XERHAN يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 06:02 PM
ئالدىنقى يىللاردا 25 ياشلار چامىسىدىكى بىر ساراڭ چىرا ...
شۇنى دەڭە.... بەزىلەر ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىستىكى شۇنچە كۈچلۈك تۇرۇپ،ھەم ھەقىقى بىلىمى تۇرۇپ ئارقا ئىشىكنىڭ تولالىقىدىن قېلىۋاتقان، يەنە بەزىلەر بۇ كەسپكە قىلچە مۇھاببىتى يوق تۇرۇپ، قاقشاپ تۇرۇپ ئامالسىز ئىشلەۋاتقان...
ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن كىچىكىمدىنلا بۇ كەسىپكە شۇنداق بىر ئىشتىياقىم با ئىدى،
مىللى مائارىپىمىز ئۈچۈن دەرس ئۆتۈپ بىلىملا بىرىدىغان ئەمەس بەلكى ھەقىقى بىر ئادەم تەربىيلىسەم، (ئەلۋەتتە، ئاۋال ئۆزۈمدە ھەم شۇنداق تەربىيلىيەلەيدىغان ساپانى ھازىرلاپ تۇرۇپ) دەپ ئويلايتىم،... ئىشقىلىپ، مائارىپقا ئاجايىپ بىر خىل ئۇرغۇپ چىققان قايناق ئىشتىياقىم بار ئىدى، ئەپسۇس.....
مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىسىتىكى كۈچلۈكلەر باشقىلارنىڭ پۇل بىلەن قېپ قالىدۇ ، ئاندىن بۇنداق چىرىك مائارىپتىن ماڭا ئوخشاش سەسكىنىدۇ... ئەشۇ پۇلى بىلەن مائارىپقا سوقۇنۇپ كىرگەنلەر شۇ ساپاسى بىلەن مۇنبەرگە چىقىدۇ، شۇ ساپاسى بىلەن ئادەم تەربىيلەيدۇ....شۇنىڭ بىلەن مىللى مائارىپ سۈپتى بارا-بارا ......
مائارىپ سېستىمىسىدىكى بىر قىسىم پارىخورلارغا شۇ چاغدىلا لەنەت! دەۋەتكەنمەن.... ھازىرقى خىزمىتىم شۇنداق ياخشى، بىراق ۋۇجۇدۇمدىكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بولغان ئىشتىياق تېخى ئۆچكنى يوق، بىراق. مائارىپتىكى بۇ خىل ھالەت ، بۇخىل چىرىكلىك ، ۋە ئىچىمدىكى ئاچچىق تۇيغۇ مېنىڭ ئۇ ئارزۇلىرىم ئۈستىدىن غالىب كەلدى... مائارىپقا قاراپ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويىمەن....شۇنداقلا، بۈگۈنۈمگە قاراپ يەنىلا يۈزمىڭ شۈكىرى..دەيمەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا happy123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-18 11:16 AM