قارىغاندا يېشىڭىز كىچىكلا توي قىپسىز ، سىز مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلغان ؟ توي قىلغاندىن كىيىن شۇ چاغلارنى ئەسلەڭ ، ئايالىڭىزغا كۈيۈنۈڭ ، كۈڭۈل بۈلۈڭ ، كۈپرەك ماختاش سۈزلىرىنى قىلىڭ ، مەسىلەن سىز بەك چىرايلىق ، ئوماق ، ئەقللىق دىگەندەك موشۇ ئاساستا داۋاملىق ماختاپ تەسىرلىك ، مەزمونلۇق گەپ قىلىڭ ،
لېكىن ماختاشمۇ چېغىدا بولسۇن، بەزى ئەقلى قىسقا قىز ، چوكانلار باركى ھەدەپ ماختاپ كەتسىڭىز بەكلا ئېشىۋالىدۇ ، ئەركىشىنىڭ ھۈرمىتى بولماي قالىدۇ ، خۇددى تېپىلماسنىڭ خومۇسىدەك
سىزنىڭ ئايالىڭىز قانداقكىن ؟ ئەقىللىق ئايال بولسا سىز ماىتىغانسېرى ئۇ سىزگە ئامراق بولدۇ ، دۈترەك بولسا شۇ سەل ئېشىۋالدىغان گەپ شۇڭا ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۈرۈڭ ،
ئۇندىن باشقا ئايالىڭىزنى سەۋەپسىز ئۇرماڭ ، سەۋەپلىكمۇ ئۇرمىغان ياخشى ، قول سېلىش نىكاھقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ دۈشمەن ، چىرايلىققچە پاراڭلىشىپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك ، كۈزۈمدىن يوقال ، ھۇ ئاپاڭنى ، ئاچاڭنى دىگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ ، تالاق دىگەن گەپنى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ ،
توي قىلمىغان يىگىت بولساممۇ موشۇنچىلىك بىر نەرسە دىيەلىدىم ، قىزلار بارمۇ يا