مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: forever1

خوتەندە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85062
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-9-14
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 06:52:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ-ئاللاھ  ھەممىمىزنى ئامان ئىسەن قىلسۇن،

ھەممە نەرسە سېنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2939
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12554
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 5672 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:23:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
subat- يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 05:39 PM
سۇنى ئوتتىن ئاتلىتىپ چاچقىنىنى نىم دەيمىز؟
ئۇنىڭغا ك ...

ساۋېر قىلىڭ ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ..........................

سۇغاسالساڭ سۇكۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى..

گۈلىستان مۇنبىر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51612
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3987
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 792 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 12:34:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 8 كۈنلۈك ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىىدە، تۈنۈگۈن ( 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ) كەچتە ئوت كەتكەن قوروغا بېرىپ،  6-قەۋەتتىكى ئۆيى كۆيۈپ كەتكەن يۇرتدىشىم كۈرەشجان ( يانفون نومۇرى : 18099057935 )  بىلەن  تەپسىلىي سۆھبەتلەشتىم، ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم.  
   ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئوت ئاپىتى دەسلەپ بىنانىڭ كەينىدىكى ئائىلە جابدۇقلىرى شەھەرچىسىىگە  تۇتۇشۇپ، شامالنىڭ تەسىرىدە  ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ 1-،-2-قەۋىتىگە  يامرىغان ئىكەن. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن  ( تەخمىنەن 20 -30 مىنۇتلار ئۆتكەندە )  لوپتىن بىر دانە، قاراقاشتىن بىر دانە ئوت  ئۆچۈرۈش ماشىنسى  يېتىپ كېلىپ،  ئوت كەتكەن قورونىڭ ئىچىدە سۇ چېچىشقا تەييارلانغان بولسىمۇ، بۇيرۇق چۈشمىگەچكە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى دەرھال باشلىيالماپتۇ.  بۇيرۇق چۈشكەندە ، ئوت ئاللىقاچان ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگە تۇتۇشۇپ بوپتۇ.  ۋىلايەت،  خوتەن شەھىرى رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە  نەقمەيداندا قوماندانلىق قىلغان ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلغان ، كۆپچىلىك تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ،  رەھبەرلەر كېلىپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوت ئۆچۈرۈشتىكى ھالقىلىق پەيتنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى،  ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئازلىقى، ئوت  كەتكەن ئىككى بىنا ئارىلىقىىنىڭ تارلىقى  قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ.  تەخمىنەن بىرەر سائەتلەردىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ سانى ئاۋۇپ، تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا 30 نەچچىگە يېتىپتۇ. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ج خ كادىر ، ساقچىلىرىنىڭ سانىمۇ ئاۋۇپ، ئوت  تاڭ ئاتارغا يېقىن  (سەھەر سائەت 5 ئەتراپىدا )  تىزگىنلىنىپتۇ. بىر كېچە كۆيگەن كۈچلۈك  ئوت ئۈچ بىنادىكى 112 ئائىلىدىن 42 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىنى پۈتۈن بىساتى بىلەن كۆيدۈرۈپ تاشلاپتۇ.  يەنە ئالتە ئائىلىنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ،  كۆيۈپ كەتكەن ئۆيلەردىن چىققان ئىسنىڭ تەسىرىدە ئۆي ئىچى ۋە سىرتى قارىداپ كېتىپتۇ. ئۆيى  كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان 42 ئائىلىنىڭ ئىچىدە يەتتە ئائىلىلىك ئوقۇتقۇچى باركەن (  ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەن كۈرەشجاننىڭ  28 يىللىق بىساتى بولغان 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال- مۈلكى كۆيۈپ تۈگەپتۇ ).  ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن خوتەن  ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گوسەن، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا ، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شيۇچېڭ،  ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى  جۇڭ بەيلى،  شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شەھەر باشلىقى ئادىل نۇرمۇھەممەت قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنى بىرمۇ-بىر يوقلاپ، ئۇلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،  ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارغاتەسەللىي بېرىپتۇ. خوتەندىكى  كەڭ خەلق ئاممىسى  ( ئۇيغۇر قېرىنداشلار ) ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ،  خوتەن شەھىرى  « ئىنساب ۋە ئىزدىنىش كىتابخانىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى، مەرىپەتپەرۋەر يەككە تىجارەتچى، قاشتېشى  دىيارىدىكى  سېخىي تىجارەتچى،  يېتىم-يېسىرلارنىڭ غەمگۈزارى، تۇرسۇنتوختى ھاجىم تەشەببۇس قىلغان  ئىئانە توپلاش پائالىيىتگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇۋېتىپتۇ. خوتەن شەھىرىدىكى « مۇبارەك ئىمپورت ماللار بازىرى» قاتارلىق بىرنەچچە سودا شەھەرچىسى، سودا دۇكانلىرى ئىچىدە ئىئانە توپلاش ساندۇقى تەسىس قىلىنىپتۇ. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەر  ئۆز يېنىدىن  پۇل چىقىرىپ ،  قورو ئىچىدە  يەتتە دانە ۋاقىتلىق چېدىر تىكلەپ ئولتۇرۇپتۇ. بەزى ئائىلىلەر  خوتەندىكى خالىس نىيەتلىك، مېھرى ئىسسىق قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىگە ، مېھمانخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.   ئاشۇ تەۋەلىكنى باشقۇرىدىغان ناۋاغ كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىمۇ ئائىلىلىكلەر قوروسىغا كۈندە دېگۈدەك كېلىپ،  زىيانغا ئۇچرىغانلارغا تەسەللىي بېرىش، ئىدىيەۋى تەربىيە ئىشلەش  خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ، ، زىيانغا ئۇچرىغان 42 ئائىلە  ھۆكۆمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ  ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىش ،  ئاپەتنىڭ سەۋەبىنى توغرا تەكشۈرۈپ ۋاقتىدا يەكۈن چىقىرىپ بېرىش ئارزۇسىدا تۈنۈگۈن  بىر پارچە ئىلتىماس يېزىپ ، دۈشەنبە كۈنى تەشكىلگە تاپشۇرۇشقا تەييارلاپتۇ. ئالاقىدار تارماقلار 8 كۈندىن بۇيان ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە زىيىنىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۈشەنبە ( 22-چىسلا  ) ئەتراپىدا ئاممىغا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.  
     بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە كېلىپ چىققان زىياننىڭ تەپسىلاتىنى ئەتە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردىن بىلگىلى بولىدىكەن.
  ئاخىرىدا دېمەكچى  بولغىنىم :  دىيارىمىزدىكى خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ، ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ يۇقارقى تەشەببۇسنامىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا  ۋاقتىدا يەتكۈزۈشىنى، ناۋادا  ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ، قىزىل كىرسىت جەمئىيەتلىرى  ئىئانە توپلاپ قالسا، ئۇنىڭغىمۇ پائال ئاۋاز قوشۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
     ساخاۋەت ۋە ھىممەتتىن ئىبارەت ئۇلۇغ سۈپەت پاك نىيەت كىشىلەرگىلا خاستۇر.  ساخاۋەت ۋە ھىممەتنىڭ مەرتىۋىسى يۈكسەك ۋە پارلاقتۇر. زۆرۈر ۋاقىتتا بېرىلگەن خالىس ياردەم  ئالىيجاناب ، سېخىي، مەرد كىشىلەرنىڭ ئېسىل  پەزىلىتىنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسىدۇر. ساخاۋەتلىك قوللار سنغان يۈرەكلەرگە يەتكەندە، قېرىنداشلىق مېھرى ھەممىمىزنى ئالەمچە خوش قىلغاي.

گۈلىستان مۇنبىر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51612
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3987
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 792 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 12:36:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەندىكى ئوت ئاپىتىگە ئىئانە توپلاش توغرىسىدا تەشەببۇسنامە



   خوتەندە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىكى زور زىيانغا قارىتا كەڭ خەلق ئارىسىدا ئاكتىپلىق بىلەن تەشەببۇسنامىلەر چىقىرىلىپ، ئىئانە  توپلاش بانكا كارتىلىرى ئېلان قىلىندى . بىراق ، بۇنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشىغا نىسبەتەن، ئىئانە قىلغۇچىلار دەرگۇماندا بولغاچقا، ئىئانە قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولسىمۇ ، ئۈنۇمى ياخشى بولمىدى. ھازىر خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، ئىشەنچلەك ، قانۇنلۇق بولۇش ۋە ئىئانىنى بىر تۇتاش يېغىپ بىر تۇتاش تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خوتەندىكى جامائەت ئەرباپلىرى مەسلىھەتلىشىپ (خوتەندە ھازىرچە بۇ خىل فوندى جەمىيەت بولمىغاچقا )، خوتەندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مەرىپەتەرۋەر ، ساخەۋەتچى " ئىنساب ۋە ئىزدىنىش كۈتۈپخانىسى›› نىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنتوختى( ساۋۇر) ھاجىم نامىدا ئىئانە يېغىش مەخسۇس ھېساپ كارتىسى ئېچىلدى ، شۇنداقلا شىنجاڭ يىپەك شەھرى ئادۋۇكاتلىق ئورنىدىن ئادۋۇكات ئوسمان مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ خالىس مەسلىھەتى، خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىنىڭ ئىئانە توپلاش كارتىسىنى ساقلاش، ئىئانە توپلاش ۋە تارقىتىشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن جەريانغا خالىس نازرەت قىلىش، گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى ئاشكارە،قانۇنلۇق ئېلىپ بارماقچى. بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەشكىللىگەن پائالىيەت ئەمەس، جەمىيەتتىكى كەڭ ساخاۋەتچى ، ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك قىزغىنلىغىنىڭ تەقەززاسىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋى پائالىيەت.ب ىز ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ،جەمىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز ۋە يېقىندىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.   
   ئىئانە يېغىش بانكا كارتا نومۇرلىرى :
سودا سانائەت بانكىسى 6212263015000303607
يېزا ئىگىلىك بانكىسى  6228483700223661218
جۇڭگو بانكىسى  6216618300011019886
قۇرۇلۇش بانكىسى  6227004670300121166
پوچتا ئامانەت بانكىسى 6221888960001065182
مۇئامىلىدار ئىسمى:吐送托合提•沙吾尔
ئىىئانە توپلاشنىڭ ئاخىرقى مۇددىتى 2013-يىلى5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
(يۇقارقى كارتىلار خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىدا ساقلاندى ،بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق پىدائىنىڭ ئۆز ئالدىغا  ئىئانە يېغىش بانكا كارتا نومۇرىنى ئېلان قىلماي ،بۇنىڭغا ئورتاق ئاۋاز قوشىشىنى سورايمىز).
ئالاقىلىشىش تېلېفونى:
تۇرسۇنتوختى( ساۋۇر) ھاجىم:13809980711،18034801111
ئادۋۇكات ئوسمان مۇھەمەد:13899452830
خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئونىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى
نۇرى مۇھەممەد  :13999430118،ئامىنە باقى :13999057581
جەمىيەت نازارەتچىسى ۋەكىلى: ئىمامنىياز ھاجىم :18609038633
                                   ئۇبۇل ھاجىم 13399038188

مائارىپچىلار مۇنبىرىنىڭ تولۇقلىما تەشەببۇسى :


     دىيارىمىزدىكى خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ، ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ يۇقارقى تەشەببۇسنامىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا  ۋاقتىدا يەتكۈزۈشىنى، ناۋادا  ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ، قىزىل كىرسىت جەمئىيەتلىرى  ئىئانە توپلاپ قالسا، ئۇنىڭغىمۇ پائال ئاۋاز قوشۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
     ساخاۋەت ۋە ھىممەتتىن ئىبارەت ئۇلۇغ سۈپەت پاك نىيەت كىشىلەرگىلا خاستۇر.  ساخاۋەت ۋە ھىممەتنىڭ مەرتىۋىسى يۈكسەك ۋە پارلاقتۇر. زۆرۈر ۋاقىتتا بېرىلگەن خالىس ياردەم  ئالىيجاناب ، سېخىي، مەرد كىشىلەرنىڭ ئېسىل  پەزىلىتىنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسىدۇر. ساخاۋەتلىك قوللار سنغان يۈرەكلەرگە يەتكەندە، قېرىنداشلىق مېھرى ھەممىمىزنى ئالەمچە خوش قىلغاي.





بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93489
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 09:27:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://tumarim.net/yl_kino_player.asp?id=1633&weli=1

ئۈستىدىكىسى ئوت ئاپىتىنىڭ سىن فىلىمى.بەك زور ئاپەت بوپتۇ.اللاھ ئىگەم ئاسانلىق بەرسۇن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 09:30 AM  


ئۆتىۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس،بەلكى،ئۆمۈردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2823 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 09:50:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumurkadiri يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 12:34 PM
مەن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 8 كۈنلۈك ئەھۋالنى  ...

سەۋەبە ئېنىقلىنىپتىمۇ يا ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش