dilbar يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 10:47 PM
ئاڭ بىرلەمچى،چۈنكى ئاڭ ئارقىلىق ماددىنى بەلگىلەيمىز.. ...
دېگىنىڭىز توغرا بولماپتۇ ،ئاڭ ماددىنىڭ كىشىلەر مىڭىسىدىكى ئىنكاسى .ئىنسان بالىسى تۇغۇلۇپ ماددا بىلەن ئۇچراشمىسا قانداق نەتىجە چىقار؟ مەسىلەن ،بىر بالىنى تۇغۇلىشىدىنلا ماددى دۇنيادىن ئايرىپ ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىغا ئوخشايدىغان ناھايىتى چوڭ ئۆينىڭ ئىچىگە سولاپ بېقىپ چوڭ قىلسىڭىز ،ئۇنىڭ نەـىجىسى قانداق بولار ؟
بىرىنچىدىن ،ئۇ سۆزلەشنى بىلمەيدۇ ؛
ئىككىنچىدىن ،ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھايۋاندىن پەرقى بولمايدۇ؛
ئۈچۈنچىدىن ،،ھەقىقى مۇھىتتا ياشاشنى بىلمەيدۇ ؛
تۆتۈنچىدىن،ئۇنىڭ كاللىسىدا ھىچقانداق ئۇچۇر بولمايدۇ .
..........
دېمەك ،ئۇ ھىچقانداق ماددىنى كۆرمىگەنلىگى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ كاللىسى قۇپ-قۇرۇق بولىدۇ .