خۇش يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 08:58 PM
بۇ مىسرانىمنىڭ باشقۇرغۇچىلىرنى پات -پات مۇشۇنداق تىل ...
مىنىڭ مەقسىتىم مۇنبەر باشقۇرىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىش ئەمەس،مىنىڭمۇ بىرسىنىڭ دىلىغا ئازار بەرگۈم يوق،ھەم بىرسىنى خاپا قىلىپ سەمىرىپ كەتمەيمەن،نارازى بوپقالسام ئاتا ئانامنىڭمۇ نىمىشقا مۇشۇنداق دەپ يۈزىگىلا دەيدىغان ئوسال مىجەزىم با،لىكىن مۇنبەردە باشقىلارنىڭ تىمىلىېىنىڭ سەۋەپسىزلا ئۆچۈرۈلگىننىغۇ ئاڭلىغان،مەنمۇ بىر چاغدا تۈركىيلىك يازغۇچىمىز ئەزىز نەسىن ئاكىنىڭ بىر ھىكايسىنى يوللىسام سەۋەپسىز ئۆچۈرىۋەتكەنتى،شۇ چاغدىمۇ 2 سائەتتە بىسىپ بولغان ھىكايىنى ئۆچۈرىۋەتكىنىگە قارىتا قاتتىق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ يۈز خاتىرە قىلىپ گەپ قىلمىغان،ئويلاپ بىقىڭلا،ئىككى سائەت دىگەن قانچىلىك ؟مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھىچبولمىسا ئەدەبىي ئەسەردىن بىرەرنى ئوقۇپ قويساممۇ پايدىسى بولاتتى،لىكىن شۇ ئىككى سائەتنى مۇنبەرگە ئازراق بولسىمۇ تۈس قوشۇش مەقسىتىدە زايە قىلغانتىم.تۈرك تىلىدىن خەنزۇچىغا،ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەرنىڭ مۇنبەر بەگلىرىمىزگە پۇتلىشىشنى نەدىن بىلەي.بۇنداق ئىش مىنىڭلا بىشىمغا كەلمەپتۇ،بەزى قۇرداشلىرىممۇ شۇنداق پىكىرلەرنى بەردى،شۇڭا بايامقى ئىنكاسنى يازدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sultannur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 09:10 PM