turgun201 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 03:25 PM
بىڭتۈۋەن سىفەن دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچى سىز دەپ بەرسىڭز ب ...
بولىدۇ، چاتاق يوق،مەن ئۇيغۇر دەپ مەيدەمگە مۇشلىيالىغاندىن كېيىن مەن دەپ بېرەي، ئۇ سىز كىچىكىڭىزدىن ئاڭلاپ كۆنۈپ كەتكەن ‹بىڭتۈەن›دىن شىنجاڭدا بىرسى بار،ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئەسكەرلەر پولكى.بۇ ئورۇننىڭ باش شىتابى ئۈرۈمچىدە بولۇپ،جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئەسكەرلەر پولكى ھېسابلىنىدۇ.ئۆز ئالدىغا مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش،ئەدىلىيە باشقۇرۇش ھوقۇقلىرى بار بولغان مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇن.بىۋاستە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە جوڭگۇ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قوش رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.(ئاساسلىقى جوڭگۇ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ). بۇ ئورۇنغا بىۋاستە قارايدىغان 14 دىۋىزىيە،(بۇنىڭ ئىچىدە بىر قۇرۇلۇش دىۋىزىيىسى)ھەمدە 185يېزا-ئىگىلىك ،چارۋىچىلىق پولك مەيدانى بار.
ئەمدى يۇقارقى سىز كىچىكىڭىزدىن ئاڭلاپ كۆنۈپ كەتكەن سۆزنىڭ تەرجىمىسىنى دەپ بېرىشىمنىڭ ئورنى بارمۇ؟
ئەڭ ياخشىسى دەپ بېرەي،شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئەسكەرلەر پولكى مىللىي پىداگوگىكا مەكتىپى. بەك ئۇزۇن شۇنداقمۇ؟ خەنچىسى بەك قولايلىق ھە؟