سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى،
ئالتۇن بىرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى.
ئۆيگە ئوغرى كىرسە ،ئىتنىڭ سىيگۈسى كەپتۇ.
مەن كۆتۈمنى ياراتماي بېسىپ ئولتۇرامەن،
كۆتۈم مېنى ياراتماي ئوسۇرۇپ ئولتۇرار.
قاغا بالام ئاپئاق،كىرپە بالام يۇمشاق.
يامان كالا ياردا مۇزايلاپتۇ.
تويغا بارساڭ تويۇپ بار،
بەش بالاڭنى قويۇپ بار.
ئۆيدە ئوسۇرغان قوڭام،تويدىمۇ ئوسۇراپتۇ.
دادىسى يوقنىڭ پوردىقى چوڭ،
ئانىسى يوقنىڭ ئەمچىكى چوڭ.
قورققانغا قوش كۆرۈنەر ،پوردىقى مۇشت كۆرۈنەر.
كۆتۈرەلمىسەڭ ،ساڭگىلتىۋال.
بىلىم ئالمىغان ياش،تام تۈۋىدىكى تاش.
يول سورىغان يولدىن ئازماس.
چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە،
ماغدۇرنىڭ بارىدا يول كۆر.
مۈشۈككە ئويۇن،چاشقانغا قىيىن.
قاسساپ ياغ قايغۇسىدا،ئۆچكە جان قايغۇسىدا.
قىرغاق كۆرۈپ بۆز ئال،ئانىسىنى كۆرۈپ قىز ئال.
قىردا گۇناھ يوق تانىسى بوزۇق،
قىزىدا گۇناھ يوق ئانىسى بۇزۇق.
قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن كالا ،چىچماي قالمايدۇ.
...يەنە نۇرغۇنى باتتى ،يېزىپ بۇلالمىدىم