НаБи يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 01:54 AM
8-رەسىمدىكى چىچەكنىڭ يېندىكى قۇش سەل ئوخشاپ قالدىك ...
بۇلبۇلغا سەل ئوخشايدىكە دىگىنىڭىز مۇشۇ قۇشمۇ؟
قارىغاندا بۇلبۇل راسلا شۇ غۇلجىدا كۆپ ئوخشايدۇ، غۇلجىنى خېلى يېشىللىققا تولغان مەنزىرىلىك جاي دەپ ئاڭلىدىم، شۇڭا بۇلبۇللارمۇ قەيەر چىرايلىق يېشىللىققا تولغان بولسا شۇ يەردە بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ھە راس، 5-ئاي كېلەي دەپ قالدى، مۈمكىن بولسا شۇ بۇلبۇللارنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى تېلفۇندا بولسىمۇ سىنغا ئېلىۋېلىپ، بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويساڭلار، شۇ بانادا بۇلبۇلنىڭ قانداق سايرايدىغىنى بىزمۇ ئاڭلاپ بىلىۋالساق بوپتىكە.