تىلسىم يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 04:30 PM
مۇشۇ تېمىدا دىيىلگىنى نەق شۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G كە ...
سىز ئۇ كەسپنى ئاچقۇزۇشتىن بۇرۇن مېنىڭ تېلفۇنۇم كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G تورىنى قوللامدۇ دەپ سوراپ بېقىشىڭىز كېرەك ئىدى. ئاڭلىسام ئالما يانفۇنلىرىنىڭ جۇڭگۇدىكى باش ۋاكالەتچىسى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشمىش، شۇڭا كۆچمە خەۋەرلشىىش 3Gئابوتنتلىرى ئالما يانفۇنىنى ئىشلىتەلمەيدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئابونتلىرى ئالما يانفۇنلىرىغا كارتىسىنى سالسا ئاپتۇماتىك GSM تورىنى تاللاپ چىقىدۇ. بىر ئاز ئاۋارىچىلىق... ھازىر تېخىنىكا ئاشقانسېرى زاۋۇتلار سېتىلىپ (باشقا شىركەتلەرگە) كۆچمىنىڭكىنى تۇنۇسا بىرلەشمىنىڭكىنى تۇنۇمايدىغان، بىرلەشمىنىڭكىنى تونۇسا كۆچمىنىڭكىنى تونۇمايدىغان، ھەتتا تېخى تېلگرافنىڭكىدە تورغا چىققىلى بولسا كۆچمە، بىرلەشمە شىركەتلىرىنىڭكىدە تورغا چىققىلى بولمايدىغان تېلفۇنلارنى ياساۋاتىدۇ... كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ شىنجاڭدا ئىناۋىتى يۇقىرى بولغان بىلەن خەلقئارادا ئانچە يۈزى بولمىسا كېرەك... ئالما، سونى، سامسۇڭ يانفۇنلار بىرلەشمە تورىدا چىقىدىكەن...