zarqush يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 05:30 PM
ھە......بىلدىم، تەنبىھ بەرگىنىڭىزگە، بىر چۈشەنچىگە ئىگ ...
ماۋۇ دوكتۇر ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پەتىۋاسىكەن.
ئايەتلەر يېزىلغان كۆرۈنۈشلەرنى تامغا ئېسىشقا بولامدۇ؟
سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېقىندىن بويان ئايەتلەر ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان كۆرۈنۈشلەرنى كىشىلەر ئۆيلىرىگە زىننەت ئۈچۈن ئېسىۋالىدىغان بولدى. بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھۆسنخەت شەكلىدە بولۇپ ھەتتا ئوقۇغىلىمۇ بولمايدۇ. مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى تاملارغا ئېسىۋالساق بولامدۇ؟ ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن.
يەنە بىر سۇئال: ماشىنىلارنىڭ ئىچىگە بىر تەرىپىگە ئاللاھنىڭ ئىسمى يېزىلغان يەنى، بىر تەرىپىگە ئايەت يېزىلغان زىننەت بۇيۇمىنى ئاسسا بولامدۇ؟
يەنە بىر سۇئال: بىر دوستۇم ئاشخانا ئاچماقچى ئىكەن. ۋىۋىسكىسىغا ئۇيغۇرچىسىغا "ھالال" خەنزۇچىسىغا "چىن جىن" ئەرەبچىسىگە كەلىمە تەيبىنى يازدۇرۇپتۇ. كېيىنچە ئويلاپ كەلىمە تەيبىنى يازسام گۇناھ بولارمۇ دېگەن ئەندىشىدە بولۇپ قاپتۇ. ئۇستازىمىزنىڭ بۇنىڭ ھۆكمىنى دەپ بېرىشىنى سورايمىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئايەتلەرنى شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تاملارغا ئېسىش ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئوخشاشمىغان قاراشلاردا بولغان مەسىلە بولۇپ، بەزىلەر بۇ ئىشنى مەكرۇھ دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بىدئەت دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر جائىز دەپ قارايدۇ. دېمەك، بۇ مەسىلە ئىختىلاپى مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشتا كەڭچىلىك بار.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئەرەبلەرنىڭ ئاددى-ساددا جەمئىيىتىدە بۇ خىلدىكى رامكىلارنى ئېسىش ئادىتى بولمىغان. كېيىنچە رەسىم ياكى بەزى ھۆسنىخەتلەرنى تامغا ئېسىش ئادەتلىرى شەكىللەنگەن.
ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، پۈتۈن دۇنيا مىقياسى بويىچە تاملارغا رەسىم ياكى ھۆسنىخەتلەرنى ئېسىش ئومۇملاشقان بىر ئادەت. يېقىندىن بۇيان ماشىنىلارغىمۇ ئېسىش ئومۇملىشىۋاتىدۇ.
مەسىلىنىڭ ماھىيتىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا تامغا ئېسىلغان رەسىم ياكى ھۆسنىخەت مەزمۇنى مەلۇم جەھەتتە بىر ئەلدە ياشاۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىنى، قىممەت قارىشىنى، ئېتىقادىنى ۋە كەلگۈسىگە قارىتا ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بەلگىگە ئايلىنىپ قالدى ۋە شۇ ئاساستا ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ ئېتىقادى، تارىخى ۋە ئەنئەنىسىگە ماس نەرسىلەرنى ئاسىدىغان بولدى.
ئەمدى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن شەرئىي جەھەتتىكى قاراشلىرىغا قاراپ باقايلى:
1. ئېسىشنى مەكرۇھ دەپ قارىغان ئالىملار: تاملارغا ئېسىلىدىغان ئايەتلەر بەزىدە ئۆي كۆچۈش ياكى توشۇش جەريانىدا يۈك-تاقىلار قاتارىدا بېسىلىپ ھاقارەتلىنىپ قالىدۇ ياكى ئايەت ئېسىلغان ئۆيلەردە گۇناھ-مەسىيەتلەر قىلىنىپ ئايەت خارلىنىدۇ، دەپ مەكرۇھ دېگەن.
ئۇلارغا بېرىلىدىغان جاۋاب شۇكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي كۆچكەندە ياكى بۇ نەرسىلەرنى يۆتكىگەندە ئۆز لايىقىدا ئورۇندا قويۇپ يۆتكەش، گۇناھ-مەسىيەتلەر بولىدىغان جايلارغا قويماسلىققا دىققەت قىلىش تەبىئىيلا مەسىلىنىڭ مەكرۇھلۇق ھۆكمىنى ئېلىپ تاشلاپ ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھۆكمىنى كۈچكە ئېگە قىلىۋېرىدۇ.
2. بىدئەت دەپ قارىغان ئالىملار: بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان، قۇرئان بولسا تاملارغا ئېسىپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان، قۇرئان ئايەتلىرىنى زىبۇ-زىننەت قاتارىدا ئۆي بېزەشكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئايەتلەر ئېسىلغان جايلاردا گۇناھ-مەسىيەتلەر قىلىنسا، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىق بولىدۇ، بۇ تۈرلۈك رامكىلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بولسا، بۇ ئىسراپ دائىرىسىگە كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
لېكىن پەيغەمبەر دەۋرىدە بولمىغانلىكى ھەر قانداق ئىشنىڭ كېيىنكى دەۋىردە قىلىنىشىنىڭ ھەممىسى مۇتلەق ھالدا مەسىلىنىڭ بىدئەتلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بەرمەيدۇ. مىسالغا ئالساق: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىتاب قىلىپ تۈپلىمىگەن قۇرئاننى ساھابىلەر تۈپلىگەن، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېزىپ قالدۇرمىغان ھەم يېزىپ قالدۇرۇشقا بۇيرىمىغان ھەدىسلەرنى ساھابىلەر توپلىغان. جۈمە كۈنى بىرىنچى ئەزاننى ئارتۇق پەيدا قىلغان، بۇلار بىدئەت ھېسابلانمىغان، چۈنكى بۇ ئايرىم بىر ئىبادەت پەيدا قىلغانلىق بولماستىن ئەسلى بار ئىبادەتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق ئىشلار دەپ قارالغان، ھەمدە بۇ ئىشلار قۇرئاننىڭ زايا بولماسلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ جۈمەگە ئۈلگۈرەلىشى ئۈچۈن قىلىنغان ۋەسىلە خاراكتىرلىك ئىشلار. ئەگەردە تاملارغا ئايەتلەرنى ئېسىشنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان دەپلا چەكلەيدىغان بولساق، ئۇنداقتا بىر كىتاب قىلىپ جەملەنگەن قۇرئاننى ئوقۇشىمىز، بېسىپ تارقىتىشىمىز، يېنىمىزدا كۆتۈرۈپ مېڭىشىمىزمۇ بىدئەت بولسا بولاتتى.
3. ئايەتلەرنى شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تاملارغا ئېسىش جائىز دەپ قارىغان ئالىملار بۇ ھەقتە چەكلەنگەن بىر ئەھۋال بولمىغاچقا، جائىز دەپ قارايدۇ.
بۇلار مەسىلىنىڭ يۈزەكى تەرىپىگىلا قارىماستىن بەلكى مەسىلىنى ماھىيەتلىك كۈزىتىم ئاساسىدا تەھلىل قىلغان بولۇپ بۇلارنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە:
پەيغەمبەر ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىچە كۆرۈنۈشىگە ھېرىسمەن ئىدى، تەققى-تۇرقى، تاشقى قىياپىتىدە مۇسۇلمان شەخس مۇشرىك، بۇتپەرەس ياكى ئاتەشپەرەسلەردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن:
نافىئ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار! ساقاللارنى قويۇۋېتىپ، بۇرۇتلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار» دېگەن. سەھىھى مۇسلىمدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە: «بۇرۇتلارنى چۈشۈرىۋېتىپ، ساقاللارنى قويۇۋېتىڭلار، مەجۇسىلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار!» دېگەن. ([1])
يەنە: شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار! چۈنكى ئۇلار كەشلىرىدە ۋە ئۆتۈكلىرىدە ناماز ئوقۇمايدۇ» دېگەن. ئىبنى ھىببان رىۋايىتىدە: «ناسارالارغىمۇ» دەپ ئارتۇق كەلگەن.([2])
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ سەلەمە بىلەن سۇلايمان ئىبنى يەسار ئىككىيلەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يەھۇدىي-ناسارالار (چاچ-ساقاللىرىنى) بويىمايدۇ، سىلەر ئۇلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار» دېگەن.([3])
بۇنىڭدىن باشقا: ئاشۇرا روزىسىنى تۇتۇشتا يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر كۈن قېتىپ روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان.
ئومۇمەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش-ئىزلىرىدا مانا مۇشۇنىڭدەك غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىبادەتتە بولسۇن، تەققى-تۇرقى ۋە قىياپەتتە بولسۇن ئۆزگىچە ئىش تۇتقان ئەھۋاللار كۆپ.
بىزنىڭ تەھلىلىمىز بولسا تۆۋەندىكىچە:
ئۈچىنچى قاراشىتىكىلەرنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن ئادەتتىكى ئىسلام ئەللىرىگە نىسبەتەن جائىز دېگەن قاراش مۇۋاپىق بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن بۇنى مۇستەھەب ھەم پايدىلىق ئىش دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بىز باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە ياشايمىز، بېزەكچىلىكتە، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا، ھېيت-ئايەملىرىمىزدە شۇنداقلا ئايرىلىپ تۇرۇش مۇمكىن بولغان ھەر ساھەدە بىز ئايرىم، ئۆزگىچە، مۇسۇلمانلارغا خاس ئەنئەنە، پۇراق بىلەن كىملىكىمىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇشىمىز لازىم.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئايەتلەرنى شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تاملارغا ئېسىش بىدئەت ھېسابلانمايدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ سۆزىنى ۋە ئىسمىنى ئۇلۇغلاش شۇنداقلا ئەسلىتىش ھېسابلنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىسلام تەشۋىقاتى، ئىسلام شوئارى ھەم ئىسلام بەلگىسىدۇر، بولۇپمۇ يات مىللەتلەر ئارىسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆز كىملىكىنىڭ نىشانىسىدۇر.
شۇنداقلا ئىسلام بۇيرۇغان بىرەر كۆرسەتمىگە زىت كەلمەيدۇ، ئايەتلەرنى قەغەز، تام ياكى باشقا نەرسىلەرگە يېزىش، ئوقۇش ۋە ئەسلىتىش بۇيرۇلغان ئىش، بىدئەت ھېسابلانمايدۇ، ساھابىلارمۇ شۇنداق چۈشىنىپ ئىش قىلغان.
دېمەك، ئايەتلەرنى ئېسىش قاتارلىق بۇ تۈرلۈك ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتى كۆزدە تۇتىلىدىغان بولۇپ، تاملارغا ئايەت ئېسىش ئىشلىرى دىنى ماھىيەتتىن ئىشىپ ئادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ، ئۇنداق بولىدىكەن بۇنى بىدئەت دېيىشكە بولمايدۇ.
قۇرئاننى ئېسىشنى بىدئەت دەپ چەكلىسەك، بۇنىڭ ئورنىنى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر نەرسىلىرى ئىگىلەيدىغانلىقى ئېنىق، شۇنداقلا ئۆيلىرىمىز ياتلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئىشخانىلىرىمىز ياتلارنىڭ ئىشخانىلىرىدىن، دۇكانلىرىمىز ياتلارنىڭ دۇكانلىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ، بۇنداق قىلغاندا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرى يوقۇلۇپ كىملىكى مۇجىمەل مىللەتكە ئايلىنىپ قالىمىز، پەرزەنتلىرىمىزمۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولمايدۇ، تونۇمايدىغان بولىدۇ، چوڭ بولغاندا قۇرئان ئايىتىنى بىر يەردە كۆرسە ياكى قۇرئاننىڭ ئۆزىنى كۆرسە بۇ باشقا بىر مىللەتنىڭ ئادەتتىكى بىر كىتابى ئوخشايدۇ، دەپ چۈشىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئايەتلەرنى بايراقلارغا ۋە بەزى شۇئار خاراكتردىكى لەۋھە قاتارلىق نەرسىلەرگە يېزىش ئىسلام ئەنئەنىسى، مۇسۇلمانلىقنىڭ بەلگىسى ۋە شوئارى، شۇڭا يات مىللەتلەر ئارىسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ئۆزىگە تەۋە نەرسىلەردە داۋاملىق قۇرئان ۋە ئىسلام ئالامەتلىرىنى ئىزھار قىلىپ باشقىلاردىن ئايرىم تۇرۇشى لازىم، خەلىپىلەرمۇ دەسلەپ قىلىپ تىللا ۋە تەڭگە سوقتۇرغاندا تىللاغا سۈرە ئىخلاس ۋە كەلىمە شاھادەتنى يازدۇرغان. بەزى خەلىپىلەرنىڭ ئۈزۈكلىرىگە، مۆھۈر-تامغىلىرىغا ئايەتلەر يېزىلغان ئىدى، ھالبۇكى بۇ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان ئىش ئىدى، لېكىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ سوقتۇرغان پۇللىرى ئالدىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ پۇلى ئايرىم ئىسلام پۇرىقى بىلەن ئالاھىدە تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلار پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان ئىشنى قىلغان، بۇنى بىدئەت دەپ قارىمىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشرىك ۋە كاپىرلاردىن يۈرۈش-تۇرۇش ۋە شەكىل-قىياپەتتە، ئولتۇرۇپ-قوپۇشتا، ئۆي تۇتۇش ۋە بېزەشتە، شۇنداقلا بارلىق ئىشلىرىدا ئۆزگىچە ۋە ئايرىم بولۇشى مۇسۇلمانلار كىملىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.
ئەلۋەتتە ئايەتلەرنى خارلايدىغان شەكىلدە ئېسىشقا، دەسسىلىدىغان گىلەم ۋە پالاسلارغا يېزىپ ئۆيلەرگە سېلىشقا، ياستۇق، يوتقان-كۆرپىلەرگە يېزىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ بىھۆرمەتلىككە ئېلىپ بارىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ شەكسىز چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدەك ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدۇ.
بۇ نۇقتىدىن تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسى بولىدىغان ئادەت ئىشلار بىدئەت بولماي بەلكى مۇستەھەب بولىدۇ، ھەر بىر ئىشقا بىدئەت دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرايدىغانلار مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ قارار چىقىرىشى، ئىبادەت بىلەن ئادەتنى ئايرىشى، نەزەرىيەگىلا قارىماي، ياشاۋاتقان مۇھىتقا، مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا، مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش زۆرۈرلىكى قاتارلىقلارنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى لازىم، چۈنكى پەتىۋا بىرىشتە ياشاۋاتقان مۇھىتنى چىقىش قىلىش پەتىۋا چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىدىن بىرىدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-12-3
--------------------------------------------------------------------------------
([1]) سەھىھەين: بۇخارىي 5892-ھەدىس. مۇسلىم 259-ھەدىس.
([2]) سۈنەنى ئەبى داۋۇد 652-ھەدىس. سەھىھى ئىبنى ھىببان 2186-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببان "سەھىھ" دېگەن. ئالبانىمۇ "سەھىھ" دەپ باھالىغان.
([3]) سەھىھەين: بۇخارىي 5899-ھەدىس. مۇسلىم 2103-ھەدىس
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-17411-3-1.html