مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: بەگزات

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق كىشىلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94340
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 08:44:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەخمەت قىلسۇن    قىرىندىشىم  ھەقىقەتەن توغرا   دىدىڭىز  كاللىمىزنىى   خىلى  سەگىتىپ  قويدىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 08:45:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dimukrat يوللىغان ۋاقتى  2013-4-12 06:04 PM
پارتىيەمىھرى چەكسىزدۇر! بۇ تىمىنى قوللاپ بىر بىلەت كەت ...

مۇكاپاتنى سىزگىلا بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 403
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:00:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچە- كىچىلەپ دادۇي كادىرلىرى ئارىلاش  قىمار ئويناپ ،دادۈي بېقىپ ، ۋەتەن قوغداۋاتىمىز ، ئۈيىمىزنىمۇ ئۇنچىلىك قوغدىمايمىز بىز .

ئاق تاش،،،،،،قۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1271
يازما سانى: 497
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11377
تۆھپە نۇمۇرى: 534
توردا: 6679 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى

تىلىماچ: ئەلقۇچار


1. جەنۇبىي شىنجاڭدا قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇدىن ئىبارەت تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست بار. بۇ تۆت ئورۇندا مۇستەقىل ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىش كېرەك. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، قەشقەرنى بىۋاستە قاراشلىق شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ بىۋاستە قاراشلىق شەھەر كۆلەم ۋە نوپۇسنىڭ GDP سىغا قاراپ ئەمەس، بەلىكى سىياسىي جەھەتتىكى دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنىشى كېرەك. شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىقتىسادىي مەسىلە، شۇنداقلا سىياسىي مەسىلە. ھازىرقى قەشقەر شەھىرى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولغان ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئارلىقى پەقەت نەچچە ئون كىلومىتېرلا كېلىدۇ. بۇ ئىككى شەھەرنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپ، يېڭى بىۋاستە قاراشلىق شەھەر قەشقەرنىڭ مەمۇرىي مەركىزىنى ئىككى شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىغا تەسىس قىلىش كېرەك.
2. جەنۇبىي شىنجاڭدا بىۋاستە قاراشلىق شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭدىكى %70 تىن ئارتۇقراق نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان خەنزۇلارنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە سۇ مەسىلىسىدۇر. ئالتايدىن سۇ باشلاش مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. مەركەزنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەبلىغى نۇقتىلىق ھالدا يېشىللاشتۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشىغا سېلىنىشى كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرى ياۋرۇپا، غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا خېلىلا يېقىن. دىۋوپۇ ئايرودۇرۇمىنى چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق ئايرودۇرۇم ۋە ئاسىيا- ياۋرۇپادىكى يولۇچىلار تىرانسىپورت مەركىزى، يۈك تىرانسىپورت ماددىي ئەشيا ئوبۇروت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ياۋرۇپاغا بېرىشىغا قولايلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچىنىڭ «ياۋرۇ- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزى» بولۇشتەك ئېسىل نامىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. دېڭىز ئوكياندىن يىراق دەپ قاقشاپ يۈرگىچە، ھاۋا قاتنىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەڭ مۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟
3. شىخەنزىنىڭ مۇھىتى ئالاھىدە ياخشى. سانجى، كۈيتۇن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى كىچىك بوستانلىق. بۇ جايلاردا ئەمگەك كۆجۈمىلەشكەن مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، گۇاڭدۇڭنىڭ كىيىم-كېچەك، ئاياقچىلىق زاۋۇتلىرىنى شەرىقى جەنۇبىي ئاسىياغا يۆتكىگەندىن كۆرە، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىگە يۆتكىگەن تۈزۈك. بۇ يەردە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەننەرقى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت ساپاسى يامان ئەمەس، ھەم ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم-كېچەك، ئاياقلارنى پويىز بىلەن ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى روسىيەگە توشۇغىلى بولىدۇ. بۇ گۇاڭجۇ، شېنجېنلاردىن دېڭىز ترانسىپورتى ئارقىلىق توشۇغاندىن كۆپ ئەرزان توختايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. ئەمگەك كۈچى توپلاشقان كارخانىلارنى شىمالىي شىنجاڭغا يۆتكەش، چوقۇم ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى زور كۆلەمدە يۆتكەپ كېلىش، ھەمدە بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمىنى چوقۇم يەرلىككە ماكانلاشتۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ. ھازىر ھەر يىلى خېنەندىن شىنجاڭغا پاختا تېرىدىغان قىز- ئاياللار كېلىپ تۇرىدۇ. پاختا تېرىش ئىشلىرى ئاخرلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يۇرتلىرىغا قايتسا، ئاز بىر قىسمى مۇشۇ يەرگە ماكانلىشىپ قالىدۇ.
4. ئىلى ئوبلاستى، ئىلى ۋىلايىتى ۋە غۇلجا شەھىرى قاتارلىق ناملار بىر- بىرىگە بېقىندى مۇناسىۋەتتە بولۇپ، سىرىتتىن كەلگەنلەر ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ناملارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مۇرەككەپ رايون ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىراق ئىلى ۋىلايىتى شىمالىي شىنجاڭدىكى سۈيى مول ئۈچ چوڭ رايوننىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلى دەرياسى ئىلى ۋىلايىتىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، سۈيى ئىنتايىن مول. چوقۇم ياخشى پىلانلاپ، بۇ يەرگە ئالدى بىلەن تۆمۈر يول، ئايرودۇرۇم ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاندىن ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەش، ئولتۇراقلىشىشقا جەلىپ قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ.
5. شىمالىي شىنجاڭدىكى سۈيى مول ئۈچ چوڭ رايوننىڭ بىرى ئالتاي بولۇپ، بۇ يەر موڭغۇلىيە بىلەن چېگىرلىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي مەركىزىنى جۇغراپىيەلىك ئورنى بىر قەدەر ياخشى بولغان قابا دەرياسى بويىغا يۆتكەشنى ئويلىشىش كېرەك. ئۇ چاغدا، ئۈرۈمچىدىن ئۇلانباتۇرغا قاتنايدىغان تۆمۈر يولنى دەل مۇشۇ يەردىن كېسىپ ئۆتىدىغان قىلىپ ياساشقا بولىدۇ.
6. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، بورتالا، چۆچەك، قارامايلار ماس تەرەققىي قىلدى. بۇ يەرلەرنىڭ باياشادلىقىدا گەپ يوق. ئاچقۇچلۇق مەسىلە، جۇڭگونىڭ تەسىرى غەربكە كېڭىيىۋاتقان بولغاچقا، قاتناش قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.
7. ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيىسى (بىڭتۈەن) مەسىلىسىدىكى ھالقىلىق بولغىنى مەبلەغ مەسىلىسى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيلىرىگە زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى دەۋرگە ماس ھالدا زورايىتقىلى بولىدۇ. ئاندىن جەزمەن بىرلىككە كەلگەن، سىرىتقا يۈزلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيلىرىمۇ سىجىل تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك.
8. شىمالىي شىنجاڭدىكى سۈيى مول ئۈچ چوڭ رايوننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بايىنغولىن ئوبلاستى بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى كورلا. بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيىسى ياخشى، باغراش كۆلىنىڭ سۈيى ساپ بولغاچقا، بۇ يەرگە ساياھەت مەركىزى قۇرۇشقا بولىدۇ. نەشپۈتكىلا تايىنىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس، يەنە بەزى مەھسۇلاتلارنىمۇ ئېچىش كېرەك. يېقىندىن بۇيان نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ياخشى كېتىپ بارىدۇ، چوقۇم مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ.
9. قەشقەردىن ئىبارەت بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى ئىككىگە بۆلۈپ، شىمالىي شىنجاڭدىكىسىنى يەنىلا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دەپ ئاتاپ، باشقۇرۇش مەركىزىنى شىخەنزىگە؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكىسىنى قەشقەر ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دەپ ئاتاپ، باشقۇرۇش مەركىزىنى تۇمشۇققا قۇرۇش كېرەك. ئەينى چاغدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيىسى شەھىرى، ئارال ۋە ۋۇجياچۈنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن تۇمشۇقنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەس. بۇ تۇمشۇق ئۈچۈن كەم تېپىلىدىغان ياخشى پۇرسەت.
10. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، كۆپچىلىك جەزمەن: «قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى %90 كە يېتىدىغان تۇرسا، قەشقەر بىۋاستە قاراشلىق شەھەر بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنە مۇقىم بولامدۇ- يوق»، دېگەن بىر مەسىلىدىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن. مېنىڭ بىر ئامالىم بار. ئۇ بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ 8-چوڭ ھەربىي رايونىنى «قەشقەر ھەربىي رايونى» غا ئۆزگەرتىپ، قەشقەرگە قۇرۇش. بۇ يەر لەنجۇ ھەربىي رايونىدىن ناھايىتى يىراق بولغاچقا، چوقۇم يېڭىدىن چوڭ بىر ھەربىي رايون قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېڭىدىن قۇرۇلغان قەشقەر ھەربىي رايونىنىڭ قارمىقىدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، قەشقەر ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ۋە ئالى ھەربىي رايونىدىن ئىبارەت بەش ئورۇن بولىدۇ. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىر چوڭ ھەربىي رايون بار ئورۇنغا نۇرغۇن نوپۇسنى كۆچۈرۈپ ئەكەلگىلى بولىدۇ. بۇنچە كۆپ نوپۇسنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئىستېمالى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. قەشقەرگە يەنە، مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش، بىر قىسىم ھەربىي ئىنىستىتۇت ۋە ج خ جىنايى ئىشلار ساقچى ئىنىستىتۇتلىرىنى يۆتكەپ ئەكىلىش كېرەك. قەشقەردە يەنە، دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقىمۇ بولىدۇ. مەركەز پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن غايەت زور مەبلەغ سالىدىغانلا بولسا، قەشقەرنى چوقۇم تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. قەشقەر پەقەت بازار ئىگىلىكىگىلا تايىنىۋالماي، يەنە تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىگىلىكى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىشى كېرەك.
مەن جەنۇبلۇق بولغاچقا، شىنجاڭ مەسىلىسىگە بولغان تونۇشۇم ئانچە چوڭقۇر ئەمەس. كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مــەنـــبـەلـەر:

http://blog.ce.cn/html/27/38327-197950.html
http://bbs.news.163.com/bbs/shishi/149395381.html
http://www.360doc.com/content/12/1223/01/5079158_255767687.shtml

تىلىماچ ئىلاۋىسى: بۇ ماقالە ئەسلى مەنبەدە «جۇڭگودىكى 34 ئۆلكىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا بېرىلىپ، شەندۇڭ، لياۋنىڭدىن تارتىپ، تاكى شىياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگىچە بولغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالغان. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى 7- قاتاردا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، شىنجاڭغا ئائىت قىسمىلا تەرجىمە قىلىندى.
مەزكۇر ماقالىنىڭ مەن پايدىلانغان مەنبەدىكى ئاپتورى ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئاخىرقى باياندىن قارىغاندا، مەلۇم بىر شەخسنىڭ يازغىنى ئېنىق. شۇنداق ئىكەن، بۇ ماقالە شەخسنىڭ مۇلاھىزىسى ۋە مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قېرىنداشلارنىڭ مېنى ئەيىپكە بۇيرۇماسلىقىنى، ھەم ماقالىگە قارىتا قالايمىقان پىكىرلەردە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سۆزلىمىسەڭ يوقتۇر  ھىچكىمنىڭ كارى سۆزلىگەن ئىكەنسەن   دەلىللەپ ئارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 403
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:14:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ كومپارتىيەنىڭ شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەكىلىپ :  بىز ئۇيغۇرلار ھەقسىز ھاشار چېپىشقا بەك ئامراق . بىز ئافرىقا ئەزەلدىن دولىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايمىز . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۇلىدىكى ئۆلكىلەر ياردەم قىلىپ ۋەھشى تەرەققى قىلىپ كەتتى . شۇڭا ، بىز ئەمدى ئافرىقىغا چىقىپ قاتتىق ناننى لاي سۇغا چىلاپ كۈندۈزى ھاشار چېپىپ ، كىچىسى ۋەتەننى قوغداپ مىللى بۆلگىنچىلەرگە قارشى تۇرۇپ كومپارتىيەگە بىر ئۈمۈر جاۋاپ قايتۇرساق دەيمىز .

پادىشاھ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:31:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
قانۇن تۈزۈملەرگەئاڭلىق رىئايەقىلايلى!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92894
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 877
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:51:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن پارتىيەنىڭ كىچە كىچىلەپ ئويلىرىمىزگىچە كىلىپ ئوتتۇرا كىچىدە ئىشىك قېقىپ بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى قوغدىغانلىقىدىن بەك تەسىرلەندىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92894
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 877
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:54:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆكۈمەت خىزمەت ئورۇنلىرىغا خەنزۇلارنى ئاسانرەك ئالىدىكەن.
ئۇيغۇلارنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن خىزمەت بېسىمى ئېغىر دەپ تەسرەك ئالىدىكەن.
مەن بونىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتتىم .

http://qintax.33591.cn

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13267
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 6587 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 10:12:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيادە ئىشقا ئارلاشماي 我们新疆好地方نى ئېيتىپ ئولتۇراي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4159
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 10:16:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز دۆلەتنى سۈيگەندەك ، دۆلەتمۇ بىزنى سۈيۈش كىرەك....................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش