مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

ئىگسىز قالغان خاتىرە (داۋامى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 08:53:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahzada517 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-7 11:32 AM
مانا بۇنى (قارىغۇنى تاريەردە قىستاش)دەيمىز،،،ھى ھ ...

مەن قارغۇ بولسام مىسرانىمغا قانداق ئەسەر ئەۋەتەلەيمەن...ئىگسىز قالغان خاتىرىنىڭ داۋامىنى يۇللايدىغان ئادەم چىقماي قالارمىكىن..مىنى ئالدىراپ قارغۇغا چىقاماڭ ھە..مىنىڭ كۆزۈم بەك چوڭ دەڭە

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 08:53:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
{:23:}

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5501
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 04:59:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە يوققۇ ئاخىرى؟

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 04:00:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىگسىز قالغان خاتىرە (داۋامى)

مەن شۇ تاپتا شۇنچە ھەسرەتلىنىش شۇنچە پەرىشانلىق ئىچىدە شىئەنگە ماڭىدىغان پويىزغا ئاخىرى يىتىپ كەلدى مەن شۇنچە ھەسرەتلىنىش ئىچىدە شۇنچە خۇرسىنىش ئىچىدە شىئەنگە يىتىپ كەلدىم  شىئەن ئىچىدە شۇنچە ئۆزگىچە ھەم گۈزەل ئىدى بۇ تەرەپتىكى كىشىلەرنىڭ كىيىنىشى شۇنداقلا ھەر جەھەتتكى ئورتاقلىقلىرى چىرايلىق ئاسپانىت يۇللىرى كۆزلىرىمىنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى
بىز شىئەننىڭ پويىز ئىستانسىغا كىلىپ تۇختىغاندىن كىيىن ئىرفان شۇنداقلا ئۇنىڭ دوسىتلىرى مىنى يىقىن ئەتراپتىكى مىھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى مەن ياتاق ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كىين تىلۋۇزۇرنى قۇيۇپ تۇرىشىمغا شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىچىدىكى تەرەققىياتلار ھەم بولىۋاتقان ئىشلار بىرمۇ-بىر سۆزلىنىۋاتاتتى بۇلارنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلگەن ئىدى
مەن ياتاق ئىچىدە ئولتۇرۇشتىن زىرىكىپ سىرىتقا چىقىپ ھاۋا يەپ كىرىش ئۈچۈن يەر ئاستى يۇلنى بۇيلاپ بىر تار ئەمما ئاۋات كوچىغا كىرىپ كەلدىم ۋە بىر ناۋايچىنىڭ دۇكىنى يىنىغا كىلىپ قالدىم
ناۋايچى بالا مىنى يالغۇز كۆرۈپ سەل ئەجەپلەنگەندەك يىنىغا قاراپ قۇيدى مەنمۇ ئۆزۈمنى تۈزىۋالغان ئاساستا ئالدىراپ سورىدىم
-ئاكا..بۇ نانلار قانچە يۈەن؟
-بىرى 2 يۈەن،،،ياق 3 يۈەن،،،
-قىززىققۇ سىز 2 يۈەن دەپ بولۇپ يەنە 3 يۈەن دەيسىزغۇ؟
-بوپتۇ سزگە شۇنداق قىلىپ بىرەي..قانچىنى ئالىسىز؟
-3 نى ئالاي..
شۇنداق دەپ ئىرفان ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن پۇلدىن 6 يۈەننى ناۋايغا سۇنغاچ سورىدىم
-راسىت ..بۇ يىقىن ئەتراپتا بىرەر ئۇيغۇر ئاشپۇزىلى بارمۇ يۇقمۇ؟
-بار..بار..ئالدىڭىزغا ماڭسىڭز..جۇماق دەپ بىر تۇڭگۇز بار..شۇنىڭ ئاشخانىسىغا بىرىڭ ھە راسىت سىڭلىم سىز بۇ يەرگە يالغۇز كەلگەنمۇ؟
تۇيۇقسىزلا سوراپ قالدى
-شۇنداق..مەن ئوقۇغۇچى مەلۇم ئىشلار تۈپەيلى شىئەنگە كىلىپ قالغان بىرەر مەزگىل مۇشۇ ئەتراپتا تۇرۇپ قىلىشم مۇمكىن ئەمما ئۇزۇن تۇرمايمەن
ناننى يىگەچ ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم
-مۇنداق دەڭ...سىز بۇ يەرگە كەلگەن بولسىڭزغۇ ياخشى.ئەمما ھەرگىز ئەخمەقلىق قىلىپ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر قىزلارغا گەپ قىلىپ قالماڭ ئوغۇللارمۇ ئوخشاش..
-نىمىشقا؟
-كىيىن ئۆزىڭز چۈشىنىپ قالىسىز
شۇ ئارىدا ياشلىرى 22 ياشلار ئەتراپىدىكى بۇغداي ئۆڭ كەلگەن بىر قىز چىقىپ كەلدى ۋە ماڭا بىر قاراپ قۇيۇپ ناۋايچى بالىغا ئالىيىپ قارىدى مەن ئۇ قىزنىڭ بۇ ناۋاينىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم ھەم كۈلۈپ سالاملىشىپ قۇيدۇم
ئۇ قىزمۇ مىنىڭ بۇ ئىپادەمدىن كۈلۈپ قۇيۇپ مەن بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كىيىن مەن بىلەن خىلى ئۇزۇن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى
بۇ قىزنىڭ ئىسمى سەلىمە بولۇپ ئۇنىڭ يۇلدىشىنىڭ ئىسمى نۇرمەمەتجان ئىكەن ئۇلارنىڭ قەشقەردىن چىىقپ شىئەندە ناۋايخانا ئىچىۋاتقىنىغا خىلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالغانكەن ئۇنىڭدىن سىرىت نۇرمەمەتجان ئاكامنىڭ نۇرئەخمەت ئىسىملىك 18 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئىىسى بار ئىكەن
بىز بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغۇچە ھىچ گەپتىن ھىچ گەپ يۇق يامغۇر شارقىراپ قۇيۇلۇشقا باشلىدى مەنمۇ ئۇلار بىلەن خۇشلىشىپ ياتاققا كىرىپ تۇرىىشىمغا ئىرفان بىلەن ئۇنىڭ تەلئەت ئىسىملىك بىر قانچە دۇسىتلىرى مىنى ئىزدەپ تۇرغان  ئىكەن
-ۋاي ئاللاھ قىزچاق نەگە كىتىپ قالدىڭز دەيمەن؟سىزنى ئىزدەۋاتقىنى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى
مەن كۈلۈپ قۇيۇپ ئىشىكنى ئاچتىم ئۇلارمۇ كەينىمدىن ئەگىشىپ كىرگەندىن كىيىن ياتاق ئىچىدىكى بوش ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى
-قانداق تاماق يىدىڭىزمۇ يۇق؟
-ئەمدى نان ئىلىپ كىرىپ نان ئىلىپ يىگەن ئىدىم نىمە بولدى؟
-تاماق يىمىگەن بولسا تاماق ئىلىپ بىرەي دىگەن ئىدىم شۇ ...سىزنى ساقلاپ تۇرغىلى ئۇزۇن بولدى..
مەن ئۇلار بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلىشىپ ئاخىرى ئۇلار بىلەن خۇشلاشتىم ئەتىسى سەھەردىلا ئىرفان بىلەن تەلئەت شۇنداقلا نۇرشات ئىسىملىك بىر قانچە بالىلار مىنى ئالغىلى ياتاققا كىلىشتى ھەم مىنى يىقىن ئەتراپتىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيدى
مەن بۇ ئاشخانىدا يىتىپ قۇپۇپ ئىشلەشكە دىيىشتيىم ئەمەليەتتە مەن ئىرفاننى ئالداپ قۇيغىنىمغا پۇشايمان قىلاتتىم يەنە كىلىپ ئادىل بىلەن شۇنچىلىك پاراڭلاشقۇم كەلگەن ئىدى ھەركۈنى كەچ ئايگۈل شۇنداقلا ئادىل ئەنۋەر ئاكاملار مىنىڭ چۈشۈمگە كىرىپ تۇراتتى..
مەن بۇ ئۇيغۇر ئاشپۇزىلىدا بىر ھەپتىگە يىقىن ئىشلىدىم بىراق مەن ئىشلىگەن بۇ ئاشخانا خۇجايىنى بەك سۇيۇق ئادەم ئىدى مىنىڭ بۇ ئاشخانىدا ئۇزۇن تۇرغۇم كەلمىگەن ئىدى مەن بۇ ئاشخانىدىن چىقىپ خىلى يەرلەرگىچە بىرىپ ئىش ئىزدىدىم ئەمما پەقەت ماڭا ياققۇدەك ئورۇن چىقماۋاتقان ئىدى
مەن قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ئەھۋالنى ئىرفانغا ئىيتايچۇ دەپمۇ ئويلىدىم بىراق مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئىنمىنى ئىزدەپ چىققىنىمنى ئىيىتقان ئىدىم شۇنداق بولغاچقا ئۇنى يەنە نىمە دەپ ئالدايمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ شەھەر ئىچىدىكى بىر تۇقۇمچىلىق زاۋۇتىغا ئىشقا چۈشتۈم
ئىرفانغا بولسا ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭغا قايىتقىنىمنى ئىيتىپ ئۇچۇر ئەۋەتىپ قۇيغان ئىدىم مەن تۇقۇمچىلىق زاۋۇتىغا كىرىپ كىتىشتىن ئىلگىرى ئەنۋەر ئاكامغا تىلفۇن قىلىش مەخسىتىدە ئاممىۋى تىلفۇنخانىغا كىرىپ تۇرىىشمغا قانداقتۇر بىر كىچىك بالا يانچۇقۇمغا قۇل سالدى
يىنىمغا بۇرۇلۇپ قارىسام 12 ياشلار چاممىسىدىكى كىچىك بالىلاردىن ئىكەن ئۇلارنى كۆرۈپ تازا ئۇرماقچىمۇ بولدۇم بىراق شۇنچە كىچىك بالىلار ئىكەنغۇ بەلكىم بىرەر مۇھتاجلىقى باردۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۇلانى قۇيۇپ بەردىم
-ئاچا...
دىدى قارامتۇل كەلگەن بىر بالا مىنىڭ قۇللىرىمنى ئاجرىتىپ
-بۇ مىنىڭ دۇستۇم بىزنى ئەسكىلەر بۇ يەرگە بۇلاپ ئىلىپ كەلگەن بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قۇيۇڭچۇ..بىزنى تۇتىۋالغان ئەسكىلەرنى ساقچى تۇتىۋالغاىلى ئۇزۇن بولدى بىز پۇل تاپامماي يۈرىمىز...
-نىيمىشقا شۇ ساقچىلارغا دەپ يۇرتقا قايىتمايسىلەر؟
-ساقچىلانىڭ ئۇلارنى تۇتىۋالغىنىغا 1 ھەپتە بولدى بىز شۇ بىر ھەپتىدىن بىرى سىرتتا ھىلى ئاچ ھىلى تۇق يۈرۋاتىمىز..
بالىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىدى ھەم پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن بانكىغا كەلدىم ھەم ئۇزۇندىن ئۇزۇن رەسمىيەت بىجىرىپ كارتامدىن 200 يۈەن پۇلنى ئىلىپ ئۇلارنى ئاشخانىغا ئىلىپ كىردىم
-ئەمدى ئىككىڭلار قانداق قىلىسىلەر؟
-بىز سىز نىمە ئىش قىلسىڭز شۇنى قىلىمىز ھەدە،،سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز بىزنى ئلىپ قىلىڭچۇ..
ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن يالۋۇرشىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىدى ھەم ئۇلارنى ئامالسىز ئىلىپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم
مۇلازىمەتچى قىز بىزگە 30 زىخ كاۋاپ ئىلىپ كەلگەندىن كىيىن بىز تاماق يىگەچ يەنە پاراڭغا چۈشتۇق
-ھەدە سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمۇ؟
-مىنىڭ ئىسىمىم مەۋلۈدە 16 ياشقا كىردىم سەندىن 4 ياش چوڭ..
-ئىسمىڭز بەك چىرايلىقكەن ..مىنىڭ ئىسمىم ئادىل بۇ دوستۇمنىڭ ئىسمى مۇسا
ئادىل دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ بىر قىسىملا بولۇپ قالغان ئىدىم
-ھەدە..نىمە بولدىڭىز؟سىزگە خاتا گەپ قىىلپ قۇيدۇممۇ قانداق؟قىنى گەپ قىلسىڭزچۇ؟
-ھە،،ياقەي،،،ئادىل سىنى باشقا ئىسىم بىلەن چاقىرسام قانداق دەيسەن؟
-مىنىڭ ئىسىمنىمنى دەمسىز؟ماقۇل نىمە دىسىڭىز مەيلى
-سىنى فىرقەت دەي قانداق؟
ئادىلمۇ بىشنى لىڭشىتىپ كۈلۈپ قۇيدى بىز ئاشخانىدىن چىققاندىن كىيىن ئۇ ئىككىسىگە ئايرىم ياتاق ئىلىپ بىرىپ ئۆزۈم يىڭى ياتاىق ئىلىپ ياتاققا كىرىپ كەتتىم ئەتسى يەنە بانكىغا بىرىپ مۇددەتلىك قۇيۇلغان بانكا رەسمىيەتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىجىرىپ دىگەندەك ئارانلا 3000 يۈەن پۇلنى ئالالىغان ئىدىم بۇ 3000 يۈەن پۇل ئىچكىرگە نىسپەتەن كىچىكككىنە پۇل ھىساپلىناتتى
مەن يەنە جىقراق پۇلۇمنى ئىلىشنى خالايتىم بىراق مەن بۇ 3000 يۈەن پۇلنى نەچچە كۈن يۇل مىڭىپ يۈرۈپ بەك تەستە ئالدىم مەن بۇ پۇل بىلەن ئاددىراق بىرەر ئىش قىلىشنى ئويلاشقان ئىدىم
مەن بۇ ئىچكىردە تۇرۇشنى پەقەتلا خالىمايتىم يەنە كىلىپ مەن بۇ ئىچىكىر تۇرمۇشىدىن بەكلا زىرىككەن ئىدىم مەن يەنە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئەينى چاغدىكى ئەنۋەر ئاكامنىڭ سىڭلىم مەيلى قەيەردىلا بولۇڭ چوقۇم ماڭا خەۋىرىڭىزنى بىرىڭ دىگەن سۆزى ئىسمگە كىلىپ قالغان ئىدى
يەنە كىلىپ مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى تۇپتۇغرا 10 ئاي بولغان بۇ جەرياندا بىردەم ئۇنى بىردەم بۇنى قىلىپ جان بىقىۋاتقان ئىدىم مىنىڭ ئەنۋەر ئاكامغا تىلفۇن قىلغۇم كىلىپ ئاممىۋى تىلفۇنخانىغا كىردىم ھەم تىلفۇننى ئادىلغا ياق فىرقەتكە تۇتقۇزۇپ ناۋادا تىلفۇننى ئوغۇل بالا ئالسا ماڭا بىرىشىن قىز بالا ئالسا ئەنۋەر ئاكامنى چارقىرىشىنى دىدىم
فىرقەت دىگىنىمدەك تىلفۇننى قىلدى تىلفۇننى بىر ئوغۇل بالا ئالغان ئىدى فىرقەت تىلفۇننى تىزلا ماڭا تۇتقۇزۇپ قۇيدى
-ۋەي..ئەنۋەر ئاكاممۇ؟
-ۋەي..كىمۇ؟ئەنۋەر ئۇ....
ئۇ بالىنىڭ گىپى تۈگىمەيلا مەن سۆزلەپ چۈشۈپ كەتتىم
-ئەنۋەر ئاكا ..مەن مەۋلۈدە،،
-نىمە مەۋلۈدە؟سىز مەۋلۈدەمۇ؟ نەدە سىز؟
مەن شۇندىلا بۇ تۇنۇش ئاۋازنىڭ دەل ئادىلنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكنى سىزىپ تىلفۇننى تىزلا قۇيىۋەتتىم مەن ئەمەليەتتە بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيتىم ئادىل تىلفۇننى يەنە قايتۇردى
مەن تىلفۇننى فىرقەتنىڭ ئىلىشغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قۇيدۇم ئۇ بەك تەستە مىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكمنى ئىيتىپ مىنىڭ يۇقلىقىمنى ئىيىتتى
مەن بۇ تىلفۇندىن كىيىن ئادىلنىڭ چۇقۇم مىنى ئىزدەپ شىئەنگە كىلىدىغانلىقىن ىبىلەتتىم  چۈنكى بۇ تىلفۇننىڭ نۇمۇرى ئادىلنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى
مەن ياتاققا قايتىپ كىرگەندىن كىيىن فىرقەت بىلەن مۇسا نى بىر ئاشخانىغا ئىشلەشكە قۇيۇپ قۇيۇپ ئۆزۈم زاۋۇتقا كىتىپ قالدىم ئارىدىن 1 يىرىم ئاي ئۆتكەن بىر كۈنى مەن ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 05:40 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39695
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3198
تۆھپە نۇمۇرى: 94
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 11:30:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ئاخىرىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۇتمەكتىمىز. غەيرەت قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يىزىپ پۈتتۈرشىڭىزنى ئۈمىدقىلىمىز.

اللە  خالىسا بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 04:16:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىگسىز قالغان خاتىرە (داۋامى)

مەن زاۋۇتتىن يىڭىلا چىقىپ تۇرىشىمغا زاۋۇتىمىزدىكى مەن بىلەن يىقىن ئۆتىدىغان لى لى مىنى چارقىرىپ مىنى بىرىنىڭ ئىزدەپ كەلگىننى ئىيتتى كىملىكىنى سورىسام 50 لەردىن ئىشىپ قالغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىيتىتتى مەن ئەخمەت تاغام مىنى ئىزدەپ كەلدىمۇ نىمە دىگەندەك يۈگۈرۈپ زاۋۇتنىڭ دەرۋازىسى يىنىغا ماڭدىم
ئەخمەت تاغام ئۆزى خىلى ئۇستىخانلىق ئىدى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كۆپلىگەن ئادەملەرگە سەل چوڭ چىرايدەك تەسىر بىرىپ قۇياتتى مەن شۇنچە ھاياجانلىنىش ئىچىدە دەرۋازا يىنىغا كەلدىم ھەم چۆچۈپ كەتتىم
يارى دىگەن ئەبلەخلەخ قاراپ تۇراتتى
مەن ئۇنى كۆرۈپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ كەتمەكچىمۇ بولدۇم بىراق ئۇنىڭ مىنى ئىزدەپ كەلگىنىگە ئاچچىغىم كىلىپ ھۇمىيىپ قارىدىم
-ھى..ھى..ھى..كىلىىن قىزىم قانداقراق؟
-ۋۇ..ئىپلاس..يۇقال ..بۇ يەردىلىكىمنى قانداق بىلىۋالدىڭ؟
-بۇنى سىزگە دەپ بىرىشىم شەرتمۇ؟سىزنى ئىزدەپ كەلسەم بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟
-سەن مۇناپىق بىشىمغا شۇنچە ئىشنىڭ كىلىشىگە سەۋەپچى بولدۇڭ يەنە كىلىپ مىنى ئىزاەپ كەپسەن ئىيتە سەنمۇ ئادەممۇ؟ناۋادا ئادىلنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام سەن ئىپلاسنى بوش قۇيىۋەتمەيتىم..
شۇ گەپلەرنى ئارانلا دەۋاتاتتىم
-قىنى يامان بولغانكەن مىنى ئۆلتۈرۋەت،،،
ئاچچىقتىن چىشلىرىم يىرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى ھەم يۈگۈرۈپ زاۋۇت بىناسىغا كىرىپ كىتىپ قالدىم شۇ كۈنى شۇنچە غەزەپلىنىش ئىچىدە بۇ بىر كۈننى ئۆتكۈزدۈم
ئەتىسى سەھەردىلا يەنە ئادىتىم بۇيىچە ئىشقا چۈشتۈم بىراق بۈگۈن نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم شۇنچە پەرىشان ئىدى شۇنچە زىرىكىش ئىچىدە ئولتۇرغىنىمدا فىرقەت بىلەن مۇسا سوغۇق ئىچىملىك كۆتۈرگنىچە يىنىمغا كەلدى
-ئاچا ئۇسساپ قالغانسىز سۇ ئىچىڭ...
-رەھمەت ئۇكام
چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئۇنىڭ قۇلىدىكى ئىىچىملىكنى ئالدىم
-ئاچا بۈگۈن بىرەرى بىرەر نىمە دىمىگەندۇ؟بەك كەيپىياتىڭىز ناچارغۇ نىمە بولدى؟
-ھىچنىمە ئەمەس...راسىت ئەتە چۈشتىن كىيىن زاۋۇتتىن دەم ئىلىش مەن سىلەرنى ئوينىتىپ كىلەي ماقۇلمۇ؟بۈگۈن گەپ ئاڭلاپ ئىشلەپ تۇرۇڭلار...
-ھەدە،،سىز يۇرتقا قاچان قايىتماقچى بولىۋاتىسىز؟
-تۇيۇقسىزلا سوراپ قالدىڭغۇ؟
-مەن دىمەكچى سىز بىر ئۆمۈر ھازىرقىدەك ئۆتۈپ كەتمەيدىغانسىز؟يۇرتڭىزنى سىغىنمىدىڭىزمۇ؟
مەن گەپ قىلماستىن قۇلۇمدىكى ئىچىملىكنى ئىچىشكە باشلىدىم بىر ئازدىن كىيىن زاۋۇتتىن يىغىن ئىچىپ بىزنى دەم ئىلىشقا قۇيۇپ بەرگەن ئىدى
مەن فىرقەت بىلەن مۇسانى ئىلىپ بازار ئىچىگە كىرىپ ئەمدىلا تاماق يەي دەپ تۇرىشىمغا كىمدۇر بىرى ماڭا ئۈنلەپ قۇيدى
-ھە..شىنجاڭغا كەتكەن قىز بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتىسىز؟
مەن يىنىمغا بۇرۇلۇپ قارىغىنمدا ئىرفان كۈلۈپ قۇيۇپ قاراپ تۇراتتى ئۇنى كۆرۈپ تامىقىم تۈرلۈپ قالغىنى تاسلا قالغان ئىدى مەن كۈلۈپ كىتىپ ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم
-ھە قانداق؟بۇ يەردە بار ئىكەنسىزغۇ..بۇ ئىنىڭىز شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق..مىنىڭ ئىنىمنى تاپتىم ..
-قايسى سىزنىڭ ئىنىڭىز؟
-بۇلارنىڭ ھەر ئىككسى ..
-سىز ماڭا 1 ئىنىم بار دىگەنغۇ..بۇ ئەمدى قانداق بولغىنى...
-ۋاي..شۇ..بىرى مىنىڭ ئىنىمنىڭ دۇستى..
شۇ تاپتا نىمە دىيىشمنى بىلەلمەي دۇدۇقلاپلا قالغان ئىدىم يەنە كىلىپ بۇ تۈگىمەس سوئاللاردىن قۇتۇلالماي تۇرغىنمدا ئىختىيارسىز بىر ئادەمگە كۆزۈم چۈشتى ئۇنىڭ ماڭا سوغۇق نەزەردە قاراپ تۇرىشىدىن تىخىمۇ چۆچۈپ كەتكەن ئىدىم ئۇ دەل ئادىل ئىدى
ئادىل ئىغىر  قەدەملەرنى باسقىنىچە يىنىمغا كەلدى ھەم ئىرفانغا ھەم ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى ئۇنى كۆرۈپ چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ئۇرۇندۇم بىراق كۈچلۈك بىر قول بىلىكىمدىن تۇتىۋالغان ئىدى
-ئىيتىڭە..بۇ كىم؟
ئىرفان شۇنداقلا بالىلارمۇ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىغىنچە تۇرۇپلا قالغان ئىدى
-سەن كىم؟
-ئۆزۈڭ كىم؟
ئىرفان بىلەن ئادىل بىر-بىرىدىن ھەيرانلىق بىلەن سورىشىپ سۇقۇشۇپ قالغىلى تاسلا قالغان ئىدى
-ئادىل سىز بىلەن سىرىتقا چىقىپ پاراڭلاشقۇم بار ئىدى....
مەن بىشىمنى تۈۋەن سىلىپ سىرتقا چىقتىم ئادىلمۇ گەپ قىلماستىن يىنمغا كىلىپ تۇختىدى
-دەڭە..سىز ماڭا نىمنى چۈشەندۈرمەكچى..ئۇ بالا زادى كىم؟
-مەن سىزگە دىسەم ئۇ مىنىڭ..ئۇ مىنىڭ يىگىتىم
شۇنداق دىمەي ئامال بولمىغان ئىدى
-نىمە يىگىتىم؟
ئادىل شۇ گەپنى ئاڭلاپ بولۇپلا كاچىتىمغا بىرنى سالدى ئەلۋەتتە بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يىقىن ئادىمىدىن ئالدىنىشتىن بەكرەك ئازاپ بولمىسا كىرەك بىراق مەن ئادىلنى ئالداشقا مەجبۇر ئىدىم
-سىزنى دەپ قانچىلىك رىيازەت چەككىنمنى ...سىزنى نەلەردىن ئىزدەپ يۈرگىنمنى ...سىز تۈپەيلى كىملەرنىڭ ئالدىدا خار بولۇپ كىملەردىن نىمە گەپلەرنى ئاڭلىغىنمنى سەن بىلەمسەن؟مەن تارقىلىپ يۈرگەن بۇ ئەپقاشتى گەپلەرگە ئىشەنمىگەن بىراق سەن راستىنلا بۇزۇقكەنسەن....
ئادىلنىڭ دىگەن گەپلىرى يۈرىكىمگە نەشتەر بولۇپ سانجىلىشقا باشلىدى بىراق لىۋىمنى چىڭ چىشلەپ ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدۇم
-ئادىل سىزگە مەن چۈشەندۈرەي...
-بولدى ئۇنداق چۈشەندۈرۈشلىرىڭنى قۇي..سىنى ئىزدەپ مۇشۇ يەرگە سىنىڭ مۇشۇ گەپلىرىڭنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن بولسام كىرەك بولدى سىنىڭ ئىشلىرىڭغا ئەمدى ھەرگىز ئارلاشمايمەن..
ئادىلنىڭ كۆز چاناقلىرىمۇ ياشقا تۇلغان ئىدى بىراق ئۇ دادىل قەدەم ئىلىپ كىتىپ قالدى مەن دەرەخكە ئۈسسۈپ ئۆز-ئۆزۈمنى تىللىماقتا ئىدىم
ئىرفان بولسا ئىشىك تۈۋدە بىزنىڭ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان ئىكەن ئۇمۇ مىنى كۆرۈپ يان تەرىپىگە قارىۋالدى مەن كۆزۈمدىكى ياشلارنى تەستە سۈرتۈپ ئۇنىڭ يىنغا كىلىشكە مەجبۇر بولدۇم
-ھەممىسى چۈشىنىشلىك..ئۇ سىزنىڭ يىگىتىڭىز شۇنداقمۇ؟
-ئىرفان ئەسلى سىزگە بۇرۇنلا دىيىشىم لازىم ئىدى مىنى كەچۈرۈڭ...
-بىز ئىككىمىز تۇنۇشقىلى نەچچە ئۇزۇن ۋاقىت بولدى مىنى تىخىچە ئالداپ يۈرۈپسىز ئىيتىڭە زادى نىمىشقا؟مەن سىزگە دۈشمەنمۇ؟
-مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس ھەممە گەپنى سىزگە دەپ بىرىمەن..
مەن ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋالدىم
-ئەمدى ئاڭلىشىمنىڭ ھاجتى بارمۇ؟
-شۇنداق...بىراق ئادىل بۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كىيىن ھەممىنى سىزگە چۇقۇم ئىيتىپ بىرىمەن
مەن مۇسا بىلەن فىرقەتنى ئىلىپ ماڭدىم ئىرفان بىىشنى تۇتقىنچە ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى مەن يۇل بۇيى شۇنچە ئازاپ ئىچىدە زاۋۇتنىڭ خىزمەتچىلەر ياتىقىغا كىرىپ  ئارام ئالماقچى بولۇپ تۇرىشىمغا كىمنىڭدۇر تىلفۇنى سايراشقا باشلىدى
-كىمنىڭ تىلفۇنى بولغۇيتى..
قارىغىمدا مىنىڭ كاۋىتىمنىڭ يىنىدا تۇراتتى مەن ھەيران بولۇپ تىلفۇننى ئالدىم
-ھەدە..ھى..ھى..ھى..مەن فىرقەت بۇ تىلفۇننى سىزگە سىتۋالدىم ياردىمۇ؟
ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسز كۈلۈپ كەتتىم
-رەھمەت..بەك چىرايلىق تىلفۇنكەن،،.ماڭا ياقتى ....
-ھەدە ئەمدى ئەتە پاراڭلىشايلى سىزمۇ بالدۇرراق ياخشى ئارام ئىلىڭ ھە،...
مەن تىلفۇننى قويۇپ تۇرىشىمغا ياتاقنىڭ ئىىشكى .ئەنسىز چىكىلدى شۇ تاپتا قۇرقۇپ گىلىمغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغان ئىدى


داۋامى بار



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-11 05:53 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 05:08:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئىگسىز قالغان خاتىرە (داۋامى)


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 06:18:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئىگسىز قالغان خاتىرە (داۋامى)


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 03:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىگىسىز قالغان خاتىرە داۋامى

مەن يۈگۈرۈپ كىلىپ ئىشىكنى ئاچقىنىمدا يارى مەس بولۇپ قالغان بولۇپ مىنىڭ ياتىقىمنىڭ ئالدىغا كىلىپلا ئۇخلاپ قالغان ئىدى شۇنداق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ئىشىكنى چىڭڭىدە قۇلۇپلاپ بولۇپلا ئۇخلاپ قالدىم ئەتىسى سەھەردە چىقىپ قارىغىنىمدا ئۇ ئاللىقاچان كىتىپ قالغان ئىدى بىراق بىر پارچە سۈرەت ئىشىك يىنغىلا چۈشۈپ قالغان ئىدى
مەن ئۇ سۈرەتنى قۇلغا ئالغىنمدا ئادىلنىڭ كۈلۈپ چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتى تۇراتتى ئۇ سۈرەتنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى سۈرەتنى ئىلىپ ياتىقىمغا ئىلىپ كىردىم ھەم ئىشكابىمنڭ تارتمىسغا سىلىپ تۇرىشىمغا ئىرفان كىلىپ قالدى
-ۋۇي تىخىچە قۇپمىغانمۇ نىمە سىز؟
-ياقەي تۇرۇپ بولغىلى نەۋاق...قىنى ئولتۇرۇڭ
شۇنداق دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئورۇننى بىكار قىلىپ بەردىم ھەم كۆزۈمدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ بولغاندىن كىيىن ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم
-قانداق ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ماڭا دەپ بىرىشىنى خالىمامسىز؟
-ياق..بىراق بۇ سىزگە بەك موھىم ئەمەس..دىسەم گەپ ئۇزۇن  سەل تۇرۇپ پاراڭشايلى شۇ چاغدا بىرمۇ-بىر ئىيىتىپ بىرىمەن...
-مەۋلۈدە...
ئىرفاننىڭ قانداقتۇر بىر گىىپى بار ئىدى بىراق دىيىشكە جۈرەت قىلالمىغاندەك ماڭا قاراپ قۇيدى مەنمۇ تۈزلا سورىدىم
-قىنى نىمە گەپ ماڭا دەڭە...
-مەن..مەن..سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ناۋادا سىز خالىسىڭىزلا مەن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازى مەيلى سىزنىڭ بىشىڭىزدىن قانداقلا ئىش ئۆتكەن بولسۇن بۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس...
بۇ گەپنى ئاڭلاپ داڭقىتىپ تۇرۇپلا قالدىم شۇ تاپتا ئىرفانغا نىمە دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشنى بىلمەيتىم يەنە كىلىپ مەن ئىچىكىرگە كەلگەن 2 يىلدىن بىرى ئۇ ماڭا ئىزچىل ياردەم قىلىپ كەلگەن دە،،،
مەن تەڭقىسىتلىكتە نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قاراپ تۇرغىنمدا فىرقەت بىلەن مۇسا يۈگۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى ھەم مىنى بۇ تەڭقىسىتلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ قۇيدى مەن ئىرفانغا گەپ قىلماستىن چاپىنمنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بىرلىكتە سىرىتقا چىقتىم
قىشىنىڭ بۇ سۇغۇق ھاۋاسىدا دىر-دىر تىترەشكە باشلىدىم ئىرفانمۇ تاكى مەن ياتاققا قايىتقانغا قەدەر ماڭا بۇ ئىش تۇغۇرلۇق بىرەر ئىغىز گەپ قىلىپ باقمىدى پەقەت مەن ياتاققا كىرىپ كىتىش ئالدىدا مىنىڭ ياخشىراق ئويلىشىپ بىقشىمنى ئۆزىنىڭ 4 ئايغىچە مىنى يۇقلاپ كلەلمەيىدىغانلىقىنى ئىيىتتى
مەن بۇنى دەسلەپتە ئاڭلاپ ھەيران قالدىم بىراق يەنە سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم مەن شۇ تەرىقىدە 1 يىلنى ئۆتكۈزدۈم بۇ جەريانلاردا ئۆزۈمنىڭ ئىرفانغىمۇ نەقەدەر مۇھتاجلىقىمنى چۈشەنگەندەكمۇ بولغان ئىدىم ئىرفانمۇ بىيجىڭدىكى بىر چوڭ ئونۋىرىسىتقا بىرىپ بىلىم ئاشۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا پىراكتىكا قىىلىپ بولۇپ قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىيتقان ئىدى
بىر يىل تۇشۇپ 2 ئاي ئاشقاندا ئىرفان باشقىچە قىياپەت بىلەن مىنى ئىزدەپ كەلدى بىز ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ مەن بىلەن يۈرۈپ باققۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىيتتى بىراق ئۇ مىنىڭ يىقىن دۇستۇم شۇنداقلا مەن يەنە كىىلىپ ئادىلنى تاشلاپ قۇيالمايتىم شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ شەرتىنى قايتا رەت قىلىشقا باشلىدىم
ئۇمۇ خىلى ئۇزۇن مەزگىللەرچە مىنى تۇغرا چۈشىنىپ يۈردى بىركۈنى ئۇ مىنى باغچىغا چىقىپ ئايلىنىپ كىلىشىمىزنى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن يىقىن بىر دوستىنىڭ كەلگىننى ئىيتتى مەن چىرايلىق جاپدۇنۇپ دىگەندەك ئىرفا بىلەن كۆرۈشكىنى چىقتىم
مەن باغچىدا كۆرگەن ئۇ ئادەمنى كۆرۈپ كۆزلىرىم ئىقتىيارسىز نەمدەلدى ئۇ دەل ئەنۋەر ئاكام ئىدى 4 يىلدىن بىرى ئۇنى بىرەر قتىىممۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم ئۇنى كۆرۈپ قىچىپ كەتمەكچىمۇ بولدۇم بىراق ئۇ ئىلگىرىۈ ماڭا بەك كۆيىنەتتى يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ماڭا قىلغان شۇنچە كۆپ ياخشىلىقىرىنى ئۇنتۇپ قالسام بولمايتى مەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئامالسىز ئۇنىڭ يىنغا كەلدىم
ئەنۋەر ئاكام دەسلەپ مىنى تۇنۇمىغاندەكمۇ بولدى بىراق كىيىنن مىنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدى ھەم مەن بىلەن قايتا قۇچاغلاپ كۆرۈشۈپ كەتتى مەنمۇ كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش ئالغىنمچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم ئىرفانمۇ بىزنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندەك قاراپ قۇيدى
-ئاكا ئەھىمەت تاغاملار ھامماملار ياخشىمۇ؟
شۇنداق دىگىنىمچە كۆزۈمدىكى ياشلارنى سۈرتتىم
-شۇنداق ياخشى مەۋلۈدە،،نەچچە يىلدىن بىرى نەلەردە يۈردىڭىز؟
مەن ئەنۋەر ئاكامغا نىمە دىيىشمنى بىلەلمەي قاراپ قۇيدۇم بىراق يەنىلا يالغان گەپ قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم شۇڭا ئۆزۈمنىڭ تۇي قىلغىنمنى ھازىر 2 ياشقا كىرگەن ئوغلۇمنىڭ بارلىقىنى ئىيتىىم بۇ ھەممىسى يالغان بىراق مەندە نىمە ئامال؟
-مەن سىزگە ھەقىقى ئەھۋالنى دەي..ئەسلى..
-بولدى ئاڭلىغۇم يۇق ماڭا بۇ گەپلەرنى قايتا دىمە ئويلىساملا ساراڭ بولۇپ قالىمەن تاغاملار قانداقراق؟
-دادام ئۆلۈپ كەتكىنى 2 يىل بولدى ئاپام ئادىلنىڭ دادىسى بىلەن تۇي قىلۋالدى يەنە كىلىپ زۇلمىرە ئىچكىرگە قىچىپ كىرىپ كەتكەن بىر باي بىلەن ھازىرغىچە دىرىكى يۇق...
-نىمە؟
ئەھمەتنىڭ تاغامنىڭ ئۆلۈمنى ئاڭلاپ ھۇشۇمنى يۇقىتىپ قۇيغىنى تاسلا قالغان ئىدىم مۇشۇ ئائىلە مىنى پاتۇرمىغان ئائىلە ئاخىرى ۋەيران بوپتۇ مەن گەپ قىلماستىن ئەنۋەر ئاكامغا قارىدىم
-ئۇنداقتا سەنچۇ  مەكتەپتە ئۇقۇمۇدۇڭمۇ؟
-ئوقۇدۇم ..ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى 1 يىل بولدى ھازىرمۇ ئۆزۈم پۇل تىىپىپ ئوقۇپ يۈردۈم ..
بىزنىڭ پاراڭلىرىمىزدىن ھەيران قالغان ئىرفان مەندىن قايتا-قايىتلاپ سوراشقا باشلىدى مەن ئەنۋەر ئاكام بىلەن خۇشلاشقاندىن كىيىن ئىرفان بىلەن باغنىڭ چۆرىسىدىكى چىملىققا كىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن بىشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەردىم ئۇ ئاڭلىغاندىن كىيىن ماڭا ئچ ئاغرىتقاندەك ئۇھ تارتىپ قاراپ قۇيدى
-ناۋادا سىز خالىسىڭز مەن سىزنى يۇرتىڭىزغا ئىلىپ بىرىپ كىلەي ناۋادا سىزلاا بەخىتلىك بولسىڭز مەن سىز ئۈچۈن ھەممىگە رازى
-مەن ئادىلنىڭ دادىسى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇنى بىلەمسىز؟يەنە قايسى يۈزۈم بىلەن ئادىلنى ئىزدەپ بارالايمەن
-جان بولسا جاھان ئاش بولسا قازان دەپتىكەن ..ئادىلنىڭ سىزنى ئەپۇ قىلماسلىقىغا ھەرگىز ئىشەنىمەيمەن ماڭا ئىشىنڭ ئۇ چۇقۇم سىزنى ئەپۇ قىلىدۇ چۈنكى ئۇ ئىش سىزنىڭ رازىلقىڭىز بىلەن بولغان ئىشلار ئەمەس قانۇن ئادىل....
-بىراق مەن ئۇنداق قىلالمايمەن ئىرفان...
-ئەمسە مەن رازى مەن سىزنى ئۆز ئەمرىمگە ئىلىپ سىزنى ئۆمۈرۈلۈك بەخىتىلىك قىلاي ..ئۈتۈنەي مىنى رەت قىلماڭ
مەن بۇ قىسقىغىنە جەرياندا ئىرفاننى خىلى چۈشۈنۈپ قالغان ئىدىم بىراق ئۇنىڭ ماڭا بۇنچە يالۋۇرۇپ تۇرىشىغا قاراپ رەت قىلغۇم كەلمىدى ھەم تۇي قىلىشقا ماقۇللۇقۇمنى بىلدۈردۈم شىنجاڭغا بىرىپ كەلگەن ھامان تۇي قىلىشنى ئىيتتىم چۈنكى مەن ئادىلنى يەنە ئالداشنى خالىمايتىم يەنە تىخى ئەنۋەر ئاكاممۇ ئۇنىڭ ئايگۈل بىلەن تىپىشىۋالغىننى ئىيىتقان ئىدى
مەن ئىرفان بىلەن 7 ئاي ئارلاشتىم ئۇنىڭبئوقۇشى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ شىنجاڭغا بىرىپ كەلگەن ھامان تۇي قىلدىغىنىمىزنى دىيىشتۇق بىراق كىممۇ ئويلاپ باققان بولسۇن.
مەن زور ئۈمۈتلەر ئىچىدە شىنجاڭغا تەيييارلىق قىلدىم ئىرفاننىڭ ماڭا شۇنچىلىك ياردەم قىلالىغىنىدىن شۇنچە خۇشال بولغان ئىدىم بىز زور تەييارلىقلارنى قىىلىپ پۇيىز بىلەن لەنجۇغا كىلىشكە مەجبۇر بولدۇق چۈنكى لەنجۇدا ئازراق ئىشىمىز چىقىپ قالغان ئىدى
فىرقەت شۇنداقلا مۇسا بىز بىلەن بىللە يۇلغا چىققان ئىدى بىز لەنجۇغا كەلگەندىن كىيىن بىر ياتاق ئىلىپ ئورۇنلاشتۇق مەن ئەلۋەتتە ئايرىم بىر ئۆيدە ياتاتتىم
مەن كەچتە شىنجاڭنى خىيال قىلغاچ دىرىزە يىنىغا كىلىپ ئولتۇرغىنمدا بىر قانچە مەيدىسى ئوچۇق كىيىم كىيىۋالغان بىر قانچە قىز قاراپ تۇراتتى مەن ئۇلارغا قاراپ تۇرغىنمدا ئىرفان ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتى ھەم سىرىتنى ئايلىنىپ كىرىشىمىزنى ئىيتتى
بىز سىرىتقا چىىقپ خىلى ئۇزۇن ئايلىنىپ كىرگەندىن كىيىن ئىرفان ماگزىندىن ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىك سىتىۋىلىش ئۈچۈن ماگزىنغا كىرىپ كىتىپ تۇرىشىغا بىر قانچە لۈكچەكلەر تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ مىنىڭ قۇلۇمدىن تارتىشقا باشلىدى قۇلۇمدىكى نەرسىلەر ئىختىيارسىز يەرگە تۆكۈلۈپ كەتتى شۇ ئارىدا فىرقەت بىلەن مۇسا ئۈن چىقرىپ تۇۋلاشقا باشلىدى
ئىرفانمۇ ماگزىندىن چىقىپلا ئۇ لۈكچەكلەرنى نەچچە تاياق سىلىۋەتتى ماگزىن خۇجايىنمۇ چىقىپ ئۇلارنى ئاجراتماقچى بولۇپ تۇرغىندا بىر لۈكچەكنىڭ ئەجەللىك سىلىۋەتكەن شۇ پىچىقى ئىرفاننىڭ ئوڭ بىقىنغا تەگدى ئىرفان شۇنچىلىك قاتتىق ۋارقىرىغىنچە يەرگە يىقىلىپ چۈشتى
مەن قۇرقۇپ چىرقىراپ كەتتىم ئۇ لۈكچەكلەرمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيغىننى سىزىپ قىچىپ كىتىشيتى مەن يۈگۈرۈپ كىلىپ ئىرفاننىڭ قۇلىدىن چىڭڭىدە تۇتقىنىمچە يىغلاپ كىتىۋاتقان ئىدىم ماگزىن خۇجايىنمۇ چۆچۈپ كىتىپ قۇلىغا تىلفۇننى ئالغاندىن كىيىن ساقچىلارغا مەلۇم قىلدى شۇنداقلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چارقىردى
مەن بەك يىغلاپ كىتىۋاتقان ئىدىم ئىرفان سوغۇق كۈلۈپ مىنڭ باشلىرىمنى سىلىغىنچە كۈلۈپ قۇيدى مەن تىخىمۇ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم
بىر ئازدىن كىين ساقچىلار كىلىپ دىلۇ بولغان نەق مەيداننى سۈرەتكە ئالغاندىن كىيىن ئىرفاننى دۇختۇرخانىغا ئىلىپ ماڭدى مەن ئىرفاننىڭ تىزرەك ساقىيشنى خالايتىم دۇختۇرلارغا ئىرفانغا مۇۋاپىق مىقداردا قان لازىم ئىكەنلىكىنى ئىيتتى مەن قان بىرىش ئۈچۈن تەكشۈرتتىم دىگەندەك قان تىپىمىز ئوخشاش چىقتى يەنە كىلىپ دۇختۇرلارمۇ ئىرفان ئىككىمىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتىمىز بارلىقىنى سوراۋاتاتتى
مەن قاندىن خىلى جىق بەردىم بىراق ئىرفان ھىچ ياخشى بولدىغاندەك قىلمايتى ئۇ دۇختۇررخانىغا كىرىپ قالغان 2- ىنجى كۈنى ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنى يۇقلاپ دۇختۇرخانىغا كەلگەن ئىدى بۇ ئايالنىڭ بۇ تۇرقىدىن ئۇنىڭ شۇنچە مۇز چىرايلىقى بىلىنىپ تۇراتتى
سۈرەتتىكى ئۇ ئايال ماڭا شۇنچە تۇنۇش بىلىندى مەن شۇئان دادام شۇنداقلا بىر ئائىلە كىشلىرى بىرگە چۈشكەن سۈرەتنى ئىسىمگە ئالدىم دەل شۇ ئايال شۇ ئىدى
-سىز؟؟؟؟؟
مەن ئاۋازىم تىتىرىگەن ھالدا ئۇ ئايالغا قارىدىم
ئۇ ئايالمۇ مىنى كۆرۈپ تۇنۇمايدىغاندەك قاراپ قۇيغاندىن كىيىن قايتىلاپ سورىدى
-مەن نىمە بوپتىمەن؟
ئۇ ئايال ماڭا سوغۇق نەزەردە ئالىيىپ قاراپ ئىرفاننىڭ يىنغا كەلدى ھەم ئۇنىڭ باشلىرىنى سىلاپ ئۇنى ئەركىلەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ يىنغا كىلىپ ئولتۇردى بىر ئازدىن كىين دۇختۇر ئۇ ئايالنى چارقىرىپ ئىلىپ چىقىپ كەتتى ئىرفاننىڭ بۇرنىغا ياڭچى سىلىپ قۇيۇلغان ئىدى يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى داۋالغۇش باسقۇچتا ئىدى
-ئىرفان ...چۇقۇم ساقىيىپ كىتىڭ
شۇنداق دىگەنچە كۆزۈمدىن نەچچە تامچە ياش چۈشۈپ كەتتى بىر ئازدىن كىين ئۇ ،مۇز چىراي ئايال يەنە كىردى مەن سەل چەتكە ئۆتۈپ ئولتۇرغاندىن كىيىن فىرقەت بىلەن مۇسا غا قاراپ قۇيدۇم
-ئىرفاننىڭ دادىسى يۇق ئوخشىمامدۇ؟
-سىز يىقىن تۇرۇپ شۇنىمۇ بىلمەمسىز ئاچا؟
-سىلەر بىلەمسىلەر؟
-شۇنداق بىزگە دەپ بەرگەن ..ئىرفان ئاكامنڭ دادىسى بەك باي ئادەم ئىكەن بىلىشىمچە...يەنە تىخى ئىرفان ئاكامنىڭ ئاپىسى بۇنىڭغا قانائەت قىلماي ئىرفان ئاكامنى ئىلىپ ئۆينى بىكارلاپ قۇيۇپ ئىچكىرلىك بىر ئادەم بىلەن قىچىپ كىتىپتىكەن ..ئۇ ئىچكىرلىك ئادەم 7 يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كىتىپتۇ بىراق ئىرفان ئاكام دادىسىنى تاپالماپتۇ...
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ياتاقتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ چامدىنىمنىڭ ئىچىنى ئاقتۇردۇم ھەم بىر پارچە سۈرەتنى كۆتۈرۈپ دۇختۇرخانا ئىچىگە كىردىم قارىغىمدا ئەھۋال تۇلىمۇ جىىدى ئىدى دۇختۇرلار ئىرفاننى شۇنچە تىز قۇتقۇزۋاتقان ئىىدى بىلىشىمچە ئىرفاننىڭ كىسىلى قايتا قۇزغىلىپ قاپتۇ
مەن رەسىمنى ئىلىپ ئىرفاننىڭ ئاپىسىنڭ يىنغا كەلدىم ھەم رەسىمدىكى شۇ ئايال ئەمەس بولسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە ئۇنىڭ يىنغا كەلدىم دەل شۇ ...
ئۇ ئايال قۇلۇمدىكى رەسىمنى كۆرۈپ پەرۋاسىز قاراپ قۇيغاندەكمۇ بولدى ھەم مىنىڭ قۇلۇمدا كۆرۈپ چۆچۈپ ماڭا قارىدى
-بۇ ..بۇ  رەسىم سىز دە نىمە قىلىدۇ؟
-بۇ مىنىڭ دادامنىڭ ئاپامنىڭ شۇنداقلا ئاكامنىڭ رەسمى ئىكەن؟دىمەك بۇ رەسىمدىكى سىز شۇمۇ؟
-شۇن..شۇنداق ...سەن مەۋلۈدە،،،،
مەن ئۇ ئايالغا غەزەپ نەپرىتىم بىلەن چەكچىيىپ قارىدىم ئۇنىڭ مىنى قۇچاغلاش ئۈچۈن ئۇزاتقان قۇللىرىنى سىلكىۋەتتىم
-ئىيتە مىنىڭ ئاكام قىنى؟قەيسەر نەدە؟
-قىزىم سىز دىگەن قەيسەر دەل ئىرفان شۇ...سىز تۇي قىلماقچى بولغان بالا شۇ ...
-نىمە؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ قالغىلى تاسلا قالدىم ئۆزۈمنىڭ يەرگە يىقىلىپ قالغىنمنى بىلىمەن بىردەمدىن كىيىن كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا دۇختۇرخانا ئىچى يىغا زارغا تۇلۇپ كىتىپتۇ قارىغىنمدا ئۈستىگە ئاپپاق رەخىت يىپىپ قۇيۇلغان بىر بالا ياتاتتى
-ئاھ،،ئىرفان...
بۇنى كۆرۈپ ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ئۇنىڭ يەنە ئاكامنىڭ بۇنداقلا ئۆلۈپ كىتىشىنى كىممۇ ئۇيلاپ باققان دەيسىز؟تىخى ئۇ بايىلا سەكراتتا جان تالىشىپ يىتىپ قالغان ئەمەسمۇ...
-ئىرفان...ئاكا...
شۇ تاپتا ئۇنى نىمە دەپ چارقرىشىمنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم ئۇنىڭو ئۈچۈن نىمە دەپ يىغلاي ئاكا دەپ يىغلايمۇ ياكى مىنىڭ لايىقىم دەپ يىغلايمۇ؟ئۆزۈمنى تۇتىۋالماي قاتتىق يىغلاپ كەتتىم
شۇ تاپتا ئىرفاننىڭ تۇپراق بىشىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلدىم ئۇنىڭ ئۆلىمىدىن شۇنچە ئازاپلانغان ئىدىم ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئاياقلاشقاندىن بىرى پۇت قۇلۇم تۇيۇقسىز بوشاپ ماغدۇرسىزلىنىۋاتاتتىم يەنە كىلىپ كۈن بويى دىگۈدەك بىىشم قىيىۋاتاتتى
مەن ئىرفان ئۆلۈپ كىتىپ 3 ئايغىچە لەنجۇدا تۇرۇپ قالدىم ئىرفاننى ياق ئاكامنى كۈندە تۇپراق بىشىغا يۇقلاپ كىلەتتىم ئاپام ئىرفان ئاكامنىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئازاپلانغان ئىدى ئۇ ئىرفان ئاكام ئۆلۈپ كىتىپ 5 كۈندىن كىيىن قاتتىق ئاغرىپ قالغان ئىدى
مەن نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئۇنىڭغا قىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئىلىشقا مەجبۇر بولدۇم ئىرفاننى پەقەت ئۇنتالمايتىم پەقەت ئاكام ئورنىدا دەپمۇ كىتەلمەيتىم دەسلەپ بىشىمنىڭ قاتتىق قىيىشلىرىنى بەك ئازاپلانغىنىمدىن بولسا كىرەك دەپ ئويلايتىم بىراق مەن تۇلىمۇ كىچىكىپ ھىس قىلغىنىمنى چۈشەندىم

مەن لەنجۇدىكى چاغلىرىم ئىدى ئاپامنىڭ لەنجۇدا ئۆز ئالدىغا بىر ئۆيى بار بولۇپ بىز مۇشۇ ئۆيدە يىيتىپ قۇپۇپ تۇراتتۇق مەن بىركۈنى مەلۇم بىر سەۋەپ بىلەن سىرتقا سەي -كۆكتات ئالغىنى چىقىپ تاساددىبىي زۇلمىرە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم
زۇلمىرە سىرتتا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان ئىدى ئۇنى كۆرۈپ بەك تەستە تۇنۇدۇم مەيلى ئۇ قانداق بولمىسۇن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىنغىنى ئۇنىڭ يىنغا كەلدىم بىراق ئۇ مىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپلا قىچىپ كەتتى مەن ئۇنى قوغلاپ خىلى بىر يەرگىچە بارغان ئىدىم
-ئەمدى تۇختا..
زۇلمىرە تار بىر كوچىغا كىىرىپ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىغا كىلىپ تۇختاپ قالغان ئىدى ئۇ تامنىڭ بۇلۇڭىغا كىلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى ئۇنىڭ ئۇ ھالىتىگە قاراپ مىنىڭمۇ ئىچىم سىيرىلىپ يىغلاشقا باشلىدىم ئۇنىڭ پۇت ھەم قۇللىرى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى
-مەۋلۈدە،،،مىنى كەچۈر..ئادىلنىمۇ سەندىن مەن تارتىۋالدىم ئىرفاننىمۇ شۇ...
-بۇ نىمە دىگىنىڭ ئىرفاننى تۇنامسەن؟
-ئەسلى ئادىلنىڭ دادىسى ساڭا ھىچقانداق قىلمىغان پەقەت ئاپام سىنىڭ ئادىلدىن ئايرىلىپ كىتىشڭنى ئويلاپ ساڭا شۇ بىر قاتار پىلانلارنى قۇرۇپ ئىككىڭلارنى ئايرىۋەتتى ....
-ئەمسە ئىرفانچۇ؟
-ئۇنى بىزنىڭ قاۋاقنىڭ خۇجايىننىڭ پايلاقچىلىرى ئۆلتۈرۋەتتى ...ئەسلى ئۆلتۈرمەيتى ئىرفان بوش كەلمەي ئۇلارغا قۇل شىلتىغاچ ئۆلتۈرۋەتتى..ئاپام تۇي قىلىۋالغان مەن ئىچكىرگە قىچىپ كىلىپ بىر بەزمىخانىدا ئىشلەپ يۈردۈم..مىنىڭ يۇرتقا قايىتقۇم بار..
شۇ تاپتا شۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دىلارەگە شۇ نىجىس خوتۇنغا شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدى باشتىن ئاخىرى كىلىپ چىققان شۇ ئىشلارغا پۈتۈنلەي شۇ ئايال سەۋەپچى ئىدى مەن ئىچكىردە يەنە 2 ئاي تۇرۇپ قالدىم ئاخىرى بىر كۈنى سەھەردىلا ئاپام جان ئۈزدى
مەن ئاپامىنىمۇ مۇشۇ ئىچكىرگە لەنجۇنىڭ تۇپرىقىغا قۇيدۇم ھەم زۇلمىرە بىلەن شىنجاڭغاقايتىشىنىڭ تەييارلىقىنى قىلغان ئىدىم
نىمىشقىكىن ئىرفان ئۆلۈپ كىتىشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر ئىش بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەندە نۇرمالسىزلىقلار جىق كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى نەچچە ئاي ئىلگىركى بىر كۈنى مۇسا ئىھتىياتسىزلىقتىن دىرىزە ئەينىكىنى چىقىۋىتىپ قۇلى بىلەن ئەينەك پارچىلىرىنى تىىرىپ ئىلىپ قۇلىنى قانىتىۋەتكەن ئىدى مەن ئۇنىڭ قۇلىنى تىڭىپ بولالمايدىغىنمغا كۆزۈم يىتىپ ئۇنى دۇختۇرخانىغا ئىلىپ كەلدىم ھەم قۇلىنى تاڭغۇزدۇم دۇختۇر مىنىڭ قۇلۇمنىڭ ئۇچىدىن ئازراق قان چىقۋاتقىننى كۆردى ھەم مىنىڭ ئۆزۈمنى دۇختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرۈتۈپ بىقشىمنى ئىيىتتى مەن بىشىدا سال غەلىتىلىك ھىس قىلىپ بۇنىڭغا سەل قارىغان ئدىم  
مەن بىشىدا بۇنىڭغا پەرۋاسىز قارىدىم بىراق كۈندىن كۈنگە چىرايىم قارداپ شۇنچە ياداپ كەتتىم مەن دۇختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كەلدىم دۇختۇر مىنىڭ قىنمنى تەكشۈرۈپ باققاندىن كىيىن مىنىڭ ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىمنى ئىيىتتى
مەن بىشمنى تاشقا ئۇرساممۇ پايدىسى بولمايتى مەن راستىنى ئىيتىسام بۇ ھاياتتى زىرىككەن ئىدىم دۇختۇرنىڭ دىيشىچە مىنىڭ ئەيدىز كىسلى بىلەن يۇقۇملانغىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولماپتۇ دۇختۇر مۇسا نىڭ ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى  ئىيتقىنىدىلا مەن ئۆزۈمگە بۇ نىجىس كىسەلنىڭ دەل مۇسا دىن يۇققىنى چۈشەندىم
لىكىن بۇ ھاياتتىن بىزار بولغان ئىدىم مىنىڭ دادامنىڭ ئاپامنىڭ شۇنداقلا ئىرفاننىڭ يىنغا كىىتىپ ئۇلار بىلەن بىرگە ياشىغۇم بار ئىدى مەن دادام ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن بانكا كارتىسىنى تەكشۈرگىنمدە پەقەت 200 مىڭ يۈەنلا پۇل بار ئىدى
مەن بۇ پۇللارنى مەسچىتكە شۇنداقلا ئائىلە ئىقتىسادى ناچارلارغا ئىئانە قىلىۋىتىشنى ئويلاپ ئۈرۈمچىگە يتىپ كەلدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ بۇ ئارزۇلىرىمنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بولۇپ يۇرتقا قايتىتىم مۇسا تىخى كىچىك تۇرۇپ مۇشۇ ئەيدىزنىڭ قۇربانى بولۇپ جان ئۈزدى ئۇنىڭ مىيتىنى يۇل بويىغا دەپنە قىلدىم
مانا بۇ مىنىڭ ھاياتىم مەنمۇ ھازىر ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان بىر شام خالاس بۇ شام ئەمدى ھىچكىمگە مەڭگۈ يۇرۇقلۇق بىرەلمەيدۇ پەقەت مۇشۇ خاتىرە مىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ساقلنىدۇ خالاس مانا بۇ مىنىڭ ھاياتىم..

مەۋلۈدەنىڭ خاترىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىتىگە ئىرفاننىڭ رەسىمى قىستۇرۇلۇپ قۇيۇلغان ئىدى ئادىلنىڭ كۆزىدىن ئىقىۋاتقان ياشلار بۇ دەپتەرنى بويلاپ ئىقىپ بولغان ئىدى ئادىل مەۋلۈدەنىڭ بۇنچە ئىغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگىننى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى

ئادىل قۇلىدىكى قۇل سائىتىگە قارىدى سائەت ئاللىقاچان كىچە سائەت 12 بولۇپ بولغان ئىدى ئادىل مەۋلۈدەنىڭ كارۋىتى يىننغا كىلىپ ئۆزىن تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى ئەتىسى سەھەردىلا دوختۇرلار مەۋلۈدەنىڭ ئەھۋالنىىڭ ئىغىرلىشىپ كەتكىننى ئىيتىىتى
ئادىل شۇنداقلا ئايگۈل ئەنۋەرلار يەنە تىخى فىرقەت مەۋلۈدەنىڭ بىشىغا كىلىپ ئۇنىڭ بۇھالىتىگە قاراپ ئازاپلانغىنچە يىغلاپ تۇرۇشتى
-فىرقەت..مەندىن رازى بول ئۇكام..ئايگۈل ئالىم ئاكا بۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خۋەر ئىلىڭلار ..ئادىل سىزمۇ مەندىن چۇقۇم رازى بولۇڭ مىنى كەچۈرۈڭ
-ئۇنداق دىمەڭ ...مىنى سىزمۇ كەچۈرۈڭ ھەممىگە دادام سەۋەپچى كەن...
مەۋلۈدە كۈلۈپ قۇيۇپ قولىدىكى خاتىرىنى ئادىلغا سۇندى ئادىلنىڭ كۆزلىرىگە لىققدە ياش كەلدى ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋالاماي مەۋلۈدەگە قاراپ ۋارقىرىدى
-مەۋلۈدە سىزنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرىمەن...
مەۋلۈدە تاتلىق كۈلۈپ قۇيۇپ بۇ ئالەمدىن جان ئۈزدى ئادىلنىڭ مەۋلۈدەگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى بىراق مەۋلۈدە كىتىپ قالدى ئادىل مەۋلۈدە ئۆلۈپ كىتىپ 9 كۈندىن كىىن يارىنى ئۆز قۇلى بىلەن ئۆلتۈرۋەتتى ھەم ئۆزىمۇ دورا ئىچكىنچە بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك خۇشلاشتى
مەۋلۈدە بىلەن ئادىلنىڭ قەبرىسى يانمۇ-يان قۇيۇلدى يۇلدىن كىتىپ بارغانلارمۇ بۇ قەبىرىگە ئاندا-مۇندا قاراپ قۇياتتى مانا ئايگۈلمۇ ھىجران ئازابىدا ئادىلغا بولغان سىغىنىش بىلەن ئازاپلىنىپ ئۆتمەكتە بۇ ھاياتنىڭ كارۋانلىرى شۇنداقلا ئۆتمەكتە
مانا بۇ سىرلىق ھايات

                                تۈگىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-16 06:27 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 06:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulnazim يوللىغان ۋاقتى  2013-5-10 11:30 AM
ئەسسالام ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ئاخىرىنى تاقەتسىزلىك بى ...

ۋەلەيكۇم ئەسسالام قۇللىغىنىڭىزغا رەھمەت بۇ ئەسىرىمنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇپ بولدۇم ....

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش