مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: handanjan

مېنىڭ مۇھەببىتىم خەنزۇۋان   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93932
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2013-3-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 08:57:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېزراق يۇللىسىڭىز چۇ؟  باشلىنىشى ياخشى بوپتىكەن.

زۇلخۇمار[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10382
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4727 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 09:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىز يولىلىڭە باكا ساقچىغا مەلۇم قىلۋەتمەي سىزنى ،ئاچچىغىم يامان جۇمۇ !!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80226
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3724
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 09:13:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرۈشتىنمۇ ئارتۇق شېرىنلىك بولمىسا كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 09:26:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قېنىئۆلۈپ قالمەن بىكا تېز يوللاڭ ئاخىرنى

ئاللاھىم سەن ھەممىگە قادىرسەن ،ھەممىنى كۆرۇپ تۇرغۇچىسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3823
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 09:27:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇن يوق. تىزراق يۇللاڭ شۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dartman211 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-13 09:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78332
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3408
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 09:31:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇۋان      بەك پاساھەتلىك ئىسىم بوپتۇ بۇ       ~~~~~~~~11111111111111111111111111111!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73690
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3469
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 09:44:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇۋاننى ‹ خەن ساۋات›دەپ ئۆزگەرتىپتۇ . تورداشلار  بۇندىن كىيىن توغرا قوللىنايلى..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84479
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-29
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 09:55:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ۋان فامىلىك خەنزۇ ئوخشايدۇ دەپتىمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92463
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 500
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 10:11:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزراق يوللاڭ!!!!!!!!!!

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5891
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 10:43:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرنى ئاڭلاپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.رەت قىلىۋېتىپتۇ،كۈلەيمۇ؟ياق،مېنىڭ كۈلۈشكە ھەققىم يوق،چۈنكى مەن ياخشى كۆرگەن قىز ئانا تىلىنى بىلمەيدىكەن،مەن بۇنى قوبۇل قىلالمايمەن،ۋاز كىچەيمۇ؟ياق،مەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام……
      -ئۇيغۇرچىنى بىلەمسىز دەپ سورىسام،-دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى شىرزات خىيالىمنى بۆلۈپ،-نورمال ئالاقە قىلالايمەن،بەزى ھەرپلەرنى تونۇيمەن،لېكىن يازالمايمەن،دەيدۇ.نېمىشقا دەپ سورىسام،كىچىكىمدە ئازراق ئۈگەنگەن،كېيىن خەنزۇچە مەكتەپكە كىردىم،ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغاچقا ئاساسەن ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن،دەپ جاۋاپ بەردى.شۇلارنى ئاڭلاپ مۇشۇنداق قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلدىم.
        -ئەمدى قانداق قىلماقچىسەن؟-سورىدىم يەنە ئۇزۇن قۇلاقلىق قىلىپ.
       -نېمە قىلاتتىم،ئانا تىلنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بىرىنى تاپارمەن،-دەپ جاۋاپ بەردى دە كارىۋاتقا بېشىنى قويدى.ئۇنىڭغا تازا ئوبدان نەزەر سالدىم،قارىماققا ئۈجمە كۆڭۈلدەك كۆرىنىدىغان بۇ دوستۇمنىڭ ئەسلى قىزلارغا بولغان تەلىپى بەك جايىدا ئىكەن.ئۇدۇلۇمدا ياتىدىغان بۇ مىللەت قارىشى كۈچلۈك ياتاقداش دوستۇمنى قايتىدىن تۇنۇدۇم.
      -ھە راست،ئۇ كۆڭلىدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى ساڭا دەپ بەردىمۇ؟-سورىدى باياتىن بېرى گەپ قىلماي تۇرغان ياتاقدېشىمىز تۇرغۇن.
      -ياتاققا كىرگەندە ئۇچۇر يوللاڭ،ئاندىن دەپ بېرەي دەيدۇ،نېمە قىلىمەن ئەمدى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىپ،-دېدى شىرزات قىزىقمىغاندەك.
       -ۋاي سوراپ باققىنە،سەن قىزىقمىغان بىلەن بىز قىزىقىمىز،بىزنىڭ يىللىقتا دەپتۇغۇ،-دېدىم مەن.
       -ھە ماقۇل،ھازىر سوراپ باقاي،-دېدى ئۇ ۋە تېلىفۇننى قولىغا ئېلىپ بىر نېمىلەرنى يازدى ئاندىن يوللىۋەتتى.ھەممىمىز بەك تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈق،ئەمەلىيەتتە ئەڭ تەقەززا بولغىنى مەن ئىدىم،«ئۇ زادى كىمدۇ بىزنىڭ يىللىقتىكى»دەپ خېلى پەرەز قىلىپ باقتىم،بىراق مۇۋاپىق بىرەرىنى تاپالمىدىم.بىردەمدىن كېيىن شىرزاتنىڭ تېلىفۇنى سايرىدى،ھەممىمىز تەڭلا يۈگۈردۇق.شىرزات تېلىفۇنىغا بىر قارىدى دە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
       -ھا ھا ھا…ئەڭ ياخشىسى سىلەر كۆرمەڭلار،ھا ھا ھا…-ئۇ كۈلگىنىچە ماڭا قارىدى،مەن تېخىمۇ قىزىقىپ تېلىفۇننى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالدىم.تېلىفۇن ئېكرانىغا قارىدىم دە ھاڭ تاڭ قالدىم،چۈنكى ئۇچۇر«سىزنىڭ سىنىپىڭىزدىكى نىجات»دەپ قايتۇرۇلغانىدى.ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى كىشىنىڭ مەن بولۇپ قېلىشىمنى ئەسلا خىيالىمغا كەلتۈرمىگەنىدىم.
          -بەخت قۇشى قونۇپتۇ ساڭا.
         -ھا ھا ھا،تازا چىرايلىق بىر قىز ئىدى ئۆزى،زايا كېتىدىغان بولدى بۇنىڭغا.
        -ۋاي نەدىكىنى ، تازا قاملىشىپتۇ،«نىجات-گۈلرۇخ»ئىسىملىرىمۇ تاھىر-زۆھرە ، غېرىپ-سەنەملەرنىڭكىدەك بەك ماس كەپتۇ.
         ياتاقتىكىلەر بىر تەرەپتىن كۈلەتتى،بىر تەرەپتىن ماڭا قاراپ ھەرخىل چاقچاقلارنى قىلىشاتتى.لېكىن مەن شىرزاتنىڭ تېلىفۇنىنى تۇتقىنىمچە ئولتۇرۇپ قالغانىدىم.بىردەمدىن كېيىن شىرزات تېلىفۇنىنى قولۇمدىن ئالدى ۋە ئۇچۇر قايتۇرۇشقا تەمشەلدى.
       -نېمە دەپ قايتۇرماقچى؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.
       -سېنىڭ تېلىفۇن نومۇرۇڭنى دەپ بىرەي دەيمەنمۇ،-دېدى ئۇ مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ.
       -يوق گەپنى قىلماي جىم ئولتۇرە لاۋزا!-دېدىم مەن ئازراق تېرىكىپ.
      -ۋاي ۋۇي،چاقچاق قىلىپ قويدۇم.
            كاللام قۇپقۇرۇق،بىردەم كۈلگۈم كېلەتتى، بىردەم تېرىكەتتىم.نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ھاڭۋاقتىدەك تورۇسقا تىكىلگىنىمچە كارىۋېتىمدا ياتتىم.ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتتى،تۇيۇقسىز تېلىفۇنۇم سايرىدى.قارىسام ناتونۇش بىر نومۇردىن كەلگەنىكەن.
     -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-دېدىم مەن تېلىفۇننى ئېلىپ ، قارشى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
      -ياخشىمۇسىز؟
      -ھە،ئۆزىڭىز…؟
      -سىز بىرىنچى يىللىقتىكى نىجاتمۇ؟-قايتۇرۇپ سورىدى مەندىن.
      -ھەئە،مەن شۇ،ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟
      -مەن تەييارلىقتىكى گۈلرەبا،مېنى تونۇمسىز؟
      -ھە…؟-مەن ھەيرانلىقتا شىرزاتقا قارىدىم،ئۇ ماڭا قاراپ مەغرۇر كۈلدى،مەن دۇدۇقلىغىنىمچە سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم،-ھە…ئە،تو…تونۇيمەن،ئىسمىڭىزنى…ئاڭلىغان.
      -ھە ئۇنداقتا ياخشى،سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى…
      -ئاۋۇ…ھېلىقى،بۈگۈن مېنىڭ ئازراق ئىشىم بار ئىدى،خاپا بولماي ئەتە تېلىفۇن قىلسىڭىز…
         -ھە…مەيلى ئەمىسە،ئەتە قىلاي.
        -تېلىفۇننى قويۇۋەتتىم.مەن بىر نەرسە دەپ بولغۇچە شىرزات:
       -خاپا بولما ئاداش،ئۇ ئۆزى مەندىن سوراپ تۇرۇۋالدى،مەندىمۇ ئامال يوقتە،-دەپ  ئۈلگۈردى.بولدىلا…مەن ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېمىدىم.چۈنكى بۇ بىر ھېسابتا ياخشى ئىش ئىدى.لېكىن راست ياخشى ئىشمۇ ئەمەسمۇ تېخى ئىنىق بولغىنى يوق.«قانداق قىلىش كېرەك؟»كاللامدا مۇشۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە يوق،ئەگەر شىرزات ئۇنىڭ خەنزۇۋان ئىكەنلىكىنى دېمىگەن بولسا بۇ مەن ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق ئىش بولاتتى،بىراق ھازىر ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس،،،مەن ئۇنى ھازىرمۇ شۇنداق ياخشى كۆرىمەن ،بىراق ياخشى كۆرۈش دېگەن باشقا،مۇھەببەتلىشىش دېگەن باشقا،ھازىرقى ياخشى كۆرۈش ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ياخشى كۆرۈش خالاس.ئۇنىڭغا ئېيتمىسا بۇ كۆڭلىدىلاقېلىپ قالىدۇ.بىراق مۇھەببەتلەشسىچۇ؟ئەلۋەتتە بىللە بولىدىغان گەپ،بىراق مەن ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان بىرسى بىلەن بىللە بولسام بولمايدۇ.كاللام پارتلاپ كېتەيلا دەپ قالدى،رەت قىلىش كېرەكمۇ ياكى قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ؟مەن زادى بىر قارارغا كېلەلمىدىم.ئاخىرى ئامال يوق شىرزاتقا گۈلرەبانى مېنىڭمۇ ناھايتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى،بىراق مەنمۇ ئۇنىڭ ئانا تىل بىلمەيدىغان بۇ تەرىپىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىمنى دېدىم.ئۇ ھەيران قالغاندەك بىردەم بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئولتۇردى،ئاندىن:«بۇنىڭغا مەنمۇ بىر نەرسە دېيەلمەيمەن ئاداش،سەن ئۆزۈڭ بىلىپ بىر ئىش قىل»دېدى.ئاخىرىدا مېنىڭ مىللىي ھېسسىياتىم مۇھەببەتتىن ئۈستۈن كەلدى،مەن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلدىم.ئەلۋەتتە بۇقارارغا ئۇنچە ئاسان كەلمىگەنىدىم.مەن ئۇنىڭغا نېمە دەپ رەت قىلىمەن؟سىز ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەسىز دەيمۇ؟ياق،بۇنداق دېسەم بولمايدۇ،بۇ بىرخىل ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئادىل بولمىغان باھانە.مەن ئويلا ئويلا ئاخىرى مۇۋاپىق باھانىدىن بىرنى تاپتىم.



(ياتاقنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرىۋەتكەچكە ئاخىرىنى داۋاملىق يوللاشقا ئامالسىز قالدىم،ئاللاھ خالىسا ئەتىلەتتىن يوللايمەن،قېرىنداشلار دوق قىلماي ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىلەر،،،ئۆزياش.)

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش