kosa يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 02:22 PM
كەچۈرۈڭ ، يەنىلا چۈشەنمىدىم .
غەربىي تىبەت دىگەن جۇڭە ...
غەربى تىبەت دېگىنىمىز جوخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى شىزاڭ ئاپتونۇم رايۇنىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى 西 بىزنىڭ تىلىمىزدا غەرىب ، 藏 تىبەت دېگەن گەپ، مەلىكە خۇەنجۇ فىلىمى بولسا خىتايلارنىڭ سىنارىيە ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن تارىخنى قىسمەن بۇرمىلاپ تۇرۇپ ئىشلىگەن فىلىم.
يېڭى جوڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي غەربى تىبەتتىكى داڭلىق ‹‹تىرورچى،بۆلگۈنچى، دىننى ئەسەبى›› دالاي لاما مەشھۇر رەھبىرىمىز ماۋزېدوڭ بىلەن كېلىشەلمەي نەچچە ئون قوتاز، ئات -ئېشەكلەرگە ئالتۇن كۆمۈش، دوللار ياۋرۇلارنى بېسىپ دەل ھازىر تالاش تارتىش بولۇۋاتقان ئالاھىدە رايۇنغا يامانلاپ كېتىپ قايتىپ كەلمىگەن.شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەژدەرھانىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلغىلى ئۇنىماي، تايىنى يوق بولسىمۇ كىچىكرەك ھوكومەتتىن بىرنى تەشكىللەپ شۇ يەردە ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ دانىشمەن پارتىيىمىزگە جاپا سېلىپ يۈرۈيدۇ.
لېكىن ھۆكۈمىتىمىز باغرى يۇمشاق، باللىرىغا بەك كۆيۈمچان بولغاچقا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كىشى ژۇرتىدا سەرگەردان بولۇپ ، بويۇن قىسىپ قېلىشىنى خالىماي، ئەسكى بولسىمۇ قايتۇرۇپ ئەكىلىۋېلىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
مەن مۇشۇنچىلىكلا سۆزلەي، بۇنىمۇ چۈشەنمىسىڭىز مەندە ئامال يوق.