەممىمىز كىتىمىز.  
15:36:34
只是时间问题,循序前后的问题而已
پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، ئىلگىرى كىينلىك مەسىلىسى دىدىم.  
15:37:45
我去医生  哭求他了
مەن دوختۇرنىڭ قېشىغا باردىم، يىغلاپ تۇرۇپ ئۈتۈندۈم.
15:38:07
家里人都知道  可是他不们不告诉我
ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدىكەن، ئەمما، ئۇلار ماڭا ئېيتىپ بەرمىدى.  
15:38:23
他们没告诉我了
ئۇلار ماڭا ئېيتىپ بەرمىدى.  
15:39:46
爸爸妈妈去医生时候 愉看检查结果
دادام ئاپام دوختۇرىنىڭ قېشىغا چىقىپ كەتكەندە، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئوغۇرلۇقچە كۆردۈم.  
15:40:13
我没想到的  肝癌的
مەن ئويلاپمۇ باقمىغان. جىگەر راكى ئىكەنمەن.  دىدى.
15:41:06
别哭
يىغلىماڭ...
15:41:08
别放弃
ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ. ئۇمۈدۋار بۇلۇڭ.
15:41:17
乐观点
15:41:26
ئاللاھ شىپالىق بىرە.
xipalik bira hudayim.
15:41:31
ئۇنداق ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ.
undak uzingizni taxliwatmang.
15:42:08
قەپ قالغان ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ.
kap kalgan hayatingizni kadirlang.
15:42:26
بەزىلەر تۇيۇقسىزلا، ماشىنا ھادىسىسى ۋە ياكى قاتناش ۋەقەسىدە تۈگەپ كېتىدۇ.
bazilar tuyuksizla, maxina hadisisi yaki katnax wakasida tugap ketidu.
15:42:36
سىزنىڭ يەنىلا خېلى ۋاقتىڭىز بار.
sizning yanila heli waktingiz bar.
15:42:41
داۋالىنىش پۇرسىتىڭىز بار.
dawalinix pursitingiz bar.
15:44:07
يىغلىماڭ.
yiglimang.
15:45:08
ئۈمتۋار ياشاڭ.
umutwar yaxang.
15:45:59
جىگەر راكىنى داۋالىغاننىڭ پايدىسى يوق ،دىدى.
肝癌治疗没用的
15:46:12
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ. دىدىم.
undakmu dap katmang.
15:47:33
ئاللاھ پۇرسەت بەرسە، داۋالىنىشتىن ۋاز كەچمەڭ. دىدىم.
安拉给予机会的话,你就别放弃治疗
15:48:34
پايدىسى يوق، مىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ. دىدى.
没用的  我的到了晚期了啊
15:50:40
ئاكا، مىنىڭ ئاقسۇغا كەتكىم بار.
哥哥 我想回阿克苏
15:52:41
دوختۇرخانىدا ياتقۇم يوق، ئۆيگە قايتقۇم بار، ئارام تاپقۇم بار. دىدى
我不想住医院      想回家  安息
15:53:53
مىنىڭ ئاتا ئانامنى ئاۋارە قىلغۇم يوق. ئۇلار بىزنى باقىمەن دەپ ئاز جاپا چەكمىدى. بىزنى بېقىشى ئاسان ئەمەس. دىدى.
我不想麻烦爸爸妈妈的  他们养我们不容易的
ئارىمىزدا يۇقارقىدەك پاراڭلار بولدى. ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم. ئۇنى  داۋاملىق ياشاشقا ئۈندىدىم.

3-ئاينىڭ 30-كۈنى.
  ئۇنىڭ بىلەن چ چ دا پاراڭلاشتۇق. ئىنىم قانداق ئەھۋالىڭىز دەپ ئەھۋال سورىدىم. ئۇ يامان ئەمەس دىدى.يەنە ئاغرىۋاتامدۇ ، دىسەم، ھەر ھالدا بولىدۇ. دىدى. ئۇ ماڭا ئۆزىگە تېلفۇن قىلىشنى ئۈتۈندى. مەن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم.ئەھۋال سورىدىم. ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم. ئۇ بۇرۇنقى بەزى ئىشلارنى دەپ بەردىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى كۆزىنى يۇمسىلا كۆز ئالدىدا پەرىشتىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقنى دىگەنلىكىنى بايان قىلدى، مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم. مىدىرلىيالىغۇدەك ھالى بولسا، ياكى ئىشارەت بىلەن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشىنى، دۇئا قىلىشىنى ،كىسەل كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتىم. ئۇ ماقۇل بولدى. ئۇ بۇرۇن بولغان ئىشلارنى ماڭا ئەسلەپ بەردى. بەزىلىرى قىزىقارلىق ئىدى، تېلفۇندا كۈلىشەتتۇق. بۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى.  چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ دوستى ئۇنىڭ تېلفۇنىدا ئۇنىڭ چ چ سىغا چىقىپتۇ. ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىسام، دوختۇرنىڭ ئۇنىڭغا ئۇكۇل ئۇرغانلىقىنى، ئۇخلاپ قالغانلىقىنى دىدى. مەن دوستىغا ئۇنىڭ تېلفۇندا دەپ بەرگەن بەزى گەپلەرنى ئاشكارىلىدىم، چۈشىدە پەرىشتە كۆدۈم دەيدۇ،مانچىلىك ۋاقتىڭ قاپتۇ دەپتۇ، سىز ئۇنىڭغا كۆپرەك تەسەللى بىرىڭ، ئىلھام بىرىڭ ، بۇ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.  دىدىم.  ئۇ بەكمۇ كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى دىدى.
3-ئاينىڭ 31-كۈنى.
   بۇ كۈن ئۇ بىر كۈن ھۇشسىز ياتتى، دوختۇر ئۇ يەنە 10 سائەتكىچە ھۇشىغا كەلمىسە، ئۇنىڭ مەڭگۈ ھۇشىغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۈگۈن بىر كۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلدىم. كۆز يېشى قىلدىم. ئۇنىڭ مۇشۇنداقلا كىتىپ قالماسلىقىنى ئاللاھدىن تىلەيتىم. بۇ كۈنى ئۇنىڭ دوستى 30-چىسلا  ئاخشىىمى ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ يامانلاشقانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭ ئۇنى جىددى قۇتقۇزغانلىقىنى ھازىر ياتاقتا ھۇشسىز يېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 12:16:20
不是的  晚上抢救室的
ئۇنداق ئەمەس، ئاخشام جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدە ئىدى. دىدى.
12:16:38
现在他在床上ئۇ ھازىر كارۋاتتا. دىدى.
12:18:35
没醒呢 ھۇشىغا كەلمىدى،دىدى.   
12:22:05
是的  我知道他偷看诊断结果了,医生说了 疗治不用的 شۇنداق، مەن ئۇنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئوغۇرلۇقچە كۈرۈۋالغانلىقىنى بىلىمەن. دوختۇر دىدى، داۋالىغاننىڭ پايدىسى يوق. دىدى.   
12:22:26
迟到疗治了داۋالاشقا كىچىكىپتۇ. دىدى.
12:44:03
是的 早上医生治疗没有用的   太迟了شۇنداق، ئەتىگەن دوختۇر شۇنداق دىدى، داۋالىغاننىڭ پايدىسى يوق، بەك كېچىىكىپتۇ. دىدى.
15:10:07
他在睡觉还是昏迷状态?ئۇ ھازىر ئۇخلاۋاتامدۇ ياكى بىھۇش ھالەتتىمۇ. دەپ سورىدىم.
15:11:33
现在医生说了,十小时前不醒的话,永远不会醒了 ھازىر دوختۇر دىدى، 10 سائەتكىچە ھۇشىغا كەلمىسە، مەڭگۈ ھۇشىغا كەلمەيدۇ،دىدى.
15:14:04
بايا ئۇ   ، پەرىشتە، ئاپا    دەپ توۋلىدى......دىدى. 刚才他叫了天使妈妈

3 سائەتتىن كېيىن... ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇ ھۇشىغا كەلدىمۇ دەپ ئۇچۇر ئەۋەتتىم.
18:43:46
waalay kum assalam,他没醒 ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئۇ تېخىچە ھۇشىغا كەلمىدى دىدى.
18:47:46
没醒17个小时了,6小时后不醒的话,永远不会醒的  ھۇشىغا كەلمىگىلى 17 سائەت بولدى. يەنە 6 سائەتكىچە ھۇشىغا كەلمىسە، مەڭگۈ ئۇيقىغا كېتىدۇ. دىدى.
18:56:25
چاتاق بولدى، ئۇنىڭ كۆزى قىزىل نۇر بولدى. دىدى. 不好了,他的眼睛红光了
19:00:03
半个小时前医生说,他可能不会醒来的 يېرىم سائاەت ئىلگىرى دوختۇر دىدى، بەلكىم ئۇ ئەمدى ھۇشىغا كېلەلمەسلىكى مۇمكىن. دىدى.

3-ئاينىڭ 31-كۈنى.(داۋامى)
بۈگۈن بىر كۈن ئۇنىڭ ھۇشسىز ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىدىم. ۋاقىت ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى. بۇ ئىنىمنىڭ مۇشۇنداقلا تۈگەپ كېتىشىگە ئىشەنگۈم كەلمىدى. كەچ سائەت ئالتە بولدى. يەنىلا ئۇنىڭ ھۇشسىز ئىكەنلىكىنى دوستىدىم بىلىپ تۇراتتىم. ئىشتىن چۈشۈپ يولدا كىتىۋاتىمەن. ئەمما، خىيالىمدا ئۇنىڭ تۈنۈگۈنكى كامىرادا كۈرۈشكەن سەبى، دوستانە، ئاق كۆڭۈل ھالىتى...گەپ سۆزلىرى. ھەر بىر ئاغرىق تۇتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ قوشۇمىسىنىڭ ئاغرىق دەستىدىن تۈرىلىشى. ....ھەر بىر ئويلىسام  كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى.  بۇ كۈننىڭ ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنى  بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلاتتىم.  ئويلىساملا كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلاتتى. ئاللاھدىن سەبىر تىلەيتىم. بۈگۈن مەسجىتكە بېرىشنى نىيەت قىلدىم. ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل كونسول كوچىسىدىكى مەسجىتكە باردىم. تاھارەت ئالدىم ۋە خۇپتەن نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇدىم، «دىللار ئاللاھنى ياد ئىتىش ئارقىلىق ئەمىن، تەسكىن ،ئاراملىق تاپىدۇ » دىمەك ، ئازراق ئارام تېپىپ قالدىم. قەلبىم ئازراق ئارامىغا چۈشتى.  ئاللاھغا شۈكرى-سانا ئوقۇدۇم. دوستۈم بىلەن كۈرۈشكۈم كەلدى. ئۇمۇ دەل خۇپتەنگە مۇشۇ مەسجىتكە كەپتىكەن. كۈرۈشتۇق، ئۇنى كۈرۈپ قەلبىم تېخىمۇ بىر ئەمىنلىككە تولدى. ئۇنىڭغا قىسقىلا دەپ بەردىم. دوستۇم :« كىسەلگە ئادەم ئۆلمەيدۇ، ئەجەل كەلسە ئاندىن ئادەم ئۆلىدۇ. ۋاپات بولىدۇ »  بۇ بۈگۈن دوستۇمدىن ئاڭلىغان، بۇرۇن مەن ھىس قىلمىغان بىر ھېكمەت ئىدى. دوستۇمدىن شۇنى ئاڭلىدىم. توغرا، دىمىسىمۇ نۇرغۇن كىسەللەر بار، نەچچە يىللار كىسەل ئازابى تارتىدۇ. لېكىن ئۆلمەيدۇ. پەقەت ۋاقتى-سائىتى توشقان، جان ئامانىتىنى تاپشۇرۇشقا ۋاقتى توشقانلار بۇ دۇنيادىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ يەنە بىر دۇنياغا ماڭىدۇ. ئۇ يەدە مەلۇم بىر مۇددەتنى ئۆتكۈزۈپ، قىيامەت كۈنىدە ھىساپ ئۈچۈن ھەممىمىز يىغىلىمىز. ئاللاھ رىزالىقىغا ئىرىشكەنلىرىمىز گۈزەل ماكانغا، ئىرىشەلمىگەنلىرىمىز ئازابلىق بىر جايغا تاشلىنىدۇ.(ئاللاھ ھەممىمىزنى ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا ئىرىشىشكە، ياخشى گۈزەل ماكانغا مۇيەسسەر قىلغاي. ئامىن.)  دوستۇم بىلەن سىردىشىپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى. ۋاقتى كەلگەندە، بىز دوستلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن باشقا ئىشلارنى قىلالمايدىكەنمىز. بىز ئەتراپىمىزدىكىلەر ئۈچۈن، دوستلىرىمىز ئۈچۈن، ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ، ھەر قانداق بىر ياخشى دۇئالىرىمىز ئۈچۈن ، پەرىشتىلەر بىز ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى. ھەر قانداق بىر دۇئانى قىلغىنىمىزدا پەرىشتىلەر ئامىن دىيىشەتتى. ھەر قانداق بىر ئادەم بىر كىشىنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن يوقلىسا، كۈندۈزى يوقلىسا 70مىڭ پەرىشتىنى شۇ كىشىگە ياخشى دۇئا قىلىشقا ئەۋەتەتتى تاكى كەچكىچىلىك، كەچتە يوقلىسا، تاڭ كۈندۈزگىچە 70 مىڭ پەرىشتىنى شۇ كىشىگە ياخشى دۇئا قىلىشقا ئەۋەتەتتى. كىسەل يوقلاشنىڭ، قېرىنداشلىرىنى يوقلاشنىڭ ، ئاتا-ئانىنىڭ  يوقلاشنىڭ، بۇرادەرلىرىنى يوقلاشنىڭ ساۋابى ئەنە شۇنداق كاتتا ئىدى.
     ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.  بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، تېلفۇندا چ چ رىمدىن ئۇچۇر كەلدى. "ئاكا، بامۇسىز ؟" ئۇنىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىكىنى بىلدىم. ۋە ئالدىراپلا جاۋاپ قايتۇردۇم.
'"مەن بار ئۇكام. ئۆزىڭىز ياخشى بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ؟ سىزنى بىر كۈن ھۇشىغا كەلمىدى دىگەن ئىدى، سەل ئەنسىرەپ قالغان ئىدىم" .دىدىم. ئۇ" ھە، ھازىر خېلى ياخشى تۇرىمەن،" دىدى. ھەم، مەندىن، ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىشىمنى سورىدى. ئويلىدىم، بەلكىم، بۈگۈن ھۇشىغا كەلمىگەن بولسا، مەڭگۈ پاراڭلىشالماسلىقىم ، ئەھۋال سورىيالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى، ھۇشىغا كەپتىكەن ، بىر نەچچە كۈنلىكى قالغان بىر ئىنىم سۆزلىشىشنى ئىستەيدىكەن، تېلفۇن قىلاي دىدىم. دە، تېلفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم. ئۇنىڭ ئاۋازى تېلفۇنىمدىن قۇلىقىمغا كەلدى. ئۇ ماڭا :« ئاكا، بەلكىم بۇ ئاخىرقى قېتىم پاراڭلىشىشىمىز مۇمكىن ، ئەمدى، قاچان كۈرىشىمىز بۇنى بىلمەيمەن. بەلكىم كۈرۈشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئاكا، مەن بىلەن تۇنۇشقىنىڭىزغا پۇشايمەن قىلامسىز، دىدى، مەن ياق، نىمىشقا پۇشايمەن قىلىمەن، سىزدەك ئاق كۆڭۈل، سەمىمى، ناماز ئوقۇيدىغان ،دوستانە بىر ئىنىم بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن،  دىدىم. ئادەم بىراۋ بىلەن  تۇنۇشىمەن دەپلا تۇنۇشالمايدۇ،ئاللاھ بىزنى چ چ دا تۇنۇشتۇردى، بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى. دىدىم.ئۇ، « ۋاقتىم بەك ئاز قالدى،كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ، بىز ئەمدى كۈرۈشەلمەيمىز. پەرىشتىلەر مىنى ساقلاۋاتىدۇ. كۈزۈمنى يۇمساملا كۈرەلەيمەن. دىدى، ئۇلار مىنى دىمە دەيدۇ، دىدى. بوپتۇ، ئۇلار دىمە دىگەن بولسا ،دىمەڭ، دىدىم ۋە دوستۇمنىڭ بۈگۈن دىگەن سۆزىنى دىدىم، ئادەم كىسەل ئۈچۈن ئۆلمەيدۇ، بەلكى ئەجىلى توشقاندا ئاندىن ۋاپات بولىدۇ، سىزنىڭ كىسىلىڭىز ئاللاھ خالىسا ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ، ئۈمۈتسىزلەنمەڭ، داۋالىنىشتىن ۋاز كەچمەڭ، سىزگە بىر ھىكايە ئوقۇپ بىرەي، ئاڭلامسىز، دىدىم، ئۇ ھەئە، ئاڭلايمەن دىدى. ھىكايىنى ئوقۇشقا باشلىدىم........ھىكايە   
      
                             سەدىقە ئارقىلىق كىسەل داۋالاڭلار .......
      
        بىر جۇپ ئەر-خۇتۇن بولغان ئىكەن، ئۇلار بەكمۇ بەختلىك ئىجىل ئىناق ئۆتىدىكەن،  كۈنلەر ئۈتۈپ، ئايلار ئۈتۈپ، ئاللاھ ئۇلارغا بىر پەرزەنت ئاتا قىپتۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تېخىمۇ بەك، چوڭ خوشاللىققا ئېرىشىپتۇ، ئۇلارنىڭ بەختلىك كۈنلىرى داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئۇلارنىڭ پەرزەنتى ئاغرىپ قاپتۇ، ئۇلار بەكمۇ قايغۇرۇشۇپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ، ئەمما، دوختۇرلار ئۇ كىسەلگە داۋا  يوقلىغىنى، چوڭراق دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىنى تەكلىپ قىپتۇ، چوڭراق دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىپتۇ، ئەمما ئۇ يەردىكى دوختۇرلارمۇ ئامال يوقلىغىنى ئېيتىشىپتۇ. ئاتا-ئانا يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنتى ئۈچۈن، بەكمۇ قايغۇرۇشۇپتۇ، چەتئەلگە ئاچىقىپ داۋالاتماقچى بوپتۇ، دوختۇرلار چەتئەلگە ئاچىقسىمۇ پايدىسى يوقلىغىنى ئېيتىشىپتۇ، لېكىن، ئاتا-ئانىسى بالا ئۈچۈن، يۈرەكپارىسى ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ چەتئەلگە ئاچىقىپ دوختۇرغا كۆرسىتىپتۇ، ئەمما، ئۇ  يەردىكى دوختۇرلارمۇ كىسەلگە ئامال يوقلىغىنى بايان قىپتۇ. ئاقىۋەتتە، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ، يۇرتىغا قايتىپ كېتىپتۇ، بالىسىنىڭ ئەھۋالىغا بەكمۇ ئىچ-ئاغرىتىپتۇ ۋە قايغۇرۇپتۇ. ...كۈنلەر شۇ يۇسۇندا ئۈتىۋاتقان بىر كۈنى ، بالىنىڭ دادىسى ئىشتىن كېلىۋىتىپ، ئۆيىگە يېقىن بىر جايدا ئەخلەت تۈكىدىغان جايدا بىر چوڭ ياشلىق ئايالنىڭ ئەخلەت ئارىسىدىن يىمەكلىك ئىزدەپ، خالتىسىغا سېلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قاپتۇ، ۋە ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئايال،" ئۆيىدە بىر بالىسىنىڭ بارلىقىنى ، ئۆيدە يەيدىغان نەرسىنىڭ يوقلىقىنى ، شۇ بالىسىنىڭ ئاچ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئەخلەت ئارىسىدىن يىمەكلىك ئىزدەۋاتقانلىقىنى" بايان قىپتۇ. بالىنىڭ دادىسى  ئانىنىڭ قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ(سەدىقە)، "مۇشۇ پۇلغا ئاشۇ بالىڭىز ئۈچۈن يىمەكلىك ئېلىپ بېرىڭ" دەپتۇ، ۋە" ئۆزىنىڭمۇ بىر بالىسى بارلىقىنى ئەمما، ئېغىر كىسەل ئىكەنلىكىنى ، ئاشۇ بالىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويىشىنى ئۈتۈنۈپتۇ". چوڭ ياشلىق ئايال،"بولىدۇ،  رەھمەت" دەپ كۈلۈمسىرەپتۇ. .............ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، بالىنىڭ كىسىلى ئاللاھنىڭ كالامى قۇدرىتى بىلەن ساقىيىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا بالىنىڭ دادىسى، پەيغەمبەرىمىز ئېيتقان، «  سەدىقە ئارقىلىق كىسەل داۋالاڭلار  » دىگەن ھەدىسىنى ئېسىگە ئاپتۇ. ئاللاھقا چەكسىز شۈكرى-سانالار ئوقۇپتۇ. ...      
         بىمار ئىنىمغا بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ بەردىم.( بۇ ھىكايىنى خۇپتەندىن چىقىپ، مەسجىتتە  كۈرۈشكەن دوستۇمدىن، " ماڭا ياخشى ھەدىسلەر، كىسەل توغرىلىق ھەدىسلەر بولسا، ئوقۇپ بىرىڭ " دىسەم، تېلفۇنىدىن ئاقتۇرۇپ مۇشۇ ھىكايىنى ئوقۇپ بەرگەن ئىدى، مەن بەك ياخشى كۆردۈم بۇ ھىكاينى دەپ، ئۇندىدارغا يوللاپ قويغان ئىدىم. مەن شۇ بىر قېتىم ئوقۇغان چاغدا يادىمدا قالغانلىرى بويىچە سۆزلەپ بەردىم. شۇنداقلا، دوستۇمدىن، سەكراتتىكى ئادەمگە قايسى دۇئا ئوقۇيمىز دەپ سورىدىم، سۈرە ياسىننى دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن، مەن سۈرە ياسىننىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ يۈرىكى بولسىمۇ، ئۇنى يادقا بىلمەيتىم. ... )
     ھىكايىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ دىدىم، ئۇ ئاڭلىدىم، دىدى، مەن ئۇنىڭغا ئۈمۈتسىزلەنمەسلىكىنى، بولسا، "كېيىن ئاقسۇغا قايتقاندا   سەدىقە بېرىش ئارقىلىق، كىسىلىگە شىپا تېپىشىنى ئاللاھدىن تىلىشىنى" دىدىم...ئۇ مەندىن بىر گەپتە ماڭا راست گەپ قىلىشىنى ئۈتۈندى، مەن قېنى سوراڭ دىدىم، ئۇ مەندىن :« ئادەم ئۈلۈشكە ئاز قالغاندا كۆز ئالدىدا مۇشۇنداق بىر نەسىلەر كۈرۈنىدۇ دەيدۇ، راستمۇ ؟ سىز بىلەمسىز ،ئاڭلىغانمۇ ؟ مەن بۇرۇن كىتاپتا ئوقۇغان ئىدىم»دىدى..... تۇرۇپ كەتتىم، تېلفۇندا نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم. بۇ كېچە سائەت 10 دىن ئاشقان ۋاقىت  ئىدى. ئاخىرى ئۇنىڭغا راستىمنى دىدىم، شۇنداق بولسا كېرەك. مىنىڭ يېقىن بىر دوستۇمغىمۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا كۈرۈنىپتىكەن. قېينى ئاپامغىمۇ كۈرۈنىپتىكەن. چوڭ ئاپامغىمۇ كۈرىنىپتىكەن. لېكىن، ھەممە ئىشنى ئاللاھ بىلگۈچى، بىز ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە بۇرايلى، ئۇلار يەنە كۆزىڭىزگە كۈرىنىۋاتامدۇ دىدىم، ئۇ ، كۈزۈمنى يۇمساملا كۈرۈنىدۇ، لېكىن، ئۇلار دىمە دەيدۇ. دىدى. مەن بوپتۇ، ئۇكام كىسەلگە ئادەم ئۆلمەيدۇ، بايىقى ھىكايىدىمۇ شۇنداق دىيىلىپتۇ، ئەجىلىمىز توشقاندا كەتمەيمەن دەپمۇ دىيەلمەيمىز. بەزىلىرىمىز بۇرۇن كىتىمىز، بەزىلىرىمىز كېيىن كىتىمىز، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، ئىلگىرى -كېيىنلىك مەسىلىسى ، شۇڭا ئۆزىمىزگە ياخشى دۇئا قىلايلى، دىدىم. ئۇ، مەنمۇ ئىلگىرى شۇنداق ئاڭلىغانتىم. لېكىن، ھاياتىمنىڭ بۇنداق قىسقا بۇلۇپ قېلىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. دىدى...(خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن، ئۈزەمنى ئامال قىلىپ كونتىرول قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. كۆز ياشلىرىممۇ بۇرۇنقىدەك ئۇنداق سەل بۇلۇپ ئاقمىدى. پەقەت، ئاللاھدىن بۇ دۇنيالىقى ياخشى بولسا، بۇ دۇنيالىقىنى، ئۇ دۇنيالىقى ياخشى بولسا، ئۇ دۇنيالىقىنى بىرىشىنى تىلەيتىم ئىچىمدە، لېكىن، بىر ئاي بولمىغان ئىچىدە ئىككى پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئاتا-ئانىسى قانچىلىك ئازابلىنىپ كېتەر دەپمۇ ئويلاپ كىتەتتىم....)   ئۇنداق ئويلىماڭ، بەزىلەر بوۋاق ۋاقتىدا ۋاپات بولىدۇ، بەزىلەر ھىچ نەسىنى بىلمەيلا ۋاپات بولىدۇ، بەزىلەر قاتناش ۋەقەسىدە نىم بولدۇم دەپ بولغۇچە ۋاپات بولىدۇ، لېكىن، سىز يەنىلا ھايات، بۇنىڭ ئۈچۈن، شۈكرى قىلىشىمىز كېرەك...دەيتىم... ..ئاخىرقى خوشلىشىش بۇلۇپ قېىلىشىمىز مۇمكىن، ئاكا، ئەمدى كۈرۈشۈپمۇ بولالمايمىز، ئەڭ ئاخىرقى پاراڭلىشىشمىز مۇمكىن دىدى....مەن ئۇنى ئاللاھغا ئامانەت قىلدىم. بىز ئۆز-ئارا تېلفۇندا ئامانلىق تىلىشىپ خوشلاشتۇق.
   4-ئاينىڭ 1-كۈنى
     بۈگۈن دۈشەنبە، شەنبە-يەكشەنبە ئىشلىگىنىم ئۈچۈن، بۈگۈن دەم ئالغان ئىدىم. ھاۋامۇ ياخشى ئىدى، ئەمما، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، شامال بار ئىدى،  تېلفۇنۇمدا ئۈندىدار توپىدا ساۋاقدىشىم ئىككى ھەدىسنى ئوقۇپ بەردى. ئۇ ھەدىس  ئادەم ئۆلگەندە كۆزنىڭ نىمىشقا ئاسمانغا قاراپ قالىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار بار ئىكەن. ......
ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۈتۈپ،چۈشكە يېقىن   11 بولاي دىگەن چاغ ئىدى،  تېلفۇنۇمدىكى چ چ دىن ئۇچۇر كەلدى. ئۇ ماڭا تېلفۇن قىلىشنى ئۈتۈنگەن ئىدى.  مەن تېلفۇننى ئۇلىدىم، ئەھۋال سوراشتۇق، ئۇنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىنى سورىدىم، ئۇ يامان ئەمەس دىدى. بۇ چاغدا ئۇ كارۋاتتا ئىكەن. ئۇ تۇيۇقسىزلا مەندىن، « ئەگەر مەن ئۈلۈپ كېتىپ قالسام، ئاقسۇغا بارامسىز، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمغا قاتنىشامسىز » دەپ سورىدى.   مەن ( ھازىرغىچە پۇشايمەن  قىلىمەن، نىمىشقىمۇ ، ئاللاھ خالىسا ، چۇقۇم بارىمەن دىمىگەندىمەن دەپ، ھەر قېتىم ئويلىسام، مىڭ پۇشايمان، نەچچە كۈنلىكى قالغان ئادەم ئۈچۈن بولسىمۇ، نىمىشقا بىرەر قېتىم كۆڭلى ئۈچۈن بولسىمۇ يالغان گەپ قىلمىغاندىمەن دەپ پۇشايمەن قىلىمەن. 善意的谎言 دىمىگەندىمەن دەپ، ياكى مەن دۆتمۇ، ۋە ياكى بەك ئەمەلىياتچان بۇلۇپ كەتتىممۇ، توۋا، دىسەم توۋا دىگۈم كېلەتتى ، ئۈزەمنىڭ شۇنچىلىك گەپنى دىمىگەنلىكىمگە.  سىز مىنىڭ بېرىشىمنى ئۈمۈت قىلامسىز، دەپ سورىدىم، ئۇ ھەئە، ئەمما ۋاقتىڭىز بولمىسا، مەيلى دىدى. مەن دىدىم، مەن سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن ئۇكام. مەن ئۈرۈمچىدە، ئاقسۇغا بېرىپ بولالماسلىقىم مۇمكىن، خىزمەت شارائىتى يار بەرمەيدۇ، ئاران 2 لا ئادەم ئىشلەيمىز بىزنىڭ ئىشخانىدا. لېكىن، سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن، ناماز ئوقۇپ، سىز ئۈچۈن ساۋابىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن دىدىم. .....ئۇنىڭ تۇيۇقسىز نەپسىنىڭ تىزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تېلفۇندىن ئاڭلىدىم. .  بىر چاغلاردا كىتاپتا، سەكراتتىكى ئادەمگە ئىمان كەلىمىسىنى ئوقۇش، بولسا، ئۇنى ئىمان كەلىمىسىنى  ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئاغزىغا سېلىپ بىرىش دىگەندەك مەزمۇنلارنى ئوقۇغان ئىدىم، شۇنىڭغا، سۈرە فاتىھەنى ئۈنلۈك ئوقۇدۇم، ئۇ ئاڭلاۋاتتى، ئىمان كەلىمىسىنى ئوقۇدۇم،(ئاللاھ بەلكىم مىنى ئوقۇ، شۇلارنى ئوقۇ دەپ دىلىمغا سالغاندەك) لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھى  .....نى ئوقۇدۇم. ..( ئەسلى ئۇكام ماڭا ئەگىشىپ ئوقۇڭ دىمەكچى ئىدىم، ئەمما ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم...بەلكىم ئۇنى يەنە ھۇشىغا كېتىدۇ يەنە ھۇشىغا كېلىدۇ دەپ ئويلىغاندىمەن، ۋە ياكى ئەگىشىپ ئوقۇڭ دىسەم، كۆڭلىدە نارازىلىق پەيدا بۇلۇپ  قالارمۇ دىگەننىمۇ ئويلاپ كەتتىم. ئەمما، مەندە بىر ئۈكۈنۈش قالمىسۇن دىدىم ۋە سۈرە فاتىھە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىسىمى ئوقۇدۇم، بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھغا خاستۇر، بىز ئاللاھدىنلا ياردەم تىلەيمىز. ئاللاھ بىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن. ......
...«ئاكا، مەن كەتتىم، خوش، ئاكا، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.   .......»    بۇ گەپلەر قۇلاق تۈۋىمدە قالدى. .....تېلفۇندىن سادا كەلمىدى. ئۇنىڭ ئىسىمىنى بىر نەچچە قېتىم توۋلىدىم، كۆڭلۈمدە ئۇ بەلكىم ھۇشىغا كەتتى دەپ ئويلىدىم. ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە،  ئۇنىڭ دوستىدىن، ئۇنىڭ ۋاپات بولدى دىگەن  چ چ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئىچىمدە، ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى .... نى ئوقۇدۇم. مەندىن رازى بولغانمىدۇ، مەندىن كۆڭلى ئاغرىغان يەرلىرىمۇ بارمىدۇ ، مەن توغرا قىلالىغاندىمەنمۇ، نىمشىقىمۇ، ئۇنىڭغا، ئاللاھ خالىسا، چۇقۇم ئاخىرەتلىك ئىشلىرىڭىزغا قاتنىشىمەن دىمىگەندىمەن، دەپ ئويلاپ كەتتىم....ھەر بىر ئويلىسام كۆزلىرىمدە ياش ئەگىيتتى.....
     دۇئا قىلاتتىم، ناماز ئوقۇغانلىرىمدا ئۇنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمغا كىلەتتى. تۇنۇشۇپ، 10 كۈن بولغاندا ۋاپات بولغان بۇ تورداش ئىنىمغا، ئاللاھدىن ئاسانچىلىك بىرىشىنى تىلەيتىم. ............
      شۇ كۈنى ئۇنىڭ مىيىتى بېيجىڭدىن ئاقسۇغا يۆتكەلدى. شۇ كۈنى كەچتە، مەن ئۇنىڭ ئاكىسىدىن ئۇ ئاخىرقى نەپىسىدە تېلفۇندا سۆزلىشىپ ۋاپات بولغانلىقىنى، ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى نەپسىدە پاراڭلاشقان بىردىن-بىر ئادەم ،توردىشى ، تورداش ئاكىسى ئىكەنلىكىمنى بىلدىم. .....  .......
4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇنىڭ نامىزى ئاقسۇدا چۈشۈرۈلدى.
    ئاللاھ  ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلىپ بەرگەي . ھەممىمىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغاي. ئامىن.
     .............
      ھەدىس: « سىلەر بىلەمسىلەركى ، ئادەم ئۆلگەندە كۆزى ئاسمانغا قاراپ قالىدۇ، سەۋەبى، روھ ئاسمانغا پەرىشتىلەر تەرىپىدىن  كۆتىرىلىپ ماڭىدۇ، كۆز ئارقىسىدىن قاراپ قالىدۇ، ئەگەر ئۇ ياخشى بەندە بولسا، پەرىشتىلەر ئۆلگەن كىشىنىڭ جېنىنى ئاپپاق يىپەك رەختلەرگە ئوراپ، ماڭىدۇ، ۋە بىر بىرىگە سۇنىدۇ، ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك خۇشبۇيلار تارقىلىدۇ، ئاسمان پەرىشىتىلىرى نىمانداق خۇشبۇي پۇراق دىيىشىدۇ......
       ئەگەر ئۆلگۈچى، يامان بەندە بولسا، ئازاب پەرىشتىلىرى قامچىلىرىنى كۈتۈرۈپ، ئازاب قىلىنغۇچى جاننى ئېلىپ ماڭىدۇ، ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك بەدبۇي پۇراق چىقىدۇكى، ئاسمان پەرىشتىلىرى، نىمانداق سېسىق پۇراق دىيىشىدۇ. »
      
(كەچۈرۈم ،   ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تۇللۇق يەتكۈزەلمەي قالدىم. لېكىن، ئاساسى مەزمۇنى مۇشۇنداق.)
   
                                             تۈگىدى.
ئاللاھ ھەممىمىزگە مەغپىرەت قىلغاي،  ھەممىمىزنى نام ئەمەلىمىز ئوڭ تەرىپىدىن بىرىلىدىغان سائادەتمەن بەندىلەر قاتارىدا قىلغاي. ئامىن.

دوستلۇقسىز ھايات مەنىسىز بولىدۇ.

چىدىماسلار يوقالسۇن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1015
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4423
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 745 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:45:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  خۇدايىم تىخى ياشكەن ئەمەسمۇ، كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ، خۇدايىم شۇ قىرىندىشىمىزغا جەننەتتىن ئورۇن بەرسۇن.........

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 11:33:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىىننە لىلىلاھى ۋە ئىىننە ئىلەيھى راجئۇن.
ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن ، كۇزۇمدىن ياشلار  تۇكۇلۇپ  يۇرەكلىرىم  ئېچىشىپ كەتتى،
ئاقسۇنىڭ نەرىدىن ئادىرىسىنى ئېنىق دەپ بەرگەن بولسىڭىز ،پەتىلەپ بېرىپ ئائىلە-تابابەتلىرىگە  تەسەللى بىرىپ سەۋرى قىلشىنى ئۇتۇنەتتىم . مىنىڭ ھىچقانداق تۇنۇشلۇغۇم يوق تۇرۇپ شۇنچىلىك ئازاپلاندىم ، ئات-ئانىسى قانچىلىك ئازاپلانغاندۇ -ھە. سەۋرى قىلىڭلار ئاتا-ئانىلار  ،ئاللاھ سەۋرى قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2093
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9278
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 10:44:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈمنى ھەرقانچە قىپمۇ تۇتالمىدىم……يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم، ھەممىمىز بۇ قېرىندىشىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلايلى… تىما ئىگىسى قېرىندىشىم، بۇ تىمىڭىزنى باشقا مۇنبەرلەردە مۇبارەك نامىڭىز بىلەن تارقاتساق بولامدۇ?


بولىدۇ، قېرىدىشىم.  

دوستلۇقسىز ھايات مەنىسىز بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87519
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:01:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن      ئىمانىنى ھەمرا قىلسۇن   سۇئال سوراقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسۇن   .

   ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى         ئەجەل ياش قېرى  ، چوڭ كىچىك دەپ  ئايرىمايدۇ    كىم  بىلىدۇ   بىزمۇ  ئاخشىمى ئۇخلاپلا ئەتىگىنى قۇپاممايلا  كىتىپ قالامدۇق    ئاللا  ئۈزى بىلىدۇ    ھايات ۋاقتىمىزدا  ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن  ياخشى تەييارلىق قىلىۋالايلى  

يا رەببىم! ئاز بىرىپ خار قىلما،
      جىق بىرىپ ئازدۇرما.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش